قىيامەت توغرىىسدا يۈز ھەدىس
ھەدىس خەزىنىسى تورى تەييارلىدى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( إذا كان يوم القيامة كنت إمام النبيين، وخطيبهم، وصاحب شفاعتهم؛ غير فخر))«قىيامەت كۈنى مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامى، خاتىبى ۋە شاپائەت ساھىبى بولىمەن، بۇنىڭدىن مەغرۇرلانمايمەن.» hedisim.com (سەھىھ تىرمىزى 3613؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 3500)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا كان يوم القيامة بعث الله تعالى إلى كل مؤمن ملكا؛ معه كافر، فيقول الملك للمؤمن يا مؤمن هاك هذا الكافر، فهذا فداؤك من النار)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ھەر بىر مۆمىنگە يېنىدا بىردىن پەرىشتە ئەۋەتىدۇ ۋە ئۇ پەرىشتىنىڭ يېنىدا بىردىن كاپىر بولىدۇ. پەرىشتە ئۇ مۆمىنگە <ئى مۆمىن! بۇ كاپىر سېنىڭ جەھەننەمدىن قۇتۇلۇش فىدىيەڭدۇر> دەيدۇ.» hedisim.com (سەھىھ جامىئ 778)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا كانت عند الرجل امرأتان فلم يعدل بينهما جاء يوم القيامة وشقه ساقط))«بىر ئەر كىشىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ئىش كۆرمىسە، بۇنداق كىشى قىيامەت كۈنى بەدىنىنىڭ بىر تەرىپى پالەچ ھالدا (مەشھەرگاھ مەيدانىغا) كېلىدۇ.» hedisim.com (تەخرىج مىشكات مەسابىھ 3172، ئىبنى ھەجەر ھەسەن، ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا مات أحدكم عرض عليه مقعده بالغداة والعشي: إن كان من أهل الجنة فمن أهل الجنة، وإن كان من أهل النار فمن أهل النار، يقال له: هذا مقعدك حتى يبعثك الله إليه يوم القيامة)) «سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەندە (ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنى) ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولسا جەننەتتىكى ئورنى، جەھەننەم ئەھلىدىن بولسا جەھەننەمدىكى ئورنى كۆرسىتىلىدۇ ۋە <مانا بۇ قىيامەت ئاللاھ سېنى بارغۇزىدىغان جايدۇر> دېيىلىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 2866)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أسعد الناس بشفاعتي يوم القيامة من قال «لا إله إلا الله» خالصا مخلصا من قلبه))«قىيامەت كۈنى شاپائىتىمگە ئېرىشىپ ھەممىدىن بەك بەختلىك بولغۇچى قەلبىدىن چىقىرىپ ئىخلاس بىلەن لاھ ئىلاھە ئىللەللاھ دېگۈچى مۆمىندۇر.» hedisim.com (بۇخارى 99؛ سەھىھ جامىئ)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أشد الناس عذابا في الدنيا أشد الناس عذابا عند الله يوم القيامة)) «دۇنيادا كىشىلەرگە ھەممىدىن بەك قىيناپ، جازالىغۇچى قىيامەت كۈنى ھەممىدىن ئېغىر جازا بىلەن جازالىنىدۇ.» hedisim.com(سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 1049)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أشد الناس يوم القيامة عذابا إمام جائر)) «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق جازاغا ئۇچرىغۇچى (لاردىن بىرى) زالىم ھۆكۈمراندۇر.» hedisim.com (سەھىھ جامىئ 1001)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أشد الناس عذابا عند الله يوم القيامة الذين يضاهون بخلق الله)) «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلار (دىن بىرى) ئاللاھ ياراتقان جانلىق مەخلۇقاتلارغا ئوخشىتىپ (جانلىقنىڭ ھەيكىلىنى ياكى رەسىمىنى سىزغان) كىشىلەردۇر.» hedisim.com (سەھىھ جامىئ 997)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أطفال المؤمنين في جبل في الجنة يكفلهم إبراهيم وسارة، حتى يردهم إلى آبائهم يوم القيامة)) «مۆمىنلەرنىڭ پەرزەنتلىرى جەننەتتىكى بىر تاغدا بولىدۇ. قىيامەت كۈنىدە بۇ پەرزەنتلەر دادىلىرىغا تاپشۇرۇلغانغا قەدەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە (ئايالى) سارە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.» hedisim.com (سەھىھ جامىئ1023؛ جامىئۇس سەغىر 1097)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أطول الناس أعناقا يوم القيامة المؤذنون)) «قىيامەت كۈنى بوينى ئەڭ ئۇزۇن بولىدىغان كىشىلەر (مۆمىنلەردىن بولغان) مۇئەززىنلەردۇر.» hedisim.com (سەھىھ جامىئ1031) *ئەڭ ھۆرمەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أعظم الغلول عند الله يوم القيامة ذراع من الأرض: تجدون الرجلين جارين في الأرض أو في الدار فيقتطع أحدهما من حظ صاحبه ذراعا، فإذا اقتطعه طوقه من سبع أرضين يوم القيامة)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خىيانەتنىڭ ئەڭ يامىنى يېرى ياكى ئۆيى بىر-بىرىگە قوشنا بولغان ئىككى كىشىدىن بىرىنىڭ قوشنىسىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆزىنىڭكىگە بىر چامدام يەرنى قوشۇۋېلىشىدۇر. (خەققە تەۋە) مۇشۇنچىلىك يەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان كىشى قىيامەت كۈنى ئۆزى ناھەق ئىگىلىۋالغان يەر تاكى يەتتە قات ئاستىغىچە ئىگىلىۋالغان كىشىنىڭ بوينىغا ئېسىپ (قويۇلغان ھالەتتە مەشھەرگاھ مەيدانىغا ھازىر بولىدۇ.)» hedisim.com (سەھىھ تەرغىب 1869؛ ئەھمەد شاكىر-ئۇمدەتۇت تەفسىر 1\433 تە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 1177 دە سەھىھ دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أعظم الظلم ذراع من الأرض ينتقصه المرء من حق أخيه. ليست حصاة أخذها إلا طوقها يوم القيامة)) «زۇلۇمنىڭ ئەڭ چوڭى كىشىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنىڭ يېرىدىن بىر چامدام يەرنى ئۆزىنىڭ يېرىگە قوشۇۋېلىشىدۇر. (بەندە باشقىلارغا تەۋە مال-مۈلۈكتىن) بىر تال تاش ئېلىۋالغان تەقدىردە، ئېلىۋالغان نەرسىسى ئېلىۋالغۇچىنىڭ بوينىغا ئېسلغان ھالدا قىيامەت كۈنى (مەشھەرگاھ مەيدانىدا) ھازىر بولىدۇ.» hedisim.com (مۇسنەد ئەھمەد 5\291؛ مۇھەددىس ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن، بىدايە ۋەننىھايە 1\16 دە ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ھەدىسنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى تەستىقلىغان، )
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((اتق الله يا أبا الوليد، لا تأتي يوم القيامة ببعير تحمله له رغاء، أو بقرة لها خوار، أو شاة لها ثواج)) «ئى ئەبۇ ۋەلىد، ئاللاھتىن قورق! قىيامەت كۈنى دۈمبەڭدە مۆرىگەن تۆگە، ياكى كالا-قوينى يۈدكەن ھالەتتە كەلمە!» hedisim.com (سەھىھ جامى 99)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أمتي يوم القيامة غر من السجود، محجلون من الوضوء))«قىيامەت كۈنى ئۈممىتىمنىڭ پېشانىلىرى سەجدە ئىزى سەۋەبلىك ئاق، پۇت-قوللىرى ئالغان تاھارىتى سەۋەبلىك پارلاق بولىدۇ.» hedisim.com (سەھىھ تىرمىزى 607)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى ليسأل العبد يوم القيامة، حتى يسأله ما منعك إذا رأيت المنكر أن تنكره؟ فإذا لقن الله العبد حجته قال: يا رب رجوتك وفرقت من الناس)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى شۇنداق بىر ھېسابقا تارتىدۇكى، ھەتتا ئۇنىڭدىن يامانلىقنى كۆرگەندە نېمىشقا ئۇ يامانلىققا توسقۇنلۇق قىلمىغىنىنىمۇ سورايدۇ. ناۋادا ئاللاھ تائالا بۇ بەندىسىنىڭ قەلبىگە بۇنىڭ جاۋابىنى ئىلھام قىلغان تەقدىردە، ئۇ بەندە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ «ئى رەببىم! مەن ئىسانلاردىن ئايرىلىپ، ساڭىلا ئۈمىد باغلىغان ئىدىم.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامى 1818؛ ۋادىئى-سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 403؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 3260)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يعذب يوم القيامة الذين يعذبون الناس في الدنيا)) «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى دۇنيادا ئىنسانلارنى ئازابلىغانلارنى ئازابلايدۇ.» hedisim.com (سەھىھ جامىئ 1900)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يقول يوم القيامة: أين المتحابون بجلالي؟ اليوم أظلهم في ظلي، يوم لا ظل إلا ظلي)) «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئۇلۇغلۇقىم يۈزسىدىن (دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئۆز-ئارا) ياخشى كۆرۈشكەنلەر قەيەردە؟ مېنىڭ سايەمدىن باشقا سايە بولمىغان بۇ كۈندە، ئۇلارنى ئۆز سايەم بىلەن سايىدىتىمەن.» hedisim.com (مۇسلىم 2566)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يقول يوم القيامة: يا ابن آدم، مرضت فلم تعدني. قال: يا رب، كيف أعودك وأنت رب العالمين؟ قال: أما علمت أن عبدي فلانا مرض فلم تعده؟ أما علمت أنك لو عدته لوجدتني عنده؟ يا ابن آدم، استطعمتك فلم تطعمني. فقال: يا رب وكيف أطعمك وأنت رب العالمين؟ قال: أما علمت أنه استطعمك عبدي فلان فلم تطعمه؟ أما علمت أنك لو أطعمته لوجدت ذلك عندي؟ يا ابن آدم، استسقيتك فلم تسقني. قال: يا رب كيف أسقيك وأنت رب العالمين؟ قال: استسقاك عبدي فلان فلم تسقه؟ أما إنك لو سقيته لوجدت ذلك عندي))
ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدۇ:«ئى ئادەم بالىسى! مەن ئاغرىپ قالدىم، مېنى يوقلاپ كەلمىدىڭ.» بەندە «ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، سېنى قانداق يوقلاپ باراتتىم» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم ئاغرىپ قالغاندا، ئۇنى يوقلاپ بارمىغانلىقىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنى زىيارەت قىلغىنىڭدا مېنى شۇ يەردىن تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (ئاللاھ تائالا يەنە)«ئى ئادەم بالىسى! سەندىن يەيدىغان نەرسە سورىدىم، بىراق ماڭا يېگۈزمىدىڭ» دەيدۇ. بەندە «ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ تاماق يېگۈزەتتىم» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم سەندىن يېمەكلىك سورىغاندا، سەن ئۇنىڭغا بەرمىگىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنىڭغا يېمەكلىك بەرگىنىڭدە، بۇنىڭ ئەجرىنى مېنىڭ دەرگاھىمدا تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (ئاللاھ تائالا يەنە) «ئى ئادەم بالىسى! سەندىن سۇ سورىدىم، ماڭا سۇ بەرمىدىڭ» دەيدۇ. بەندە:«ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ سۇ بېرەتتىم؟» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم سەندىن سۇ سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا سۇ بەرسەڭ، مېنىڭ دەرگاھىمدا بۇنىڭ ئەجرىنى تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. hedisim.com (سەھىھۇل مۇسلىم، 2569-نومۇرلۇق ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( إن الظلم ظلمات يوم القيامة)) «(دۇنيادا قىلىنغان) زۇلۇم قىيامەت كۈنىدىكى قاراڭغۇلۇقتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 2579)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن العرق يوم القيامة ليذهب في الأرض سبعين باعا، وإنه ليبلغ إلى أفواه الناس، أو إلى آذانهم))«قىيامەت كۈنى كىشىنىڭ تەرى يەردىن يەتمىش غۇلاچ چوڭقۇرلۇققىچە يېتىپ بارىدۇ. ھەتتا، كىشىنىڭ ئاغزىغا ياكى قۇلاقلىرىغىچە ئۆرلەيدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 2863)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أشد الناس عذابا يوم القيامة المصورون)) «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلار جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش ۋە ھەيكىلىنى ياساش بىلەن شۇغۇللانغانلاردۇر.» hedisim.com(مۇسلىم 2109؛ جامىئۇس سەغىر 2200؛ سەھىھ جامىئ1563؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن)
