ئاياللار ئۈچۈن يۈز ھەدىس
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تۈزۈپ تارقاتتى
نۇقتىلىق كەلىمىلەر: ئاياللار توغرىسىدا ھەدىسلەر، ئاياللارغا ئالاقىدار ھەدىسلەر، ئاياللار ئۈچۈن ھەدىسلەر، ئاياللار ۋە ھەدىس، ئاياللار توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر، خانىم-قىزلار توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئانىسى، ئايالى، قىزى، ئاچا-سىڭلىسى قاتارلىق مەھرەملىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىمان جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى توغرىسىدا
1-خۇۋەيلىد ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئى ئاللاھ! مەن يېتىم ۋە تۇل خوتۇندىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ھەققىگە چېقىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەن.»(رىيازۇس سالىھىن 270)
2-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۆمىنلەر ئىچىدە ئىمانى ئەڭ مۇكەممىلى مىجەز-خۇلقى ئەڭ ياخشى بولغانلاردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر.»(رىيازۇس سالىھىن 628)
ئاياللارنىڭ ئەگرى قوۋرۇغىدىن يارىتىلغانلىقى توغرىسىدا
3-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار! ئاياللار ئەگرى قوۋرۇغىدىن يارىتىلغان. قوۋرىغىنىڭ ئەگرى تەرىپى ئۇنىڭ ئەڭ ئۈستىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى تۈزلەيمەن دېسەڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن. ئەگەر ئۆز پېتى قويساڭ، مەڭگە ئەگرى پېتى تۇرىۋېرىدۇ. شۇڭىلاشقا، سىلەر ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار.»(رىيازۇس سالىھىن 273)
4-ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«سىلەردىن ھەر بىرىڭلار بىر پادىچىسىلەر، ھەر بىرىڭلار ئۆز پاداڭلارغا مەسئۇل بولىسىلەر. باشلىق پادىچىدۇر، ئۆز خەلقىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ پادىچىسىدۇر، ئائىلە ئەزالىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيىدىكى پادىچىدۇر، ئائىلىگە مەسئۇل بولىدۇ. خىزمەتكار خوجايىنىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ پادىچىسىدۇر، خوجايىنىنىڭ مال-مۈلكىگە مەسئۇل بولىدۇ. سىلەردىن ھەر بىرىڭلار بادىچىسىلەر، ھەر بىرىڭلار ئۆز پاداڭلارغا مەسئۇل بولىسىلەر.»(رىيازۇس سالىھىن 300)
ھەر بىر بەندىنىڭ پەقەت ئاللاھتىنلا قورقۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا
5-مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنِ التَمَسَ رِضَاءَ اللهِ بِسَخَطِ النَّاسِ كَفَاهُ اللَّهُ مُؤْنَةَ النَّاسِ ، وَمَنِ التَمَسَ رِضَاءَ النَّاسِ بِسَخَطِ اللهِ وَكَلَهُ اللَّهُ إِلَى النَّاسِ)«كىمكى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بەدىلىگە ئاللاھنى رازى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ ۋە كىشىلەردىن ئۇنى ساقلايدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بەدىلىگە كىشىلەرنى رازى قىلماقچى بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى كىشىلەرگە تاشلاپ قويىدۇ.» (تىرمىزى 2414؛ ئەلبانى سىلسىلە ئەسسەھىھ-2311-دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئ 6097؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 276؛ ئىبنى مۇفلىھ-ئەلئەدەب ئەششەرئىيە 1\164؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس، دېگەن)
6-مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئائىشە ئانىمىزدىن نەسىھەت تەلەپ قىلىپ مەكتۇپ يازغاندا ئائىشە ئانىمىز ئۇنىڭغا مۇنداق مەكتۇپ يازغان: ئاللاھتىن قورققايسەن! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭ، ئاللاھ ساڭا كىشىلەرگە قارشى كېپىل بولىدۇ. ئەگەر كىشىلەردىن قورقساڭ، كىشىلەر ساڭا ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ.
ھەر بىر بەندىنىڭ قەلبىنى پاك تۇتۇشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكى توغرىسىدا
7-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ سىلەرنىڭ چىراي-تۇرۇقۇڭلارغا ۋە مال-مۈلۈكۈڭلەرگە قارىمايدۇ، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمىلىڭلارغا قارايدۇ.»(مۇسلىم 2564)[تەپسىلاتى-سوئال جاۋاب-254478]
ئىسلامدا سالىھە ئايالنىڭ يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا
8-ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(اَلدُّنْيَا مَتَاعٌ وَخَيْرُ مَتَاعِهَا الْمَرْأَةُ الصَّالِحَةُ)«دۇنيا پايدىلىنىش (ماكانى) دۇر. دۇنيا نىئمەتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھە ئايالدۇر.»(ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، نەسەئىي، بەغەۋىي قاتارلىق ئىمام توپلىغان)
9-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (تُنْكَحُ الْمَرْأَةُ لِأَرْبَعٍ : لِمَالِهَا ، وَلِحَسَبِهَا ، وَلِجَمَالِهَا ، وَلِدِينِهَا ، فَاظْفَرْ بِذَاتِ الدِّينِ تَرِبَتْ يَدَاكَ)«ئايال كىشى تۆت نەرسىسى سەۋەبلىك نىكاھلاندۇرۇلىدۇ: مال-مۈلۈكى، نەسەبى، گۈزەللىكى ياكى دىنى. قولۇڭ توپىغا مىلەنگەن تەقدىردىمۇ دىندار ئايالنى تاللىغىن.»(بۇخارى 4802؛ مۇسلىم 1466)
10–سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: {وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ}«ئالتۇن كۆمۈش توپلىغانلار…»(9:34) ئايىتى نازىل بولغاندا، بىر تۈركۈم ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە سەپەردە ئىدۇق. ساھابىلەردىن بەزىلىرى «ئالتۇن كۈمۈش ھەققىدە بۇ ئايەت نازىل بولدى، قايسى مالنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلسەك، شۇ خىل مالنى تۇتساق» دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (أَفْضَلُهُ لِسَانٌ ذَاكِرٌ وَقَلْبٌ شَاكِرٌ وَزَوْجَةٌ مُؤْمِنَةٌ تُعِينُهُ عَلَى إِيمَانِهِ)«بۇلارنىڭ ئەڭ خەيىرلىكى ئاللاھنى زىكىر قىلىدىغان تىل، شۈكۈرچان دىل ۋە يولدىشىنىڭ ئىمانىغا ياردەمچى بولىدىغان مۆمىنە ئايالدۇر.»(تىرمىزى 3094؛ سەھىھ جامىئ 5335؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزدا سەھىھ دېگەن؛ ئىبنى ھەجەر مىشكاتۇل مەسابىھ تەخرىجىدە ھەسەن دېگەن)
12-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: {وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ}«ئالتۇن كۆمۈش توپلىغانلار…»(9:34) ئايىتى نازىل بولغاندا، ساھابىلەر قايغۇغا چۈشتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «مەن سىلەرنى غەمدىن خالاس قىلىمەن» دېدى-دە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بېرىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، بۇ ئايەتتىن ساھابىلىرى قايغۇغا چۈشمەكتە» دېدى. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئاللاھ پەقەتلا قېلىپ قالغان مېلىڭلارنى پاكلاش ئۈچۈن زاكاتنى پەرز قىلدى. ئاللاھ مال مۈلۈكۈڭلارنىڭ ھايات قالغانلارغا يېتىشى ئۈچۈن سىلەرگە مىراسنى پەرز قىلدى.» بۇنى ئاڭلاپ ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: (أَلاَ أُخْبِرُكَ بِخَيْرِ مَا يَكْنِزُ الْمَرْءُ الْمَرْأَةُ الصَّالِحَةُ إِذَا نَظَرَ إِلَيْهَا سَرَّتْهُ وَإِذَا أَمَرَهَا أَطَاعَتْهُ وَإِذَا غَابَ عَنْهَا حَفِظَتْهُ)«مەن كىشىنىڭ مېلىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى دەپ بېرەي. ئۇ بولسىمۇ ئېرى ئۇنىڭغا قارىغاندا ئېرىنى خۇشال قىلىدىغان، ئېرى بۇيرۇق قىلغاندا بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىدىغان، ئېرى يوق چاغدا ئۇنىڭ مەنپئەتىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان سالىھە ئايالدۇر.» ( ئەبۇ داۋۇد توپلىغان؛ ئىمام نەۋەۋىي ئەلمەجمۇدتا رىۋايەت قىلىپ مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدۇ (سەھىھ) دېگەن؛ ۋادىئىي سەھىھ مۇسنەدتە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدۇ (سەھىھ) دېگەن)
ئاياللارنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا
13-ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامدىن قايتىپ كەلگىنىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سەجدە قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بۇ نېمە ئىش، ئى مۇئاز؟» دېدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «مەن شامغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ پوپلارغا ۋە ئېسىلزادىلەرگە سەجدە قىلىدىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن بۇنى سىلىگە قىلىشنى لايىق كۆردۈم» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: (فلا تفعَلوا فإنِّي لو كُنتُ آمرًا أحدًا أن يسجُدَ لغيرِ اللَّهِ لأمَرتُ المرأةَ أن تسجُدَ لزوجِها والَّذي نَفسُ محمَّدٍ بيدِهِ لا تؤدِّي المرأةُ حقَّ ربِّها حتَّى تؤدِّيَ حقَّ زوجِها ولو سألَها نفسَها وَهيَ علَى قتَبٍ لم تمنعْهُ)«ئۇنداق قىلمىغىن. ئەگەر مەن بىراۋنى ئاللاھتىن باشقا بىرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيدىغان بولسام، ئاياللارنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيدىغان بولاتتىم. مۇھەممەدنىڭ نەپسى قۇدرەت قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھېچقانداق بىر ئايال تاكى ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغۇچە، ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولمايدۇ. ئەگەر ئېرى ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى تەلەپ قىلسا، تۆگىسىنىڭ ئىگىرى ئۈستىدە بولغان تەقدىردىمۇ ئېرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلمىسۇن.» (ئىبنى ماجە توپلىغان؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجەدە ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى ئىرۋائۇل غەلىلدە ئىسنادى ھەسەن دېگەن؛ مۇنزىرى تەرغىپ ۋەتتەرھىبتا ئىسنادى سەھىھ ياكى ھەسەن دېگەن)
نامەھرەم ئاياللار بىلەن يالغۇز قېلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى
14-پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھېچكىم نامەھرەم ئايال بىلەن يالغۇز قالمىسۇن. كىم شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ.»(ئىمام ئەھمەد 109؛ تىرمىزى 1091،2165؛ نەسائىي-سۇنەن كۇبرا 9219؛ ھاكىم، ئىبنى ھىببان، بەززار، ئەبۇ يەئلا قاتارلىق مۇھەددىسلەر توپلىغان سەھىھ ھەدىس)
15-ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم «نامەھرەم ئاياللارنىڭ يېنىغا كىرىشتىن ساقلىنىڭلار!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەنسارىيلاردىن بىرى «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەرنىڭ ئەر تۇغقانلىرى (نىڭ ئاياللارنىڭ يېنىغا كىرىشى) توغرۇلۇق نېمە دەيدىلا؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جاۋابەن:«ئەرنىڭ ئەر تۇغقانلىرى (ئايال ئۈچۈن) ئۆلۈمدۇر» دېدى.(بۇخارى 4831؛ مۇسلىم 4037؛ سالىھلارنىڭ باغچىسى 1629-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا
