ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. (ئۇلار) ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىنى گۇۋاھلىق بېرىش، نامازلارنى ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش، رامزان روزىسىنى تۇتۇشتۇر. بۇخارى 8؛ مۇسلىم 16

ئۈچىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدِ اللهِ بْنِ عُمَرَ بْن الخَطَّابِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: سَمِعْتُ النبي ﷺ يَقُوْلُ: » بُنِيَ الإِسْلامُ عَلَى خَمْسٍ: شَهَادَةِ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ الله وَأَنَّ مُحَمَّدَاً رَسُوْلُ اللهِ، وَإِقَامِ الصَّلاةِ، وَإِيْتَاءِ الزَّكَاةِ، وَحَجِّ البِيْتِ، وَصَوْمِ رَمَضَانَ «

ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:

«ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. (ئۇلار) ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىنى گۇۋاھلىق بېرىش، نامازلارنى ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش، رامزان روزىسىنى تۇتۇشتۇر.» (بۇخارى 8؛ مۇسلىم 16)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