*پەرزەنتلەرنى جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى سىزىش ياكى ياساشتىن ئالاھىدە ھەزەر قىلدۇرۇش، ئۇلارغا بۇ ئىشنىڭ قاتتىق ھارام قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، ئاتا-ئانىلار ئۆزىمۇ بۇنداق ھارام قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. رەسساملارنىڭ ۋە ھەيكەلتاراشلارنىڭ قىيامەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدىغانلىقى بۇ تۈردىكى ھەدىسلەردىن بىلىنىدۇ. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ تىلى ئارقىلىق ھارام قىلغان ئىشنى قىلىۋەرگۈچىلەر ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن باش تارتقۇچى ئاسىيلاردۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الذين يصنعون هذه الصور يعذبون يوم القيامة فيقال لهم: أحيوا ما خلقتم))«جانلىقنىڭ سۈرىتىنى سىزغان ياكى ھەيكىلىنى ياسىغانلارغا قىيامەت كۈنى ئازاب بېرىلىدۇ ۋە <ياراتقانلىرىڭلارغا جان كىرگۈزۈڭلار>دېيىلىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 5951؛ جامىئۇس سەغىر 2094؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الذين يصنعون هذه الصور يعذبون يوم القيامة فيقال لهم: أحيوا ما خلقتم))«جانلىقنىڭ سۈرىتىنى سىزغان ياكى ھەيكىلىنى ياسىغانلارغا قىيامەت كۈنى ئازاب بېرىلىدۇ ۋە <ياراتقانلىرىڭلارغا جان كىرگۈزۈڭلار>دېيىلىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 5951؛ جامىئۇس سەغىر 2094؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن المقسطين عند الله يوم القيامة على منابر من نور عن يمين الرحمن، وكلتا يديه يمين: الذين يعدلون في حكمهم، وأهليهم، وما ولوا))«ئادالەت ئىگىلىرى مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى نۇردىن بولغان تەختلەردە ئولتۇرغۇزىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىككىلى قولى ئوڭدۇر. بۇ ئادالەت ئىگىلىرى ھۆكۈمرانلىقىدا، ئائىلە بالا-چاقىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشلاردا ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرگۈچىلەردۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 1827؛ جامىئۇس سەغىر 2121؛ سەھىھ جامىئ ؛ ئىبنى ئەمردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن المكثرين هم المقلون يوم القيامة، إلا من أعطاه الله تعالى خيرا فنفح فيه يمينه وشماله، وبين يديه ووراءه، وعمل فيه خيرا)) «دۇنيادا بايلىقى كۆپ بولغۇچىلار قىيامەت كۈنىدە ساۋابى ئاز بولغۇچىلاردۇر. بىراق، ئاللاھ ئۆزىگە ئاتا قىلغان پۇل-مالدىن ئوڭىغا، سولىغا، ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا تارقاتقان، ھەمدە پۇل-مېلى ئارقىلىق ياخشى ئىشلارنى قىلغان مۆمىنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2122؛ سەھىھ جامىئ 1954؛ ئەبۇ زەر غىفارىدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أفضل عباد الله يوم القيامة الحمادون)) «قىيامەت كۈنى مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى ئاللاھقا كۆپلەپ ھەمدى ئېيتقۇچىلاردۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2213؛ سەھىھ جامىئ 1571؛ ئىمران ئىبنى ھۇسەيندىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أكثر الناس شبعا في الدنيا أطولهم جوعا يوم القيامة)) «دۇنيادىكى چېغىدا (كۆپ يەپ-ئىچىش سەۋەبلىك) ئەڭ كۆپ توق يۈرگەنلەر قىيامەت كۈنى ئاچلىق ئازابىنى ئەڭ كۆپ تارتقۇچىلاردۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2217؛ سەھىھ جامىئ 1577؛ سالمان فارىسىدىن؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 2722، ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھ 5\16؛سەھىھ ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أمتي يدعون يوم القيامة غرا محجلين من آثار الوضوء – فمن استطاع منكم أن يطيل غرته فليفعل)) «مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەت ئىزلىرى سەۋەبلىك يۈزلىرى نۇرلۇق، پۇت-قوللىرى پارلاق ھالەتتە (مەشھەرگاھ مەيدانىدا) چاقىرىلىدۇ. كىمكى يۈزىنىڭ نۇرىنى ئاشۇرۇشقا كۈچى يەتسە، شۇنداق قىلسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 136؛ جامىئۇس سەغىر 2220؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن) * بۇ ھەدىستىن تاھارەتنى كۆپ ئېلىپ، نامازنى ۋە شۇ تىپتىكى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشقا تەشۋىق بار. ھەرگىزمۇ پۇت قولنى تاھارەتتە يۇيۇش بەلگىلەنگەن چەك-چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاشۇرۇپ يۇيۇشقا — مەسىلەن، بېلەكنى قولتۇققىچە، پۇتنى تىزغىچە يۇيۇشقا — ئەمەس.