16-پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھېچبىر ئايال مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن.»(بۇخارى 1862؛ مۇسلىم 1341)
17-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خۇتبىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ئەر كىشى مەھرىمى بولمىغان ئايال بىلەن يالغۇز قالمىسۇن. ئايال كىشى پەقەت مەھرىمىنىڭ ھەمراھلىقىدىلا سەپەر قىلسۇن.» بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ تۇرۇپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئايال ھەجگە كەتتى، مەن ئۆزۈمنى پالانچى غازاتقا تىزىملاتتىم» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا«بېرىپ ئايالىڭ بىلەن بىللە ھەج قىلغىن» دېدى.(ئىمام شافىي 1\286؛ ئىمام ئەھمەد 1\222؛ ئىمام بۇخارى 4\18؛ مۇسلىم 1341؛ ئىبنى ماجە 2900؛ ئىبنى ئەبۇ شەيبە؛ ئىبنى خۇزەيمە؛ ئىبنى ھىببان؛ ئەبۇ يەئلا؛ تەبرانى؛ بەيھەقى) [تەپسىلاتى-كومېتىت-17-316]
ئەرلەرنىڭ يات ئايالنى، ئاياللارنىڭ يات ئەرنى تۇتۇشنىڭ، بەدىنىنىڭ ھەر قانداق بىر يېرىنىڭ قارىشى تەرەپنىڭ بەدىنى بىلەن
تېگىشىشىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
18-مەئقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لئن يطعن في رأس أحدكم بمخيط من حديد خير له من أن يمس امرأة لا تحل له)«سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئۆزىگە ھالال بولمايدىغان نامەھرەم ئايالنى تۇتقىنىدىن، بېشىغا بېگىز كىرگىنى ياخشىراقتۇر.»(تەبرانى ئەلكەبىر -486-دە رىۋايەت قىلغان؛ ئەلبانىي سەھىھ جامىئ-5045-تە سەھىھ دېگەن)
يات ئاياللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
19-مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:{« والله ما مست يد رسول الله صلى الله عليه وسلم يد امراة قط، ما كان يبايعهن إلا بالكلام.» صحيح البخاري تفسير القرآن (4891) ، صحيح مسلم الإمارة (1866) ، سنن أبو داود الخراج والإمارة والفيء (2941) ، سنن ابن ماجه الجهاد (2875) ، مسند أحمد بن حنبل (6/270). }«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى يات ئايالنىڭ قولىغا ئەسلا تېگىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ زات ئاياللاردىن پەقەت ئاغزاكى بەيئەت ئالاتتى.»(بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار خاتىرلىگەن) ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە قۇرئاندامۇنداق دېگەن:{ھەقىقەتەن، رەسۇلۇللاھ ئاراڭلاردىكى ئاللاھ (نىڭ رازىلىقى) نى ۋە ئاخىرەت (تىكى ئەجىر-مۇكاپاتنى) ئۈمىد قىلغانلار ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغانلار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگىدۇر.}(سۈرە ئەھزاب، 21-ئايەت)
20-ئەسما بىنتى ئەبۇ يەزىن رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن «قال حين بيعته للنساء: إني لا أصافح النساء.» سنن النسائي البيعة (4181) ، سنن ابن ماجه الجهاد (2874) ، مسند أحمد بن حنبل (6/357) ، موطأ مالك الجامع (1842).«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللاردىن بەيئەت ئالغاندا ‹مەن ئاياللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيمەن› دېدى.»(بۇ ھەدىسنى نەسائىي، ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد، ئىمام مالىك خاتىرلىگەن؛ سەھىھ ھەدىس)
ئاياللارنى باشچى قىلىۋېلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا
21-ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{لن يفلح قوم ولوا أمرهم امرأة}«ئاياللارنى باشچى قىلىۋالغان قەۋم ھەرگىز بەخىتكە ئېرىشەلمەيدۇ.»(بۇخارى 4425؛ تىرمىزى 2262؛ نەسائىي 5388؛ مۇسنەد ئەھمەد 5-45)
22-ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن (ئۆلۈك ئۈچۈن) دات-پەرياد ئۇرغان، چېچىنى چۈشۈرگەن ۋە بالا-مۇسىبەتتە (سەبر قىلالماي) كىيىملىرىنى يىرتقان ھەر-بىر ئايالدىن ئادا-جۇدامەن.»(بۇخارى 1296؛ مۇسلىم 104)
يولدىشى بىلەن بىر يەردە ياشاۋاتقان ئايالنىڭ، يولدىشىنىڭ رۇخسىتىسىز رامزان روزىسىدىن باشقا نەپلە روزىلارنى تۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا
23-«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يولدىشى يېنىدا بولغان ئايالنىڭ، رامزان روزىسىدىن باشقا نەپلە روزىلارنى يولدىشىنىڭ رۇخسىتىسىز تۇتۇشىدىن چەكلىدى.»(بۇخارى 5195؛ مۇسلىم 1026؛ تىرمىزى 782؛ ئەبۇ داۋۇد 2458؛ ئىبنى ماجە 1761؛ ئىمام ئەھمەد 2\444؛ دارىمىي 1720)
24-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارنىڭ بېشىنى چۈشۈرۈشىنى چەكلىدى.»(تىرمىزى 914؛ نەسائىي 5049؛ سەھىھ)[تەپسىلاتى-پەتىۋا كومېتىتى-18988-پەتىۋا]
25-ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەر كىشى ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن؛ ئايال كىشى ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن.»(ئىمام ئەھمەد 11173؛ مۇسلىم 512؛ تىرمىزى 2717)
26-پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر كىشى بىر ئايالغا (نىكاھلىنىپ) ئۇنىڭغا بىر چاڭگال يېمەكلىكنى مەھر ھېسابىدا بەرسە، ئايال كىشى ئۇ ئەرنىڭ ھالال خوتۇنى بولىدۇ.»(ئەھمەد 3\355؛ داراقۇتنىي 2\243؛ خاتىپ-تارىخۇل باغداد-6\365؛ بەيھەقى 7\238؛ سەھىھ ھەدىس)[تەپسىلاتى-كومېتىت-19\80]
زىنادىن ساقلىنىش ۋە تىلىنى ساقلاش ـــ غەيۋەت، يامان سۆز، ئېغىز زىناسى (يەنى نامەھرەملەر بىلەن پاراڭ-سېلىشىپ سۆھبەتداش بولۇش)، ناخشا قاتارلىق تىل بىلەن ئېيتىلىدىغان بارلىق يامانلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەكلىكى ۋە بۇنىڭ مۇكاپاتىنىڭ جەننەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا
27-سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكى (ئەۋرىتى) بىلەن ئىككى ئېڭىكى ئارىسىدىكى (تىلى) نى ساقلاشقا كاپالەت بەرسە، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كاپالەت بېرىمەن.»(بۇخارى 6807)
كىيىم كېچەك، ھەرىكەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى[ئىمام نەۋەۋىي]
28-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىلەك ئەرلەرگە ۋە ئەركەكسەدەك ئاياللارغا لەنەت قىلدى.»(بۇخارى 5436)
29-يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلدى.»(بۇخارى 5435؛ رىيازۇس سالىھىن 1632)
30-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارغا ئوخشاش كىيىنگەن ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشاش كىيىنگەن ئاياللارغا لەنەت قىلدى.»(ئەبۇ داۋۇد 3575؛ رىيازۇس سالىھىن 3547)
جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغان ئاياللارنىڭ سۈپىتى
31-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىككى تۈرلۈك جەھەننەم ئەھلى بار، مەن ئۇلارنى تېخى كۆرمىدىم. (بىرىنجىسى،) يېنىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك (توم) قامچا بولغان، شۇ قامچىسى بىلەن ئىنسانلارنى ئۇرغانلار. (ئىككىنجىسى،) كىيىم كىيىۋالغىنىغا قارىماستىن يالىڭاچ كۆرىنىدىغان، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ئېزىپ باشقا ئاياللارنىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشقا زورلىغان ۋە باشلىرىنى تۆگىنىڭ ئەگرى لوكىسىغا ئوخشاش (يوغىنىتىۋالغان) ئاياللاردۇر. مانا مۇشۇنداق ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى، جەننەتنىڭ خۇش پۇرىقى مۇنداق مۇنداق (يەنى تولىمۇ يىراق جايلارغىچە) يېتىپ تۇرىدۇ.»(مۇسلىم 3971؛ رىيازۇس سالىھىن 1634)
فەقىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ھەدىستىكى «يېنىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك (توم) قامچا بولغان، شۇ قامچىسى بىلەن ئىنسانلارنى ئۇرغانلار» دېگەن جۈملىنى مۇنداق شەرھلىگەن: يەنى، كىشىلەرنى ناھەق ئۇرغان ئەسكەر، ساقچى ۋە دۆلەت خادىملىرىدۇر. (ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى»، 5\298)
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ھەدىستىكى «كاسيات عاريات» كەلىمىسى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە ئېرىشكەن ئەمما شۈكۈردىن ئۇزاق ئاياللاردۇر؛ بەدىنىنىڭ بىر قىسىمىنى ئوراپ، بىر قىسىمىنى ــ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ــ ئېچىۋالغان ئاياللاردۇر؛ بەدىنىنىڭ (يەنى بەدىنىدىكى قايسى بىر ئەزاسىنىڭ) رەڭگى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە نېپىز كېيىنگەن ئاياللاردۇر. ھەدىستىكى «مائلات» كەلىمىسىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ـــ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، ساقلىشى-يوشۇرۇشى كېرەك بولغان يەرلىرىنى ساقلىمىغان-يوشۇرمىغان ئاياللاردۇر. ھەدىستىكى «مميلات» قىلغان يامان ئىشلىرىنى باشقا ئاياللارغىمۇ ئۆگىتىدىغان ئاياللار دېمەكتۇر. بۇ ئىككى ئىپادىنىڭ بەدەن ئەزالىرىنى، زىننەتلىرىنى كۆرسىتىپ مېڭىپ يۈرىدىغان ئاياللار ئىكەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان. يەنە، بۇ ئىككى ئىپادىنىڭ چاچلىرىنى پاھىشە ئاياللاردەك (پاخپايتىپ، بۈدرە چىقىرىپ، پاسون چىقىرىپ) تارىۋالغان ۋە باشقا ئاياللارنىڭ چېچىنىمۇ بۇ شەكىلدە تاراپ (ياساپ) قويغان ئاياللار دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان. ھەدىستىكى «بېشى تۆگىنىڭ ئەگرى لوكىسىغا ئوخشاش قىلىۋالغان» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ـــ ياغلىق، رەخت پارچىسى دېگەندەك نەرسىلەرنى (چېچىغا ئوراش، ئۈستىگە ياغلىق چىگىش) بىلەن بېشىنى يوغىنىتىۋالغان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى»، 5\297)
فەقىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس توغرىلىق مۇنداق دېگەن: كىيىم كىيۋالغان تەقدىردىمۇ يالىڭاچ ھېسابلانغان ئاياللار ھەققىدە تۈرلۈك شەرھلەر مەۋجۇت. (جەھەننەمنىڭ پۇرىقىنىمۇ پىريالمايدىغان) بۇنداق ئاياللار ماددىي جەھەتتە كىيىم كىيىۋلغان بولسىمۇ، مەنىۋىي جەھەتتىن يالىڭاچ، تەقۋادىن ئۇزاق ئاياللاردۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «تەقۋالىق لىباسى تېخىمۇ ياخشىدۇر»(ئەئراف سۈرىسى، 26-ئايەت) دېگەن. بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ ھەدىس پۈتكۈل پاسىق ۋە گۇناھكار ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەقۋادىن يىراق ئاياللار تولۇق ھىجابلىنىۋالغان تەقدىردىمۇ بۇ ھەدىسنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ كىيىنىشىتىكى مەقسىدىكى كۆرۈنۈشتىكى كىيىنىش بولسىمۇ، ئۇ تەقۋادىن ئۇزاقتۇر. تەقۋادىن ئۇزاق بولغان كىشى يالىڭاچتۇر.
