رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئات گۆشى يېگەنلىكى

ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىدا، ئىمام مۇسلىم سەھىھۇل مۇسلىمدا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: ((نهى رسول الله صلى الله عليه وسلم يوم خيبر عن لحوم الحمر الأهلية، وأذن في لحوم الخيل)) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خەيبەر كۈنى ئۆيدە بېقىلغان ئېشەكنىڭ گۆشىنى يېيىشنى چەكلەپ، ئات گۆشىنى يېيىشنى ھالال قىلدى.» (بۇخارى 4219؛ مۇسلىم 1941؛ تىرمىزى 1793؛ نەسائىي 4329؛ ئەبۇ داۋۇد 3789؛ مۇسنەد ئەھمەد، 3-323؛ دارىمى 1993)[ صحيح البخاري المغازي (4219) hedisim.com   

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىمنىڭ ئىككى سەھىھ ھەدىس توپلىمىدا يەنە مۇنۇ ھەدىسمۇ نەقىل قىلىنغان: ((عن أسماء قالت: نحرنا فرسًا على عهد رسول الله صلى الله عليه وسلم فأكلناه ونحن بالمدينة)) «ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: بىز مەدىنىدىكى چېغىمىزدا ئاتنى بوغۇزلىدۇق ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ئۇنى يېدۇق.»(بۇخارى 5511؛ مۇسلىم 1942؛ نەسائىي 4421؛ ئىبنى ماجە 3190؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6-345؛ دارىمى 1992) hedisim.com

 داراقۇتنىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: ((أرادت أن تموت فذبحناها فأكلناها)) «ئۆلۈشكە ئاز قالغان بىر ئات بار ئىدى. بىز ئۇنى سويۇپ يېدۇق.» hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