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أولى الناس بي يوم القيامة أكثرهم علي صلاة)) «قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن بولىدىغان كىشى ماڭا ئەڭ كۆپ سالاۋات ئوقۇغان كىشىدۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2213؛ بۇلۇغۇلمەرام 455؛ ئىبنى ھەجەر-فەتھۇلبارى 11\172؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أول ما يسأل عنه العبد يوم القيامة من النعيم أن يقال له: ألم نصح لك جسمك، ونرويك من الماء البارد؟)) «قىيامەت كۈنى مۆمىن بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېسابى سورىلىدىغان نىمەت <ساڭا ساغلام تەن ئاتا قىلمىدۇقمۇ؟ ساڭا قانغۇچە مۇزدەك سۇ ئىچكۈزمىدۇقمۇ؟> دەپ سوراشتۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2253؛ سەھىھ جامىئ2022؛ سەھىھ تىرمىزى 3358؛ ئىبنى ھەجەر-فەتھۇلبارى 11\172؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن رجالا يتخوضون في مال الله بغير حق، فلهم النار يوم القيامة)) «ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇل-مالنى ناتوغرا يەرلەرگە سەرپ قىلىدىغانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 3118؛ جامىئۇس سەغىر 2272؛ سەھىھ جامىئ 2073؛ ھەۋلە بىنتى قەيستىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن شر الناس منزلة عند الله يوم القيامة من تركه الناس اتقاء فحشه)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەھۋالى ئەڭ يامان بولغان ناچار ئەخلاقى سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 2591؛ جامىئۇس سەغىر 2284؛ سەھىھ جامىئ 2095؛ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ شَرَّ النَّاسِ عِنْدَ اللَّهِ مَنْزِلَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ مَنْ تَرَكَهُ النَّاسُ اتِّقَاءَ شَرِّهِ)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەھۋالى ئەڭ يامان بولغان كىشى يامانلىقى سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 6032)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن فقراء المهاجرين يسبقون الأغنياء يوم القيامة إلى الجنة بأربعين خريفا)) «ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارنىڭ يوقسۇللىرى قىيامەت كۈنى باي مۆمىنلەردىن قىرىق يىل بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2305؛ سەھىھ جامىئ2118؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن فقراء المهاجرين يسبقون الأغنياء يوم القيامة إلى الجنة بأربعين خريفا)) «ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارنىڭ يوقسۇللىرى قىيامەت كۈنى باي مۆمىنلەردىن قىرىق يىل بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2305؛ سەھىھ جامىئ 2118؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن في الجنة بابا يقال له «الريان» يدخل منه الصائمون يوم القيامة، لا يدخل منه أحد غيرهم. يقال: أين الصائمون؟ فيقومون فيدخلون منه، فإذا دخلوا أغلق فلم يدخل منه أحد)) «جەننەتنىڭ <رەييان> دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرۋازىسى بار. قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ بۇ دەرۋازىسىدىن پەقەت كۆپ روزا تۇتقۇچى مۆمىنلەرلا كىرىدۇ، بۇلاردىن باشقا ھېچكىم بۇ دەرۋازىدىن كىرەلمەيدۇ. (جەننەت ئىشىكىنى ساقلىغۇچى پەرىشتە) <كۆپ روزا تۇتقۇچىلار قېنى؟> دەپ نىدا قىلىدۇ. كۆپ روزا تۇتقۇچى مۆمىنلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ دەرۋازىدىن جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلار كىرىپ بولغاندا دەرۋازا تاقىلىدۇ، كۆپ روزا تۇتقۇچىلاردىن باشقا ھېچبىر مۆمىن جەننەتكە بۇ ئىشىكتىن كىرەلمەيدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2312؛ سەھىھ جامىئ 2121؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)