«كىيىم كىيگىنى بىلەن يالىڭاچ ئاياللار» ئىپادىسى توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: ئۈستىدە كىيىملەر بار، كىيىم كىيگەن؛ بىراق، كىيىملىرى تەلەپ قىلىنىغىنى بويىچە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ئوراپ تۇرمىغان ئاياللاردۇر. بۇ ھالەت بىر بولسا كىيگەن كىيىمىنىڭ تار بولۇپ، بەدەن شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن، ياكى كىيىمىنىڭ نېپىز بولۇپ بەدىنىنى (بېلىكىنى، پاچىقىنى) كۆرسىتىپ تۇرۇشى بىلەن، ياكى قىسقا بولۇپ، بەدىنىنىڭ بەزى يەرلىرىنىڭ ئوچۇق قېلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ خىلدىكى كىيىم كىيگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى «كىيىم كىيىۋالغان يالىڭاچ» ئاياللار ھېسابلىنىدۇ.
ھەدىستىكى «مميلات» كەلىمىسى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇلار تولۇق ھىجابلانماستىن يېرىپ-يالىڭاچ كىيىنىش، خۇش-پۇراق بۇيۇملارنى سۈرۈش قاتارلىق ۋااسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرۇپ پىتنىگە چۈشۈرگەن ئاياللاردۇر.
ھەدىستىكى «مائلات» كەلىمىسى ـــ ھەقتىن ۋە ئەدەپ-ھايادىن ئۇزاقلىشىپ ئازغان ئاياللاردۇر. بۇنداق ئاياللارنى كوچىلاردا لوپپاڭشىپ، بەدىنىنى ئېتىپ، ئەرلەردەك كۈچلۈك-كۈچلۈك دەسسەپ ماڭغان ھالەتتە كۆرسىەن. ھەتتا، بەزى ئەرلەر ئۇ ئاياللاردەك تاقىلداپ دەسسەپ ماڭالمايدۇ. يەنە بەزى قىز-ئاياللار باركى، يېنىدىكى دوست-يارەنلىرى بىلەن كۈلۈشىدۇ ۋە پىتنىگە سەۋەب بولغۇدەك دەرىجىدە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇنداقلا، دۇككاندارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سودا-سېتىققا كىرىشىپ كېتىدۇ، دۇككاندارلار بىلەن قوشۇلۇپ كۈلىدۇ، ھەتتا دۇككاندارنىڭ ياردەم قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىدۇ. ۋە باشقا پىتنىلەر، شەرمەندىكىلەر… ھېچ شۈبھە يوقى بۇلارنىڭ قايسى بىرى بىلەن مەشغۇل بولغان ئاياللار ھەدىستىكى ھەقتىن ئازغان ئاياللار تۈرىگە تەۋە.
«بېشىنى توگىنىڭ ئەگرى لوكىسىدەك قىلىۋالغان ئاياللار». ھەدىستىكى «لابخت» تۆگىلەرنىڭ بىر تۈرىدۇر. بۇنداق تۆگىلەرنىڭ ئوڭغا ياكى سولغا يېتىۋالىدىغان ئۇزۇن لوكىسى بار. بۇنداق ئاياللارمۇ چېچىنى سولغا ياكى ئوڭغا قىيسايتىپ پاسون چىقىرىدۇ، ياكى بېشىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك يوغىنىتىپ، كۆپتۈرۈۋالىدۇ. بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: بۇنداق ئاياللار ئەرلەر بېشىغا سەللە ئورىغاندەك، بېشىغا رەخت پارچىلىرىنى ئورايدۇ، بۇنىڭ بىلەن (جەلبكار كۆرۈنۈش ئۈچۈن) ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغلىق چېگىدۇ-دە، بېشى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك يوغان كۆرىنىدۇ. قانداق بولمىسۇن، بۇ خىلدىكى ئاياللار بېشىنى زىننەتلەپ، (ھەر خىل ئۇسۇلدا) گۈزەللەشتۈرىدۇ.
«مانا بۇنداق ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ خۇش پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.» چۈنكى، بۇلار ھەق يولدىن ساپقان، تولۇق ھىجابلانماستىن بەدىنىنىڭ بەزى جايلىرىنى ھەتتا كۆپ قىسىمىنى ئېچىۋېلىش سەۋەبلىك يالىڭاچتۇر. بېشىدا پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان ھەر تۈرلۈك (گۈزەللەشتۈرگۈچى) زىننەتلەر بار. بۇنداق خوتۇنلار جەننەتتىن ئۇزاق بولۇش بىلەن تەھدىت قىلىنغان. بۇ ھەدىس، بۇلاردەك كىيىنىشنىڭ چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى»، 5-جىلد، 299-، 300-بەتلەر)
ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكى توغرىسىدا
33- خەيبەر فەتھىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەفىيە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نى نىكاھلاپ ئالدى. كىشىلەر توي زىياپىتىدىن كېيىن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانمىدۇ ياكى دېدىكى قىلغانمىدۇ؟ ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ يۈزىنى ياپسا، نىكاھلاپ ئالغان بولىدۇ. يۈزىنى ياپمىسا، دېدىكى قىلغان بولىدۇ» دېيىشتى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلاغقا مىنىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزىنى ياپتى، ئۇ چوكان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتى. كىشىلەر بۇنىڭدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانلىقىنى ئۇقتى. مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆگىنى چاپتۇردى، بىزمۇ ھەم چاپتۇردۇق. توساتتىن تۆگە تېيىلىپ كېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايالى بىلەن بىرگە تۆگىدىن يىقىلغانىدى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپتى. ئاياللار بۇ ئىشنى كۆرۈپ «ئاللاھ بۇ يەھۇدىي خوتۇننى (بىزدىن) يىراق قىلغاي!» دېيىتشى. (مۇسلىم 1365-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنىڭ باش قىسىمى بۇخارى 2235-نومۇرلۇق ھەدىستىمۇ بايان قىلىنغان)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ – دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.} (سۈرە ئەھزاپ، 59-ئايەت) ئاللاھ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن قوشۇپ مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنىمۇ تولۇق ئورۇنىشقا بۇيرىغان. يۇقارقى ھەدىس مۇنۇ ئايەتنىڭ ئەمەلىيىتىدىن بىرىدۇر.
34- ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايال نىقاب ۋە پەلەي كەيمىسۇن.»(بۇخارى-ھەج؛ مۇسلىم-ھەج؛ ئەبۇ داۋۇد-ھەج؛ مالىك-ھەج)
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايالنىڭ يۈزىگە نىقاب تاقىشىنىڭ، قولىغا پەلەي كىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلانغان.
يۇقارقى ھەدىستىن ھەجگە ئېھرام باغلىمىغان-نورمال ھالەتتىكى ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى (رەسۇلۇللاھنىڭ تىلى بىلەن) ئوچۇق مەلۇملۇق، بۇنىڭدىن (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىلا) ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى ئومۇملاشقانلىقى ئېنىق. بۇ ھەدىستىن يەنە، ئۇلارنىڭ يۈزى ۋە قولىنى ياپىدىغانلىقى بىلنىشىگلىك.(ئىمام ئىبنى تەيمىييە «مەجمۇئۇل پەتىۋا» 15-جىلد، 371-، 372-بەتلەر)
بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىپ، قولىغا پەلەي كىيىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار ھەجدە نامەھرەملەر ئالدىدا يۈزىنى ئېچىۋېتەمدۇ؟ ياق، ئوخشاشلا ياپىدۇ.
دەلىلى بۇ:
35- مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە ئېھرامدىكى چېغىمىزدا يولۇچىلار يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېقىنلاپ كەلگەندە بىز جىلبابىمىزنى چۈشۈرۈپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق. (ئەبۇ داۋۇد 1833؛ ئىبنى ماجە 2935؛ ئىبنى خۇزەيمە ‹سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە› 4-203 تە سەھىھ دېگەن، ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە سەھىھ دېگەن)
36- ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«بىز نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى ياپاتتۇق.»(ئىبنى خۇزەيمە 4-203، ھاكىم 1-624: ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە ناملىق ئەسەردە سەھىھ دېگەن)
37- جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بىرىڭلار بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردە، ئۇنى كۆرۈشكە تىرىشسۇن!» دېدى. مەن بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالماقچى بولدۇم ۋە يۇشۇرىۋېلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە نىكاھىمغا ئېلىشقا تۈرۈتكە بولغان تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئۇنى) نىكاھمىغا ئالدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082؛ ئەلبانى ‹ھەسەن› دېگەن؛ جەمئۇلفەۋائىد 4104-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىستىنمۇ ئوخشاشلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە قىز ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغانلىقى ئېنىقلىشىدۇ. چۈنكى، ئەگەر قىز ئاياللار يۈزىنى ياپمايدىغان بولسا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزى ئالماقچى بولغان قىزنى مۆكۈپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشىغا ئورۇن قالمىغان، بەلكى ئوچۇق ئاشكارا كۆرگەن بولاتتى.
ئادەتتە يۈزىنى ياپىدىغان مۇئمىنە قىز ئاياللار نامەھرەملەر بولۇشى ئېھتىمالى يوق جايلاردا يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالماقچى بولغان قىزمۇ نامەھرەم يوق دەپ قاراپ يۈزىنى ئېچىۋېتىپ يۈرگەن بىر ھالەتتە مۆكۈپ تۇرۇپ چاندۇرماستىن ئۇ قىزنى كۆرۈۋالغان. نامەھرەم بار جايدىمۇ يۈزىنى ئېچىۋېتىدىغان بولسا، يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشقا ھاجەت قالمىغان بولاتتى.
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىلگىرى ئۆتكەن ئاياللارنىڭ ۋە زامانىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ئادىتى، نامەھرەم بار يەردە يۈزىنى يېپىشتۇر. (فەتھۇلبارى 9\424)
غەززالى مۇنداق دېگەن: ئەرلەر زامانلاردىن بىرى يۈزى ئوچۇق ياشاپ كەلدى. ئاياللار بولسا يۈزىنى يېپىپ سىرتقا چىقىدۇ. (ئىھيا ئۇلۇمۇددىن، 2\53)
38- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر، ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا شەيتان ئۇنى كۈتۈۋالىدۇ.» (تىرمىزى 1173؛ ئىبنى خۇزەيمە 3-93؛ ئىبنى ھىببان 2-412؛ تەبرانى ‹ئەلكەبىر› 10115؛ تەبرانى ‹ئەلئەۋسەت› 8096؛ بەززار؛ ئىبنى ئەدىي ‹ئەل كامىل› 3-423؛ سۇيۇتى‹جامىئۇسسەغىر› دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ)
يۈز يېپىش توغرىسىدىكى دەلىللەردىن بىر قىسىمىدۇر.
ئىمام ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن:«…ئاياللار ئىھراملىق ھالەتتە بېشىنى ۋە چاچلىرىنى ياپىدۇ، يۈزىنى ياپمايدۇ. پەقەتلا، يات ئەرلەرنىڭ قارىشىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن باش كىيىمىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ.» (فەتھۇل بارى 4-57،58)
پەتھۇلبارى 2-537-867-ھەدىس
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر.»(تىرمىزى 1173؛ ئەلبانى، سەھىھ جامىئ-سەھىھ ھەدىس)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن:«ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا ئايال كىشىنىڭ ھەممە يېرى ئەۋرەتتۇر، ھەتتا تىرنىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئىمام مالىكنىڭمۇ كۆز قارىشى مۇشۇنداق.»(مەجمۇئۇل فەتۋا ئىبنى تەيمىييە، 22-جىلد، 110-بەت)
تەپسىلەردە يۈز يېپىش ۋە نامەھرەملەرگە قارىماسلىق
ئىمام ئىبنى كەسىر سۈرە نۇرنىڭ 30-ئايىتى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ؛
ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۆمىنلەرنى نامەھرەملەرگە قارىماي، بەلكى ئاللاھ تائالا قاراشنى ھالال قىلىپ بەرگەن ئاياللىرىغا قاراشنى بۇيرۇدى. ئەگەر كۆز نامەھرەمگە مەقسەدسىز تاشلىنىپ قالغان بولسا، كۆزنى دەرھال ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىش لازىم. بۇ ھەقتە ئىمام مۇسلىم جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن تۇيۇقسىز قاراپ قېلىش توغرىسىدا سورىغان ئىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا كۆزۈمنى دەرھال ئېلىپ قېچىشقا بۇيرۇدى.
