سەھىھ ھەدىس | جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرالمايدىغان ئايال

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىككى تۈرلۈك جەھەننەم ئەھلى بار، مەن ئۇلارنى تېخى كۆرمىدىم. (بىرىنجىسى،) يېنىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك (توم) قامچا بولغان، شۇ قامچىسى بىلەن ئىنسانلارنى ئۇرغانلار. (ئىككىنجىسى،) كىيىم كىيىۋالغىنىغا قارىماستىن يالىڭاچ كۆرىنىدىغان، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ئېزىپ باشقا ئاياللارنىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشقا زورلىغان ۋە باشلىرىنى تۆگىنىڭ ئەگرى لوكىسىغا ئوخشاش (يوغىنىتىۋالغان) ئاياللاردۇر. مانا مۇشۇنداق ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى، جەننەتنىڭ خۇش پۇرىقى مۇنداق مۇنداق (يەنى تولىمۇ يىراق جايلارغىچە) يېتىپ تۇرىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 3971؛ رىيازۇس سالىھىن 1634)

تور بېتىمىزدىن فەقىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىنى ئوقۇڭ

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