ھەدىسكە مۇناسىۋەتلىك ئەسكەرتمە:
پەرز قىلىنغان رامزان روزىسىدىن باشقا، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇش ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئاشۇرا، شەئبان، شەۋۋال … ئايلىرىدىكى نەپلە روزىلارنى تۇتۇش ھەدىستىكى كۆپ روزا تۇتۇش جۈملىسىدىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن لكل غادر لواء يوم القيامة يعرف به عند استه)) «ئەھدىسىگە خىيانەت قىلغان ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بىر بايراق تىكىلىدۇ. ئۇ كىشى ئولتۇرغان يېرىدە شۇ بايراق بىلەن بىلىنىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2434؛ سەھىھ جامىئ 2157؛ ئەنەس ئىبنى مالىكتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن لكل غادر لواء يوم القيامة يعرف به عند استه)) «ئەھدىسىگە خىيانەت قىلغان ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بىر بايراق تىكىلىدۇ. ئۇ كىشى ئولتۇرغان يېرىدە شۇ بايراق بىلەن بىلىنىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 1437؛ جامىئۇس سەغىر 2477)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن شئتم أنبأتكم عن الإمارة وما هي: أولها ملامة، وثانيها ندامة، وثالثها عذاب يوم القيامة إلا من عدل)) «خالىساڭلار ھوقۇقدار بولۇشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن سىلەرگە خەۋەر بېرەي: ئۇنىڭ باشلىنىشى ئەيىبلەش، ئوتتۇرىسى پۇشايمان، ئاقىۋىتى قىيامەت كۈنى ئازابقا قېلىشتۇر. ئادالەت بىلەن ھوقۇق تۇتقان مۆمىنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2666؛ سەھىھ جامى 1420؛ ئەبۇ مالىك ئەشجائىدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أنا أكثر الأنبياء تبعا يوم القيامة، وأنا أول من يقرع باب الجنة)) «قىيامەت كۈنى ئەگەشكۈچىسى ئەڭ كۆپ پەيغەمبەر مەن بولىمەن، جەننەت ئىشىكىنى تۇنجى بولۇپ چەككۈچىمۇ مەن بولىمەن.» hedisim.com (مۇسلىم 196؛ جامىئۇس سەغىر 2688؛ ئەنەس ئىبنى مالىك)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أنا سيد ولد آدم يوم القيامة، وأول من ينشق عنه القبر، وأول شافع، وأول مشفع)) «قىيامەت كۈنى مەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ سەردارىمەن. تۇنجى بولۇپ قەبرىسى يېرىلغۇچى مەن، تۇنجى بولۇپ شاپائەت قىلغۇچى مەن ۋە تۇنجى بولۇپ شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچى مەن.» hedisim.com (مۇسلىم 2278؛ جامىئۇس سەغىر 2692؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أهون أهل النار عذابا يوم القيامة رجل يوضع في أخمص قدميه جمرتان يغلي منهما دماغه)) «قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئەھلىدىن ئازابى ئەڭ يېنىك بولىدىغىنى پۇتلىرىنىڭ ئاستىغا ئوتتىن ئىككى چوغ قويۇلىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇنىڭ مېڭىسى قاينايدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2772؛ سەھىھ جامىئ2533؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((اول خصمين يوم القيامة جاران)) «قىيامەت كۈنى بىر-بىرىدىن شىكايەتچى بولىدىغان تۇنجى شىكايەتچى قوشنىلاردۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2821؛ سەھىھ جامىئ 2563؛ ئۇقبە ئىبنى ئامىردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد يوم القيامة الصلاة: فإن صلحت صلح