{تاشقى زىننەتلىرىنى ياپسۇن} يەنى يۆگەش مۇمكىن بولمايدىغان ئەزالىرىدىن باقشا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاشقى زىننەت كۆينەك قاتارلىق كىيىملىرىدۇر، دېدى. (تەپسىر ئىبنى كەسىر،4-302)
ئىمام ئىبنى كەسىر سۈرە ئەھزابنىڭ 59-ئايىتىنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن:
ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەيدە، قەتادە، ھەسەن بەسرىي، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئىبراھىم نەخائىي، ئەتا خۇراسانىي ۋە باشقا بىر قاچە كىشىلەر بۇ ئايەتتىكى «پۈركەنجە» دېگەن سۆز ياغلىقنىڭ ئۈستىدىن يۆگىلىدىغان پۈركەنجىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى باشتىن ئاياققىچە ئورايدىغان پۈركەنجىدۇر، دېدى.(ئىبنى كەسىر 5-71)
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى، ئەگەر ئۇلار بىرەر ئىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىقسا، بىر كۆزىنى ئوچۇق قالدۇرۇپ باشلىرىنىڭ ئۈستىدىن يۈزلىرىنى پۈركەنجە بىلەن ئورۇۋېلىشقا بۇيرۇدى.
مۇھەممەد ئىبنى سىيرىن مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇبەيدە ئىبنى سەلماندىن ئاللاھنىڭ «پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن» دېگەن ئايىتى ھەققىدە سورىغان ئىدىم، ئۇ سول كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ يۈزىنى ۋە بېشىنى ئوراپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەردى. (ئىبنى كەسىر،5-71)
ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق كەلگەن ھەدىسىنىڭ ھەممىسى ھىجاب ئايىتىدىن بۇرۇنقى ۋەقەلىكلەرنى بىلدۈرىدۇ. سۈرە ئەھزاپتىكى {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ – دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.} (سۈرە ئەھزاپ، 59-ئايەت) بۇ ئايەتتە ئاللاھ پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىنى، قىزلىرىنى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى پۈركۈنجە بىلەن ئورۇنۇشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئىجرا قىلىپ ئاياللىرىنىڭ، قىزلىرىنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپقۇزغان. ئاللاھنىڭ بۇ بۇيرۇقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خوتۇنىنىڭ يۈزىنى يېپىپ ئىجرا قىلغان. ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە مۇئمىن ئاياللارمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.
مۇھەددىسلەر پېشىۋاسى ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇخارىنىڭ شەرھى فەتھۇلبارى (9-439) دا ھىجاب ئايىتى شەرىھلەپ «ئىختەمەرنا»(ئاياللار يۈزىنى ياپتى) مەنىسىدە كېلىدۇ دېگەن.
يۈزى ئوچۇق ئايال توغرىسىدا كەلگەن ھەر قانداق ھەدىس سەھىھ بولغان تەقدىردە ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى يۈز يېپىش پەرز قىلىنمىغان دەۋرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
چۈنكى، ھىجاب ئايىتىدىن كېيىن ھۆر مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىردەك يۈزىنى ياپقا. يۇقىرىدا بۇنىڭ دەلىللىرىدىن بىر قىسىمىنى تونۇشتۇردۇق.
ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى ئېچىشى ھارام
پەتىۋا بەرگۈچى: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى
پەتىۋا نومۇرى: 10178-نومۇرلۇق پەتىۋا
ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەر ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى يېپىشى پەرز. ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى ئېچىشى ھارام. [تغطية المرأة وجهها وكفيها عن الرجال الأجانب واجب، ويحرم عليها كشفهما لغير محارمها. وبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.](پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 10178-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)[پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز (ۋاپاتى: ھ-1420، م-1999)؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.]
ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئالدىدا پۇتىنى ئېچىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى، ئاياللار نامەھرەمگە نىسبەتەن پۇتىنىڭ ئۇچىدىن تاكى تىرنىقىغىچە ئەۋرەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا
39-ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىمكى چوڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى سۆرەلدۈرۈپ كىيىۋالسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا قارىمايدۇ» دېدى. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «ئاياللارنىڭ كىيىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاياللار (ئەرلەردىن) بىر غېرىچ ئۇزۇن كەيسۇن» دېدى. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «ئۇنداق كەيسە، پۇتلىرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ» دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇنداقتا بىر گەز ئۇزۇن كەيسۇن. بۇنىڭدىنمۇ ئۇزارتىشقا بولمايدۇ» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى؛ رىيازۇس سالىھىن801)
زىنا قىلغان ئايالنىڭ چالما كېسەك قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا
40-ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: جۇھەيھە قەبىلىسىدىكى بىر ئايال زىنا قىلغانلىقى سەۋەبلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن شەرىئەتكە زىت ئىش قىلىپ قويدۇم، مېنى جازالىغايلا!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ ئايالنىڭ ھامىيسىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا «بۇ ئايالغا ياخشى مۇئامىلە قىل. بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ كەل» دەپ بۇيرۇدى. ئۇ بۇيرۇلغىنى بويىچە قىلىپ ئايالنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ كىيىملىرىنى (بەدىنىگە) چىڭ ئورۇغۇزدى، ئاندىن ئۇ ئايالنى چالما كېسەك قىلدى. ئايال ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈردى.»(مۇسلىم؛ رىيازۇس سالىھىن913)
ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىشى ۋە چۈشۈرۈشى چەكلىنىدىغانلىقى
41-ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ-قىسقارتىشىنى مەنئىي قىلدى.»(تىرمىزى 838؛ نەسائىي 4963؛ رىيازۇس سالىھىن 1642)
ئاياللارنىڭ كەيمە چاچ تاقىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا [نەۋەۋىي]
42-ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئايال پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قىزىم بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ چېچى چۈشۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئەرگە بەرگەن ئىدىم. ئۇنىڭغا چاچ ئۇلىسام بولامدۇ» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ياق» دېدى.(رىيازۇس سالىھىن)
ھەيزدىن پاكلانغانلىقنى بىلىش
43-ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئاياللار ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا (ئۆزلىرىنىڭ ھەيز مۇددىتىنىڭ ئاخرىلاشقان ياكى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن) ئىچىدە رەخت پارچىلىرى بولغان كىچىك قاپلارنى ئەۋەتەتتى، ئۇ رەختلەردە (ھەيزدارلىقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى) سارغۇچ ئىزلار بار ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارغا «تاكى ئاقۇچ سۇيۇقلۇقنى كۆرمىگۈچە (ھەيزدىن پاكلاندۇق دېيىشكە) ئالدىرىماڭلار» دەيتتى. (ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىنىڭ ھەيز كىتابىدا مۇئەللەق نەقىل قىلغان؛ ئىمام مالىك-مۇۋەتتائ 130)
44-ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىز (ساھابە ئاياللار) ھەيز مۇددىتىمىز ئاخىرلىشىپ پاكلىنىپ بولغاندىن كېيىن كەلگەن سارغۇچ ياكى قوڭۇر رەڭلىك سۇيۇقلۇقنى ھېچنېرسە سانىمايتتۇق.»(بۇخارى 320؛ ئەبۇ داۋۇد 307)
[بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە «ھەيز مۇددىتىمىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن» دېگەن جۈملە يوق.]
45-پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لَيْسَ مِنَّا مَنْ خَبَّبَ امرَأَةً عَلَى زَوجِهَا)«ئايالنى ئېرىگە قارشى كۈشكۈرتكۈچى بىزدىن ئەمەس.» (ئەبۇ داۋۇد 2171؛ ئەلبانى سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا سەھىھ دېگەن)
نىكاھ
46-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«توي قىلىپ باقمىغان قىزنىڭ رازىلىقىسىز نىكاھى قىلىنمايدۇ؛ چوكانغا مەسلىھەت سېلىنماستىن نىكاھى قىلىنمايدۇ.»(بۇخارى 6969)
47-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«چوكاننىڭ مەسلىھەتى ئېلىنمىغۇچە ئۇنى نىكاھلاشقا بولمايدۇ. توي قىلمىغان قىزنىڭ رازىلىقى ئېلىنمىغۇچە ئۇنى نىكاھلاشقا بولمايدۇ» دېدى. ساھابىلەر «توي قىلمىغان قىزنىڭ رازىلىقى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇنىڭ رازىلىقى سۈكۈت قىلىشىدۇر» دېدى. (بۇخارى 6970)
دادىنىڭ ياكى قىزنىڭ باشقا مەھرىمىنىڭ قىزنى سالىھ كىشىلەرگە بېرىشى
بۇخارى 5122
وروى أبو داود ( 5170 ) – أيضاً – عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ قَالَ : قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( مَنْ خَبَّبَ زَوْجَةَ امْرِئٍ أَوْ مَمْلُوكَهُ فَلَيْسَ مِنَّا ) ، وصححه الألباني في » صحيح أبي داود » .
48-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنْ خَبَّبَ زَوْجَةَ امْرِئٍ أَوْ مَمْلُوكَهُ فَلَيْسَ مِنَّا)«ئايالنى ئېرىگە ياكى قۇلنى خوجايىنىغا قارشى كۈشكۈرتكۈچى بىزدىن ئەمەس.»(ئەبۇ داۋۇد 5170؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
قوشنىدارچىلىق
49-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئى مۇسۇلمان ئاياللار! بىر ئايال قوشنا يەنە بىر ئايال قوشنىنى ئۆزىگە سۇنغىنى قوينىڭ پاچىقى بولغان تەقدىردىمۇ كىچىك كۆرمىسۇن.»(بۇخارى6017؛ مۇسلىم1030)
ئاياللارنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشتىن چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا
50-ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:«بىز ئاياللار جىنازىغا ئەگىشىشتىن چەكلەندۇق. بىراق، بۇ مۇتلەق چەكلىمە ئەمەس ئىدى.»(رىيازۇس سالىھىن931)
ئايال كىشىنىڭ يات ئاياللارنىڭ سۈپىتىنى ئېرىگە ئاڭلىتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا
51-ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لا تباشر المرأة المرأة، فتصفها لزوجها كأنه ينظر إليها)«ئايال كىشى باشقا ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ، ئاندىن ئۇ ئايالنىڭ سۈپەتلىرىنى يولدىشىغا خۇددى يولدىشى ئۇ ئايالنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك بايان قىلىپ بەرمىسۇن.»(بۇخارى5240؛ رىيازۇس سالىھىن 232)
52-ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، بىر ئادەم ئالتۇن سەدىقى قىلىش ئۈچۈن ئەتراپنى ئايلىنىپمۇ، ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئادەمنى تاپالمايدۇ. ئەرلەر بەك ئاز، ئاياللار بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن، بىر ئەرگە قىرىق ئايال ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا تايىنىدۇ.»(رىيازۇس سالىھىن 1825)
53-ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن (إِذَا صَلَّتْ الْمَرْأَةُ خَمْسَهَا ، وَصَامَتْ شَهْرَهَا ، وَحَفِظَتْ فَرْجَهَا ، وَأَطَاعَتْ زَوْجَهَا ؛ قِيلَ لَهَا ادْخُلِي الْجَنَّةَ مِنْ أَيِّ أَبْوَابِ الْجَنَّةِ شِئْتِ)«ئەگەر بىر ئايال بەش ۋاخ نامىزىنى كامىل ئوقۇسا، رامزان روزىسىنى تۇتسا، ئىپپىتىنى ساقلىسا، ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ ھالدا (قىيامەتتە) پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: ‹جەننەتنىڭ خالىغان ئىشىكىدىن جەننەتكە كىرىۋېلىڭ› دەيدۇ.»(مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 1664؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
54-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىرەيلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق كىشى كىم؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سېنىڭ ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سېنىڭ ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى يەنە «ئاندىنچۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سېنىڭ ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «داداڭ» دېدى. (بۇخارى5626؛ مۇسلىم5248)
55-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىمكى ئۈچ پەرزەنتىدىن (ئايرىلىپ قالغىنى ئۈچۈن) ساۋاب ئۈمىد قىلسا، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېدى. بىر ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ «ئىككى پەرزەنتىدىن ساۋاب ئۈمىد قىلسىچۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىككى پەرزەنتىندىن (ئايرىلىپ قالغىنىغا ساۋاب ئۈمىد قىلسىمۇ)» دېدى. ئۇ ئايال مۇنداق دەيدۇ: مەن «بىر پەرزەنتىدىن (ئايرىلىپ قالسىچۇ)» دەپ سوراشنى ئۈمىد قىلىپ كەتتىم. (نەسائىي 1872؛ ئەلبانى سەھىھ سۇنەن نەسائىيدا سەھىھ دېگەن)
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قايسى بىر (مۆمىنە) ئايالنىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، بۇ بالىلار قىيامەت كۈنى ئۇ ئايال ئۈچۈن دوزاختىن پەردە بولىدۇ.»(بۇخارى؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئى 2706)
56-ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇندا دېگەن:«ئەر كىشى ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن. ئايال كىشى ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن. ئەر كىشى باشقا ئەر كىشى بىلەن بىر يوتقاندا يالىڭاچ ياتمىسۇن. ئايال كىشىمۇ باشقا ئايال كىشى بىلەن بىر يوتقاندا يالىڭاچ ياتمىسۇن.»(ئەبۇ داۋۇد 4018؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
57-ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم لَعَنَ الْوَاصِلَةَ)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم چاچ ئۇلاتقان ئاياللارغا لەنەت قىلدى.»(نەسائىي 5249)
58-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لاَ يَنْظُرُ اللَّهُ إِلَى رَجُلٍ أَتَى رَجُلاً أَوِ امْرَأَةً فِي الدُّبُرِ)«ئالللاھ (قىيامەت كۈنى) ئايالىنىڭ ياكى ئەر كىشىنىڭ مەقئىتىگە يېقىنچىلىق قىلغان ئەر كىشىگە (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ.»(تىرمىزى؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا ھەسەن دېگەن؛ ئىبنى ھەجەر مىشكاتۇل مەسابىھ تەخرىجىدە ھەسەن دېگەن)
59-سەھىل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەزى غازاتتا بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈلگەن ھالەتتە كۆرۈپ، ئاياللار بىلەن بالىلار ئۆلتۈرۈشتىن توستى.(بۇخارى3014)
60-كەئىب ئىبنى مۇررە رەزىىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«باشقا ئايالنى ئازاد قىلغان (ھەر قانداق) مۇسۇلمان ئايال، قىيامەت كۈنى ئوتتىن ئازاد قىلىنىدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد؛ بۇلۇغۇل مەرام 1464)
61-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنْ أَتَى حَائِضًا أَوِ امْرَأَةً فِي دُبُرِهَا أَوْ كَاهِنًا فَقَدْ كَفَرَ بِمَا أُنْزِلَ عَلَى مُحَمَّدٍ صلى الله عليه وسلم)«كىمكى ھەيزدار ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلسا، ياكى ئايالىنىڭ مەقىتىگە كەلسە ۋە ياكى پالچى-داخانغا (پال سېلىپ قويۇشى ئۈچۈن) بارسا، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان (قۇرئان ۋە سۈننەتكە) كاپىر بولغان بولىدۇ.»(تىرمىزى 135؛ ئەلبانى «ئىرۋائۇل غەلىل»دە سەھىھ دېگەن)
62-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (اَ تُزَوِّجُ الْمَرْأَةُ الْمَرْأَةَ وَلاَ تُزَوِّجُ الْمَرْأَةُ نَفْسَهَا فَإِنَّ الزَّانِيَةَ هِيَ الَّتِي تُزَوِّجُ نَفْسَهَا)«ئايال كىشى ئايال كىشىنى ئەرگە بېرەلمەيدۇ. ئايال كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئەرگە بېرەلمەيدۇ. زىناخور ئايال ئۆزىنى ئۆزى ئەرگە بېرىدۇ.»(ئىبنى ماجە1882؛ ئەھمەد شاكىر ئۇمدەتۇل تەفسىيردە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى مىشكاتۇل مەسابىھ تەخرىجىدە ھەسەن، ئىرۋائۇل غەلىلدە سەھىھ دېگەن)
63-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (صَلَّى رَسُولُ اللَّهِ ـ صلى الله عليه وسلم ـ بِامْرَأَةٍ مِنْ أَهْلِهِ وَبِي فَأَقَامَنِي عَنْ يَمِينِهِ وَصَلَّتِ الْمَرْأَةُ خَلْفَنَا)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆز ئائىلىسىدىكى بىر ئايال بىلەن ماڭا ئىماملىق قىلىپ (نەپلە) ناماز ئوقۇدى. مەن پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇردۇم، ئايال ئارقىمىزدا تۇردى.»(ئىبنى ماجە 975؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجەدە سەھىھ دېگەن)
64-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لاَ يَقْبَلُ اللَّهُ صَلاَةَ حَائِضٍ إِلاَّ بِخِمَارٍ)«ئاللاھ تائالا ھەيزدارلىق يېشىغا يەتكەن ئايالنىڭ لېچەكسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»(ئىبنى ماجە 655؛ ئەبۇ داۋۇد؛ ئەلبانى سەھىھ ھەئبۇ داۋۇدتا سەھىھ دېگەن)
65-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق دەيدۇ: (مَا ضَرَبَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم خَادِمًا وَلاَ امْرَأَةً قَطُّ)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خىزمەتچىسىنى ياكى ئاياللىرىنى قەتئىي ئۇرۇپ باقمىغان.»(ئەبۇ داۋۇد 4786: ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
66-مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (أَنَّ امْرَأَةً، سَأَلَتْ عَائِشَةَ أَتَقْضِي الْحَائِضُ الصَّلاَةَ فَقَالَتْ أَحَرُورِيَّةٌ أَنْتِ لَقَدْ كُنَّا نَحِيضُ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم فَلاَ نَقْضِي وَلاَ نُؤْمَرُ بِالْقَضَاءِ) بىر ئايال ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «ھەيزدار ئايال ھەيزدارلىق مەزگىلىدە ئوقۇيالمىغان نامىزىنى تولۇقلاپ ئوقامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا «سەن ھەرۇرىي (خاۋارىج) لاردىنمۇ؟ رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيزدار بولاتتۇق ۋە ھەيزدارلىق ھالىتىمىزدە ئوقۇيالمىغان نامازلىرىمىزنى تولۇقلاپ ئوقۇمايتتۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ تولۇقلاپ ئوقۇشىمىزنى بۇيرۇمايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 262؛ ئىبنى ماجە؛ ئەلبانى سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا سەھىھ دېگەن)
67-سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (أَيُّمَا امْرَأَةٍ سَأَلَتْ زَوْجَهَا طَلاَقًا مِنْ غَيْرِ بَأْسٍ فَحَرَامٌ عَلَيْهَا رَائِحَةُ الْجَنَّةِ)«قانداقلىكى بىر ئايال ئېرىدىن سەۋەبسىز ھالدا ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، جەننەتنىڭ خۇشپۇرىقى ئۇ ئايالغا ھارام بولىدۇ.»(تىرمىزى 1187؛ تىرمىزى ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
68- ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (نهى رسول الله صلى الله عليه وسلم أن تحلق المرأة رأسها)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايال كىشىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشىنى چەكلىدى.» (نەسائىي؛ رىيازۇس سالىھىن 131)
69-ئەبۇ ھۇرەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لاَ يَخْطُبْ أَحَدُكُمْ عَلَى خِطْبَةِ أَخِيهِ)«سىلەردىن ھېچكىم قېرىندىشى توي تەلىپى قويغان ئايالغا توي تەلىپى قويمىسۇن.»(نەسائىي3242؛)
70-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (عن النبيِّ صلَّى اللهُ عليهِ وسلَّمَ أنه لعن زائراتِالقبورِ)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەبرە زىيارەت قىلغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان.»(بۇلۇغۇلمەرامدا نەقىل قىلىنغان؛ ئىبنى ھىببان، بىن باز، ئىبنى ئۇسەيمىن قاتارلىق ئالىملار سەھىھ دېگەن)
پەتىۋا كومېتىتى «ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» دەپ، يۇقارقى ھەدىسنى دەلىل قىلغان.(سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا دائىمى كومېتىتى پەتىۋالىرى 1\429)
ھەيز بۆلۈمى
71- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: فاتىمە بىتنى ئەبۇ ھۇبەيش ئىستىھازە بولۇپ قالغان ئىكەن، بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «ھەيز قېنى تونۇشلۇق بولغان قارامتۇل قاندۇر. ئەگەر كۆرگەن قېنىڭىز مۇشۇنىڭدەك بولسا ناماز ئوقۇماڭ. باشقا خىل قان بولسا تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇڭ» دېدى. (بۇلۇغۇلمەرام 136؛ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ ئەبۇ ھاتىم مۇنكەر دېگەن-ئىبنى ھەجەر)
72- ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئىستىھازە كېسىلى بولغان ئايال) ئىچىدە سۇ بار داسقا ئولتۇرسۇن. ئەگەر سۇدا سېرىقلىق كۆرسە پېشىن ۋە ئەسىر نامىزى ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنسۇن. بامدات نامىزى ئۈچۈنمۇ بىر قېتىم يۇيۇنسۇن. ياكى، بۇ نامازلار ئارىسىدا تاھارەت ئالسۇن.»(ئەبۇ داۋۇد؛ بۇلۇغۇلمەرام 137)
شەرھى:«پېشىن ۋە ئەسىر ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنىسەن»: يەنى پېشىننى ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش، ئەسىرنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇغاندا ئىككىلى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان ھېسابلىنىدۇ. شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىمۇ يۇقارقىدەك قىلىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 68-بەت)
73- ھەمنە بىنتى جەھىش مۇنداق دەيدۇ: بەك ئېغىر ئىستىھازە بولاتتىم. قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«بۇ (يەنى ئىستىھازە قېنى) شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدۇر. ئۆزۈڭنى ئالتە-ياكى يەتتە كۈن ھەيزدار ھېسابلاڭ. ئاندىن غۇسل قىلىڭ. تولۇق پاكلانغاندا يىگىرمە تۆت ياكى يىگىرمە ئۈچ كۈن ناماز ئوقۇڭ، روزا تۇتتۇڭ. بۇ سىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. ئاياللارنىڭ ھەيز بولۇپ پاكلانغىنىغا ئوخشاش، سىزمۇ ھەر ئاي مۇشۇنداق قىلىڭ. بىراق، ناۋادا پېشىن نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر نامىزى بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچىڭىز يەتسە، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇڭ. ئوخشاشلا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچىڭىز يەتسە، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا يۇيۇن، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۈپلەپ ئوقڭۇ. ئەتىگىنى يۇيۇنۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇڭ. بۇ ئىككى ھالەتتىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر.» (ئىبنى ھەجەر – ھەدىسنى نەسائىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى سەھىھ دېگەن، بۇخارى ھەسەن دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 138-نومۇرلۇق ھەدىس)
شەرھ: «بۇ ئىككى ھالەتتىن»: يەنى، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرى ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن پەقەت تاھارەت ئېلىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، بىر كېچە كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم يۇيۇنىشىدۇر.
«ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر»: يەنى، ھەيز مۇددىتى سىرتىدىكى ئىستىھازە مۇددىتىدە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭنى تېخىمۇ ياقتۇرىمەن. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 69-بەت)
74- (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى جەھش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئىستىھازە قېنى توغرىسىدا سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەيز سىزنى نامازدىن توسۇق قويغان مۇددەت ئىچىدە ساقلاڭ، ئاندىن يۇيۇنۇڭ» دېدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇناتتى. ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە «ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىڭ» دەپ كەلگەن.
بۇ رىۋايەت ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن باشقا خىل يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان.(بۇلۇغۇلمەرام 139)
ئىستىھازە بولغان ئايالغا غۇسل ۋاجىپمۇ؟
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
ئىستىھازە: ئايال كىشىدىن ھەيز مۇددىتى ۋە نىفاس مۇددىتىنىڭ سىرتىدا كەلگەن قاندۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇممۇ ھەبىبە يەتتە يىل ئىستىھازە قېنى كۆردى. بۇنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا غۇسل قىلىشنى بۇيرۇپ «بۇ تومۇردىن كەلگەن قان» دېدى. ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلاتتى. (سەھىھۇل بۇخارى 327-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھى «فەتھۇلبارى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: … بىراق، ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىرەر قانائەتكە تايىنىپ ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلشنى تاللىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلغان. بۇ ھەقتە ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا غۇسل قىلىپ ناماز ئوقۇشنى بۇيرۇدى. بىراق، ئۇ ھەر ناماز ئۈچۈن نەپلە سۈپىتىدە غۇسل قىلدى.» لەيس ئىبنى سەئد مۇسلىمدىكى رىۋايەتتە يۇقارقىغا ئوخشاش كۆز قاراشنى تاللىغان:«ئىبنى شىھاب رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇممۇ ھەبىبەگە ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىشنى بۇيرىغىنىنى تىلغا ئالمىغان. ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىش ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ ئۆزى خالاپ قىلغان ئىشىدۇر.» كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ بۇ ھەقتە يۇقارقى كۆز قاراشتا.
كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە: ئىستىھازە قېنىنى كۆرۈۋاتقان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىشى كېرەك ئەمەس. بىراق، خالىسا ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلسا بولىدۇ (بۇنداق قىلىش مۇستەھەپ). ئىستىھازە قېنىنى كۆرگەن ئايالغا پەرز بولغىنى ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشتۇر. (ئىمام ئىبنى ھەجەر «فەتھۇلبارى» 1\546)
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: بۇ ھالەتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھەر ناماز ۋاقتى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ئىمام شافىي، ئەبۇ سەۋر ۋە رەي ئەسھابى (يەنى ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى) نىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەبۇ خۇبەيشنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا «… ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئال» دەپ بۇيرۇغان. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، بۇخارى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان) (ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى» 1\182)
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى شۇكى- غۇسل ھەيزدىن پاكلانغاندا كېرەك بولىدۇ. (ھەيز ۋە نىفاستىن سىرتقى) باشقا ھالەتلەردە (كەلگەن قان ئۈچۈن) ھەر نامازدا تاھارەت ئالىدۇ. بۇنىڭا ئائىت دەلىللەر بار . بەزى ھەدىسلەردە ئورۇن ئالغان «غۇس قىلىش بۇيرۇقى» ۋاجىپ (پەرز) لىكنى ئەمەس، مۇستھەپلىكنى بىلدۈرىدۇ. (ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى» 1\183)
ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام» دا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:
ھەمنە بىنتى جەھىش مۇنداق دەيدۇ: بەك ئېغىر ئىستىھازە بولاتتىم. قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«بۇ (يەنى ئىستىھازە قېنى) شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدۇر. ئۆزۈڭنى ئالتە-ياكى يەتتە كۈن ھەيزدار ھېسابلا. ئاندىن غۇسل قىل. تولۇق پاكلانغاندا يىگىرمە تۆت ياكى يىگىرمە ئۈچ كۈن ناماز ئوقۇ، روزا تۇت. بۇ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاياللارنىڭ ھەيز بولۇپ پاكلانغىنىغا ئوخشاش، سەنمۇ ھەر ئاي مۇشۇنداق قىل. بىراق، ناۋادا پېشىن نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر نامىزى بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئوخشاشلا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا يۇيۇن، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئەتىگىنى يۇيۇنۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇ. بۇ ئىككى ھالەتتىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر.» (ھەدىسنى نەسائىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى سەھىھ دېگەن، بۇخارى ھەسەن دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 138-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» دە بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن (شەرھنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىمىنىلا ئالدىم):
«بۇ ئىككى ھالەتتىن»: يەنى، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرى ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن پەقەت تاھارەت ئېلىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، بىر كېچە كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم يۇيۇنىشىدۇر.
«ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر»: يەنى، ھەيز مۇددىتى سىرتىدىكى ئىستىھازە مۇددىتىدە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭنى تېخىمۇ ياقتۇرىمەن. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 69-بەت)
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام» دىكى 137-نومۇرلۇق ھەدىسننىڭ «پېشىن ۋە ئەسىر ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنىسەن» دېگەن بۆلىكىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: پېشىننى ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش، ئەسىرنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ. بۇندا ھالەتتە ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇغاندا ئىككىلى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان ھېسابلىنىدۇ. شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىمۇ يۇقارقىدەك قىلىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 68-بەت)
ئىستىھازىلىك ئايالنىڭ ھەر نامازدا يۇيۇنىشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق ئىكرىمە، رەبىئە، ئىمام مالىك قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشى بار. ئىمام ئىبنى قۇدامە ئىختىلاپتىن قېچىش ئۈچۈن ھەر نامازدا غۇسل قىلىشنى تېخىمۇ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. («ئەلمۇغنى» 1\182،183-بەتلەر)
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: (ئىستىھازە ئايالنىڭ) ھەر نامازدا بىر قېتىم تاھارەت ئېلىشى يېتەرلىك، بۇ ئەمەل جەھەتتىن ئەڭ تۆۋەن چەك بولۇپ، ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇشى يېتەرلىك.(«ئەلمۇغنى» 1\184)
75- ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز (ھەيزدىن) پاكلانغاندىن كېيىن (ئەۋرەتتىن) كەلگەن دۇغنى ۋە سېرىق سۇيۇقلۇقنى ئەرزىگۈدەك بىر نەرسە سانىمايتتۇق.» بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ. (‹بۇلۇغۇلمەرام› 140-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: بۇ خىل سۇيۇقلۇقلار ھەيز ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەدىس، ھەيز مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ۋە ھەيز قېنى توختىغاندىن كېيىن چىققان (سارغۇچ) سۇنىڭ ھەيز ھېسابلانمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. («بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 140-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)
76- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: يەھۇدىيلار ئايالى ھەيزدار بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەپ ئىچمەيتتى. بۇ ۋەجىدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ھەيزدار ئايال بىلەن) جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا ھەممە ئىشنى قىلىڭلار.» (مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام141)
77- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تامبىلىمنى كىيىۋېلىشىمنى بۇيرۇيتتى. ئاندىن مەن ھەيزدار ھالەتتە تۇرساممۇ، مەن بىلەن مەشغۇل بولاتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام142)
78- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيزدار ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان كىشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:«بىر دىنار ياكى يېرىم دىنار سەدىقە بېرىدۇ.» (بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان؛ ھاكىم ۋە ئىبنى قەتتان سەھىھ دېگەن؛ باشقىلار مەرفۇئ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام143)
79- ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ھەيزدار بولغاندا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستىن ئېلىنغان؛ بۇلۇغۇلمەرام144)
بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: ئىسلام ھەيزدار ئايال كىشىنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىنى ۋە روزا تۇتمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىراق، ھەيزدار ھالەتتە تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق دەلىللەر مەۋجۇت. ھەيزدار ھالىتىدە ئوقۇيالماي قالغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ (يەنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ.)[سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 144-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى]
80- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: سەرىف دېگەن جايغا كەلگەندە ھەيز كۆرۈپ قالدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا مۇنداق دېدى:«ھاجىرلار قىلغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ. پەقەتلا پاكلانغۇچە كەئبىنى تاۋاپ قىلماڭ.»(بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ئۇزۇن بىر ھەدىسىدىن ئېلىندى؛ بۇلۇغۇلمەرام 145)
81-مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھەيزدار بولۇق قالغان ئايالنىڭ ئېرى ئۈچۈن ئۇ ئايالنىڭ نەرى ھالال ئىكەنلىكىنى سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «تامبىلىنىڭ ئۈستى» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلىپ زەئىپ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام146)
82- ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا نىفاسدار (تۇغقان) خوتۇنلار، تۇغۇپ قىرىق كۈنگىچە ساقلايتتى.» بۇ ھەدىسنى نەسائىيدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ.
ئەبۇ داۋۇدنىڭ باشقا بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا نىپاسدار ھالىتىدە ئوقۇيالمىغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى بۇيرۇمىدى.» (ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 147)
83-ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (كانت النفساءُ تَجْلِسُ على عهدِرسولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم أربعين يومًا ، فكنا نُطْلِي وجوهَنا بالوَرْسِ مِنالكَلَفِ)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئايالىدا نىفاسدار ئايال (يەنى تۇغۇتلۇق ئايال) قىرىق كېچە-كۈندۈز (پاكلىنىشنى) ساقلايتتى. بىز يۈزىمىزنى قوڭۇر رەڭ نىقابتا ياپاتتۇق.»(ئەبۇ داۋۇد311؛ تىرمىزى 139؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ ئىبنى ماجە 536؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجەدە ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ ئىمام زەھەبى تەنھىقۇل تەھققىق‹1\91› دە سەنەدى ياخشى دېگەن)
ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كېيىن كەلگەن ئىلىم ئەھلىلىرى نىپاسدار ئايال (يەنى تۇغۇتلۇق ئايال) نىڭ قىرىق كۈن ناماز ئوقۇمايدىغانلىقى، ناۋادا قىرىق كۈندىن بۇرۇن پاكلانسا غۇسل قىلىپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىجمائقا (يەنى ئىتتىپاققا) كەلگەن. (پەتىۋا كومېتىتى 5\456)
84-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (إذا باتتِ المرأةُ هاجرةً فراشَ زوجِها لعنتْها الملائِكةُ حتَّى تصبِحَ)«ئەر كىشى ئايالىنى بىللە بولۇشقا چاقىرسا، ئايال كىشى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ئايالغا پەرىشتىلەر تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ.»(بۇخارى 5194؛ مۇسلىم 1436)
باشقىلار ئەلچى ئەۋەتكەن قىز-ئاياللارغا ئەلچى ئەۋەتىش ھارام
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
85-ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر-بىرىڭلارنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار. دىنىي قېرىندىشىڭلار ئەلچى ئەۋەتكەن قىزنىڭ ئۈستىگە ئەلچى ئەۋەتمەڭلار. پەقەت، باشتا ئەلچى بولغان دىنىي قېرىندىشى ئۇنىڭ (ئەلچى ئەۋەتىشىگە) رازىلىق بەرگەندىلا (ئەلچى ئەۋەتىشى) رۇخسەت.»(بۇخارى 5142؛ مۇسلىم1412؛ رىيازۇس سالىھىن 17880)
بۇ ھەدىسنى فەقىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرىھلىگەن: مۆمىن قېرىندىشى ئەلچى ئەۋەتكەن خانىم-قىزغا ئەلچى ئەۋەتمەك ھارام. مەسىلەن، بۇ بىرىنىڭ پالانچىنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتكىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇ قىزغا خېرىدار بولۇش دېمەكتۇر. بىراق، باشتا ئەلچى ئەۋەتكەن ئەر رۇخسەت قىلسا؛ مەسىلە، سەن ئۇ ئەر بىلەن كۆرۈشۈپ «ئەي پالانچى! سېنىڭ پالانچىغا ئەلچى كىرگۈزگىنىڭ ئاڭلىدىم! مەنمۇ ئۇنى خالايتتىم. مېنىڭمۇ قۇدا-باجا بولۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەلچى بولۇپ بېرىشىمغا رۇخسەت قىلامسەن» دېسەڭ، ئۇ ساڭا «ماقۇل، بارساڭ بولىدۇ» دەپ رۇخسەت قىلسا، ئۇ ھالدا بۇ چەكلىمە كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنداقلا، ئەلچى كىرگۈزگەن بولسىمۇ رەت قىلىنغان كىشى ئەلچى ئەۋەتكەن ئايالغا ئەلچى ئەۋەتىش دۇرۇس. يەنى، بىرسى بىر قىزغا ئەلچى ئەۋەتتى، بىراق ئايال بۇ ئىشقا رازى بولماي ئۇنى رەت قىلدى. بۇ چاغدا، قىزغا سەن ئەلچى ئەۋەتسەڭ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ شەخسنىڭ بۇ چاغدا ئۇ ئايال بىلەن مۇناسىۋىتى قالمىغان بولىدۇ. بىرىنىڭ بىر قىزغا ئەلچى ئەۋەتكىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەگەر قىزنىڭ ئۇنى رەت قىلغانلىقىغا دائىر ئېنىق خەۋەرگە ئېرىشمىگەن بولساڭ، ئەلچى ئەۋەتىشىڭ ساڭا ھارامدۇر. چۈنكى، بەلكىم قىز ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنى قوبۇل قىلار بولغۇيتتى، ئەمما سەن ئەلچى كىرگۈزگەچكە قوبۇل قىلمىدى. بۇ ھالدا، باشتا ئەلچى ئەۋەتكەن ئەرنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىشقا سەۋەب بولىسەن، بۇنداق قىلىشىڭ دۇرۇس ئەمەس.(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «رىياسۇز سالىھىن شەرھى»5\470)
86-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(يالغاندىن خېرىدار بولۇپ) باھانى ئۆرلەتمەڭلار. بىرى باشقا بىرىنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلمىسۇن. دىنىي قېرىندىشى ئەلچى ئەۋەتكەن ئايالغا ئەلچى ئەۋەتمىسۇن. بىر ئايال دىنىي قېرىندىشى بولغان بىر ئايالنىڭ قاچىسىدىكى ئېشىنى تۆكۈۋېتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تالاق قىلىنىشىنى سورىمىسۇن.»
بىر رىۋايەتتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مېلىنى بازارغا ئېلىپ ماڭغانلار بىلەن يول ئۈستىدە سودا قىلىشىشنى، شەھەرلىكنىڭ يېزىلىقنىڭ مېلىنى سېتىشىنى، بىر ئايالنىڭ (ئۆيلەنمەكچى بولغان ئادەمگە) ئايال دىنىي قېرىندىشىنى قويۇۋېتىش شەرتى قوشۇشىنى، كىشىنىڭ دىنى قېرىندىشىنىڭ سودىلىقىنى بۇزۇپ سودا قىلىۋېلىشىنى، شۇنداقلا يالغاندىن خېرىدار بولۇپ باھا ئۆرلىتىشنى ۋە سېتىلىدىغان ھايۋاننىڭ سۈتىنى ساغماي سۈتىنى جىق كۆرسىتىشىنى چەكلىدى.»(بۇخارى2159، مۇسلىم1515)
87-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لاَ يَحِلُّ لاِمْرَأَةٍ تُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ أَنْ تَحِدَّ فَوْقَ ثَلاَثَةِ أَيَّامٍ إِلاَّ عَلَى زَوْجٍ)«ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ئايال ئۈچۈن ئېرىدىن باشقا بىرىگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشى ھالال بولمايدۇ.»(ئىبنى ماجە 2085؛ نەسائىي 3526؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
88-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (إِذَا أَنْفَقَتِ الْمَرْأَةُ مِنْ كَسْبِ زَوْجِهَا عَنْ غَيْرِ أَمْرِهِ، فَلَهُ نِصْفُ أَجْرِهِ)«ئەگەر ئايال كىشى ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭ مال مۈلىكىدىن سەدىقە قىلسا، ئايال كىشى ئېرى ئېرىشكەن ساۋابنىڭ يېرىمىغا ئېرىشىدۇ.»(بۇخارى 2066)
89-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَا يَزَالُ الْبَلاَءُ بِالْمُؤْمِنِ وَالْمُؤْمِنَةِ فِي نَفْسِهِ وَوَلَدِهِ وَمَالِهِ حَتَّى يَلْقَى اللَّهَ وَمَا عَلَيْهِ خَطِيئَةٌ)«مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارنىڭ جان-تېنىگە، بالا-ۋاقىسىغا ۋە مال-مۈلىكىگە تاكى ئۇلار ھېچبىر گۇناھى قالمىغان ھالدا ئاللاھقا ئۇچىراشقۇچە بالا-مۇسىبەت كېلىشتىن توختاپ قالمايدۇ.»(تىرمىزى2399؛ ئىمام تىرمىزى ۋە ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
90-ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (كُلُّ عَيْنٍ زَانِيَةٌ وَالْمَرْأَةُ إِذَا اسْتَعْطَرَتْ فَمَرَّتْ بِالْمَجْلِسِ فَهِيَ كَذَا وَكَذَا يَعْنِي زَانِيَةً)«ھەر بىر كۆز زىنا قىلغۇچىدۇر، بىر ئايال ئەتىر چېچىپ بىر سورۇندىن ئۆتسە ئۇ مۇنداق مۇنداق-يەنى زىناخور بولىدۇ.»(تىرمىزى 2786؛ ئىمام تىرمىزى ۋە ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «ئاللاھ ساقلىمىغان كۆزدىن باشقا ھەر قانداق كۆز زىنا قىلغۇچىدۇر» دەپ شەرھلىگەن.
91-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (قَالُوا يَا رَسُولَ اللَّهِ أَلاَ تَتَزَوَّجُ مِنْ نِسَاءِ الأَنْصَارِ قَالَ « إِنَّ فِيهِمْ لَغَيْرَةً شَدِيدَةً «)ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! نېمىشقا ئەسارىي ئاياللارنى ئالمايلا؟» دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇلار تولىمۇ كۈنلەمچى» دېدى.(نەسائىي 3233؛ ئەلبانى سەنەدى سەھىھ دېگەن. ئەلۋادىئى سەھىھ مۇسنەدتە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن دېگەن)
92-ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، (عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم فِي الَّذِي يَأْتِي امْرَأَتَهُ وَهِيَ حَائِضٌ قَالَ « يَتَصَدَّقُ بِدِينَارٍ أَوْ بِنِصْفِ دِينَارٍ «) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيزدار ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ قويغان بىرەيلەن توغرىسىدا «يېرىم دىنار ياكى بىر دىنار سەدىقە قىلىدۇ» دېدى.(ئەبۇ داۋۇد 2168؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ ئەھمەد شاكىر مۇسنەد ئەھمەد تەخرىجىدە سەھىھ دېگەن؛ ئىبنى ماجە 529؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
93-ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لاَ يَجُوزُ لاِمْرَأَةٍ عَطِيَّةٌ إِلاَّ بِإِذْنِ زَوْجِهَا)«ئايال كىشى باشقىلارغا يولدىشىنىڭ رۇخسىتىسىز (يولدىشىنىڭ مېلىدىن) سوۋغات بېرەلمەيدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 3547؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
95-ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (أَنَّهَا سَأَلَتْ أُمَّ سَلَمَةَ زَوْجَ النَّبِيِّ ـ صلى الله عليه وسلم ـ قَالَتْ إِنِّي امْرَأَةٌ أُطِيلُ ذَيْلِي فَأَمْشِي فِي الْمَكَانِ الْقَذِرِ فَقَالَتْ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ ـ صلى الله عليه وسلم ـ « يُطَهِّرُهُ مَا بَعْدَهُ « ) ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «مەن ئۇزۇن كۆڭلەكلىك بىر ئايالمەن. پاسكىنا جايلاردىن ئۆتۈپ قېلىشىم مۇمكىن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «پاكىز جاي ئۇنى پاكلايدۇ» دېدى. (ئىبنى ماجە 531؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ ئەبۇ داۋۇد 383-سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر مىشكات تەخرىجىدە ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزى-143-تە سەھىھ دېگەن)
96- ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئەيمەن مۇنداق دەيدۇ: دادام ماڭا شۇنداق دېدى:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (ئانىمىزنىڭ) يېنىغا كىردىم. ئۇچىسىدا بەش دىرھەم قىممىتىدىكى، قېلىن كۆڭلەك بار ئىدى. ماڭا «بېشىڭنى كۆتۈرۈپ خىزمەتكارىمغا قارا. ئۇ بۇ كىيىمىنى (ئاددىي چاغلاپ) ئۆيدە كىيىشتىن نومۇس قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ھايات چاغدا مېنىڭ مۇشۇنىڭدەك كۆڭلىكىم بار ئىدى. مەدىنىدە (توي ئۈچۈن) زىننەتلەنگەن ھەممە ئاياللار بۇ كۆڭلۈكىمنى ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن خەۋەر ئەۋەتەتتى.»(سەھىھۇل بۇخارى 2628-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي رەھىمەھۇللاھ «فەتھۇل بارى» دا بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:
ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزى ئارقىلىق دېمەكچى بولغىنى مۇنداق: مۇسۇلمانلار دەسلەپكى چاغلاردا قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىدى. كېيىنكى دەۋىردىكى مۇسۇلمانلار ئەرزىمەس ھېسابلىغان نەرسىلەر دەسلەپكى چاغلاردا تولىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىناتتى.
بۇ ھەدىستىن يەنە ئائىشە ئانىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرىگە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى تەنقىدلىگەن چاغلاردىمۇ ئاچچىق گەپلەرنى قىلمايدىغانلىقى ئايان بولماقتا.(فەتھۇل بارى شەرھى سەھىھۇلبۇخارىدىن ئېلىندى)
ئاياللارنىڭ جىھادقا قاتنىشىش پەرز ئەمەسلىكى، شۇنداقلا جىھادقا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىپ قالمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا جىھادقا قاتنىششىنىڭ يامان كۆرىلىدىغانلىقى، مۇسۇلمان قوشۇنىغا ئار-نومۇس، دۈشمەنگە جاسارەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەمدە ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، نومۇسى دەپسەندە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرىسىدا
97-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (عن عائشةَ قالتْ يا رسولَ اللهِ هل على النساءِجهادٌ قال جهادٌ لا قتالَ فيه الحجُّ والعُمرةُ) مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاياللار جىھادقا قاتنىشامدۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«ئاياللارغا ئۇرۇشسىز جىھاد بار. ئۇ بولسىمۇ-ھەج بىلەن ئۇمرەدۇر»دېدى. (ئەلبانى سەھىھ تەرغىپ-1099 تا سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى ئىرۋائۇل غەلىل-981 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرام-382 دە نەقىل قىلىپ ‹بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارىدا بار› دېگەن؛ ئىبنى مۇلەققىن بۇخارى شەرھى-11\39-دا ئىسنادى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە-2362 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى قەييىم تەزھىب ئەسسۇنەن-5\249 دا سەنەدى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن)
تارىختا ئۆتكەن ئىسلام ئالىملىرى ئاياللارنىڭ جىھادقا قاتنىشىشىنى يامان كۆرگەن. ئىمام سەرخەسى شەرھ ئەسسىيار ئەلكەبىر ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-جىلد، 184-بېتىدە مۇنداق دېگەن: بىز ئاياللارنىڭ جىھادقا قاتنىشىشىنى يامان كۆرىمىز. ئاياللار جىھادقا قاتنىشىپ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلغۇدەك جىسمانىي كۈچكە ئىگە ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جەڭ مەيدانىدا ئايال كىشىنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپ «بۇ جەڭچى ئەمەس ئىدى» دېگەن. مۇسۇلمان ئايال جىھادقا قاتناشسا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېنىقلا ئېچىلىپ قالىدۇ ۋە مۇشرىك كاپىرلار بۇنىڭدىن ھوزۇر ئالىدۇ. شۇنداقلا، مۇسۇلمانلار سېپىدە ئايال جەڭچىلەرنى كۆرگەن مۇشرىكلار ‹ئۇلارنىڭ ئاياللارنى بىزگە قارىشى سېلىشقا مەجبۇر ئىكەن، مۇسۇلمانلار بۇ دەرىجىدە ئاجىز ئىكەن› دەپ ئويلاپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش جاسارىتى ئېشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭىش ئىشەنچى كۈچىيىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئاياللارنىڭ جىھادقا قاتنىشىشى توسۇلۇشى كېرەك. بۇ ۋەجىدىن ئاياللارنىڭ بىۋاسىتە جەڭگە قاتىشىشىنى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. بىراق، مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا تاللىشى بولمىسا، شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، بۇ چاغدا ئاياللارنىڭ جىھادقا قاتنىشىشى دۇرۇس بولىدۇ. (شەرھ ئەسسىيار ئەلكەبىر ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-جىلد، 184-بېتىگە قاراڭ)
كەشفۇل قىنا ناملىق فىقھى ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەن:«ئاياللارنىڭ جىھادقا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ. چۈنكى، ئايال كىشى ئەرلەرگە نىسبەتەن جەلب قىلىش، پىتنە مەنبەلىرىدىن بىرى. شۇنداقلا، ئاياللارنىڭ جىسمانىيىتى ئاجىز، يۈرەكسىز بولغانلىقتىن جىھاد قىلىشقا لايىق كەلمەيدۇ. ھەمدە، كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارنى ئەسىرگە ئېلىۋالماسلىقىغا، ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى (يەنى باسقۇنچىلىقنى) قىلماسلىقىغا ھېچقانداق كاپالىتىمىز يوق.»(كەشفۇل قىنا 3\26)
98-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لو كنتُ آمرًا أحدًا أن يسجُدَ لأحدٍ ، لأمرتُ المرأةَ أن تسجُدَ لزوجِه)«ئەگەر مەن براۋنى براۋغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيدىغان بولسام، ئايالنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم.»(تىرمىزى 1159؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ ئەتتەرغىب-1940 تا ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ بىن باز نۇرۇن ئەلەددەرب-4\112 تە سەھىھ دېگەن)
بۇ ھەدىستىن: ئەر ئايالدىكى ھەققىنىڭ تولىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان. شۇنداقلا، ئەرنىڭ ئايالغا يۈزدە يۈز ئىگە بولۇشى، ئۇنى بەخىتلىك قىلىشىغا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. سالىھ ئەرنىڭ ئايالى بولۇش ئاياللار ئۈچۈن دۇنايدىكى ئەڭ چوڭ بەخىتۇر.
99-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لايحِلُّ للمرأةِ أن تصومَ وزَوجُها شاهِدٌ إلَّا بإذنِه، ولا تأذَنْ في بيته إلا بإذنِه، وما أنفَقَت من نفقةٍ عن غيرِ أمْرِه، فإنَّه يؤدَّى إليه شَطرُه)«ئېرى يېنىدا بولغان ئايالغا ئېرىنىڭ رۇخسىتى بولمىغۇچە (نەپلە) روزا تۇتۇشى ھالال بولمايدۇ. ئېرىنىڭ رۇخسىتى بولمىغۇچە ئايال ھېچكىمنى ئۆيىگە كىرگۈزەلمەيدۇ. بىراق، ئېرىنىڭ بۇيرۇقىسىز (ياخشىلىق يولىغا) پۇل-مال سەرپ قىلسا، ئايالغا ئېرىگە بېرىلگەن ساۋابنىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ.»(بۇخارى 5195)
ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: ھەدىستىن، ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ ئايالىنىڭ نەپلە ئەمەل قىلىش ھەققىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى، ئەرنىڭ ھەققىنىڭ ئورۇندۇلىشى ۋاجىب. ۋاجىبنى ئورۇنداش نەپلىنى ئورۇنداشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
يەنە مۇنداق دېگەن: نەۋەۋى شەرھۇل مۇسلىممدا مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى ئۈچۈن ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز نەپلە روزا تۇتۇشى دۇرۇس ئەمەس.(ئېرى يېنىدا بولمىغان ئايالنىڭ نەپلە روزا تۇتىشىدا ھېچ چەكلىمە يوق-ئىبنى ئۇسەيمىن) نەپلە روزا تۇتقان بولسا، ئېرى ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلماقچى بولسا دۇرۇس، ئايالنىڭ روزىسى ئەمەلدىن قالىدۇ. ئەگەر، يولدىشى سەپەردە قايتقاندا ئايالى نەپلە روزىدار بولسا، (ئايالى بىلەن بىللە بولماقچى بولسا) شەرتسىز ھالدا ئايالىنىڭ روزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ.(فەتھۇلبارى 10\522)
توي قىلمىغان، ئېرى يوق قىز ئاياللارغا دادا قارايدىغانلىقى، توي قىلغاندىن كېيىن يولدىشى قارايدىغانلىقى، قېرىغان ئاياللارغا ئوغۇللىرى قارايدىغانلىقى توغرىسىدا
100-سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر ئايال «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز دادىلىرىمىزغا، ئەرلىرىمىزگە ۋە ئوغۇللىرىمىزغا يۈكمىز. بۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن بىزگە نېمە ھالال بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ياش خورمىدىن يېيىشىڭىز ۋە ھەدىيە قىلىشىڭىز» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى خۇزەيمە توپلىغان؛ ئىبنى ھەجەر پەتھۇلبارىدا نەقىل قىلغان ھەدىس)
101-ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىككى خىل كىشىنىڭ نامىزى بېشىدىن ئۆرلىمەيدۇ: خوجايىنىدىن قاچقان قۇل قايتىپ كەلمىگۈچە؛ ئېرىگە ئاسىيلىق قىلغان ئايال ئاسىيلىقىدىن قايتمىغۇچە.»(ھاكىم مۇستەدرەك؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ ئەسسەغىر-136، سەھىھ ھەدىس)
102-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەر كىشى ئايالىنى كېچىدە ئويغىتىپ ھەر ئىككىلىسى ناماز ئوقۇسا، ئۇلارنى ئاللاھنى كۆپ ئەسلىگۈچى ئەر-ئاياللار دەپ يېزىلىدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي، ئىبنى ماجە، ئىبنى ھىببان، ھاكىم؛ ئەلبانى سەھىھ جامىئۇس سەغىر 333)
يەنە جامىئۇس سەغىر 3057
103-ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ كىيىمىگە ھەيز قېنى تېگىپ قالسا، قاننى ئۇۋۇلاپ چىقىرىۋېتىپ، سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.»(بەيھەقى، ئەبۇ داۋۇد؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ ئەسسەغىر 350)
104-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر ئەر كىشىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، ئىككى ئايالى ئارىسىدا ئادىللىق قىلمىسا، قىيامەت كۈنى يېرىمى يوق ھالەتتە كېلىدۇ.»(تىرمىزى، ھاكىم؛ ئەلبانى سەھىھ جامىئ 761)
105-ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ماڭا جەننەت كۆرسىتىلدى. جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ پېقىر (مۆمىن) لەر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ماڭا دوزاخ كۆرسىتىلدى، دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.»(بۇخارى، مۇسلىم، ئەھمەد، تىرمىزى؛ ئەلبانى سەھىھ جامىئ 1030)
106-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جەننەت ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد، فاتىمە بىنتى مۇھەممەد، مەريەم بىنتى ئىمران ۋە پىرئەۋىننىڭ (ئىمان ئېيتقان ئايالى) ئاسىيە بىنتى مۇھازىمدۇر.»(ئىمام ئەھمەد، تەبرانى، ھاكىم؛ ئەلبانى سەھىھ جامئ 1135)
107-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن ئۆزىنىڭ يېتىمىگە ياكى باشقىلارنىڭ يېتىمىگە كېپىل بولغانلار بىلەن جەننەتتە بولىمەن. تۇل ئاياللارغا ۋە غېرىپ-مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدقا ئوخشاش.»(تەبرانى ئەلئەۋسەت؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 1476)
ئىسلام شەرىئىتىدە ئانىسى يوق بالا يېتىم ھېسابلانمايدۇ؛ دادىسى يوق، بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن بالىلار يېتىم ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ يېتىم بالىسىغا ياخشى قارىغۇچى ئايال-ھەم ئانا، ھەم دادا بولۇپ- ھەقىقەتەن كۆپ جاپا مۇشەققەت تارتىدۇ. بۇ تۈردىكى مۆمىنە ئاياللار دۇنيادىكى تارتقان جاپاسى بەدىلىگە، سەبىي بالىسىنى بويۇق قىستۇرماي، ياخشى تەربىيىلەپ مۇۋەھھىد مۇسۇلمان قىلىپ چىققىنى بەدىلىگە جەننەتتە بولىدۇ.
تۇل ئاياللارغا، غېرىپ مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. ئەمما، تۇل ئاياللارغا ياردەم بېرىش قالپىقى ئاستىدا تۇل ئاياللارغا يامان نىيەتتە بولغۇچى، تۇل ئايالغا ياردەم قىلىمەن دېگەن مەقسەد بىلەن تۇل ئايالنىڭ ئىشىكىنى ئەگىپ ئۇنىڭغا كۆز، تىل، دىل ۋە باشقا تۈرلۈك زىنا نىيىتىدە بولغۇچى مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ئەسكىسى، مۇناپىقنىڭ ئەڭ ناچىرىدۇر.
108-ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{إِنَّ أَقَلَّ سَاكِنِي الْجَنَّةِ النِّسَاءُ}«جەننەتتىكىلەرنىڭ ئەڭ ئېزى ئاياللاردۇر.»(مۇسلىم 2738؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئى 1574)
109-جابىر ئىبنى ئەتىيكە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«…تۇغۇتىدا ۋاپات بولغان (مۆمىنە) ئايال شەھىدتۇر…»(ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ماجە، نەسائىي، ئەبۇ داۋۇد؛ ئەلبانى سەھىھۇلجامىئ 2096)
ج س 2235
110-ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قايسى بىر ئەر ئەۋرىتىنى (بىۋاسىتە) تۇتسا تاھارەت ئالسۇن؛ قايسى بىر ئايال ئەۋرىتىنى (بىۋاسىتە) تۇتسا تاھارەت ئالسۇن.»(ئىمام ئەھمەد، قۇرتۇبى؛ سەھىھۇل جامئى 2725)
«سىلەرنىڭ جىھادىڭلار ھەجدۇر»(سەھىھ جامىئ 3102؛ بۇخارى) ئائىشە ئانىمىزدىن
«ئاممىۋىي مۇنچىلار ئۈممىتىمنىڭ ئاياللىرىغا ھارام.»(سەھىھۇل جامىئ 3192؛ ھاكىم)
3254
3279
3298
«ئاياللارنىڭ نامىزىنىڭ ئەڭ خەيىرلىكى ئۆيىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدە ئوقۇغان نامىزىدۇر.»(سەھىھۇل جامىئ 3311؛ تەبرانى)
«ئاياللارنىڭ مەسجىدلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆيىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدۇر.»(سەھىھۇل جامىئ 3327)
«دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى ئاياللاردۇر.»(ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ3970؛ تەبرانى)