له سائر عمله، وإن فسدت فسد سائر عمله)) «قىيامەت كۈنى بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېسابى ئېلىنىدىغان ئىش نامازدۇر. ئەگەر نامىزىنىڭ ھېسابىدىن ياخشى ئۆتەلىسە، بەندە باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ياخشى ئۆتەلەيدۇ. ئەگەر ناماز ھېسابىدىن ئۆتەلمىسە، باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2818؛ سەھىھ جامىئ 2573؛ ئەنەس ئىبنى مالىكتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد الصلاة، وأول ما يقضى بين الناس في الدماء)) «(قىيامەت كۈنى) بەندە تۇنجى بولۇپ ھېسابقا تارتىلىدىغان ئىش ناماز، ئىنسانلار ئارىىسدا تۇنجى ھۆكۈمى چىقىرىلىدىغان ئىش قان داۋاسىدۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2826؛ سەھىھ نەسائى 4002؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد يوم القيامة صلاته، فإن كان أتمها كتبت له تامة، وإن لم يكن أتمها، قال الله لملائكته: انظروا هل تجدون لعبدي من تطوع فتكملون بها فريضته؟ ثم الزكاة كذلك، ثم تؤخذ الأعمال على حسب ذلك)) «قىيامەت كۈنى بەندە تۇنجى بولۇپ ھېسابقا تارتىلىدىغان ئەمەل نامازدۇر. ئەگەر بەندىنىڭ نامىزى تولۇق بولسا، ئۇنىڭغا تولۇق ساۋاب يېزىلىدۇ. ئەگەر نامىزى كام چىقسا، ئاللاھ تائالا (ئۆزى ياخشى بىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ) پەرىشتىلەرگە <بەندەمنىڭ نەپلە نامازلىرى بارمۇ، ئۇنىڭغا قاراڭلار> دەيدۇ. ئاندىن، باشقا ئەمەللىرىدىنمۇ مۇشۇ خىل شەكىلدە ھېساب ئېلىنىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2844؛ سەھىھ جامىئ2574)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أيما رجل آتاه الله تعالى علما فكتمه، ألجمه الله يوم القيامة بلجام من نار)) «ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە ئىلىم ئاتا قىلسا، كىشى ئاللاھ ئاتا قىلغان ئۇ ئىلىمنى (ياخشىلىق يوللىرى ئۈچۈن ئىشلەتمەي) يوشۇرسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئوتتىن يۈگەن سالىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2965؛ سەھىھ جامىئ 2714؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الإسبال في الإزار والقميص والعمامة، فمن جر منها شيئا خيلاء، لم ينظر الله إليه يوم القيامة)) «(ئەر كىشى ئۈچۈن) كىيىمنى ئۇزارتىۋېلىش بەلنىڭ ئاستىغا كىيىدىغان كىيىمىدە، ئەرەنچە ئۇزۇن كۆڭلەكتە ۋە سەللىدە بولىدۇ. كىمكى تەكەببۇرلۇق قىلىپ بۇ كىيىملىرىدىن بىرىنى ھوشۇقىدىن پەسكە ساڭگىلىتىپ كىيىۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭغا قارىمايدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 3052؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 4260؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لا يستر الله عبدا في الدنيا إلا ستره يوم القيامة)) «ئاللاھ تائالا دۇنيادا بىر مۆمىن بەندىنىڭ ئەيىپىنى يېپىپ، ئۇنى رەسۋا قىلمىغان بولسا، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇنىڭ ئەيىپىنى يېپىپ رەسۋا قىلمايدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 3446؛ سەھىھ جامىئ3021)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا يقبل الله منهم يوم القيامة صرفا ولا عدلا: عاق، ومنان، ومكذب بالقدر)) «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باركى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھېچبىر (ئەمىلى ۋە ئۆزرىسىنى) قوبۇل قىلمايدۇ. (ئۇلار) ئاتا-ئانىسى قاقشاتقۇچى، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى ۋە تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 3535؛ سەھىھ تەرغىب، 2513؛ ئەبۇ ئۇمامەدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا يكلمهم الله يوم القيامة ولا ينظر إليهم ولا يزكيهم ولهم عذاب أليم: المسبل إزاره، والمنان الذي لا يعطي شيئا إلا منه، والمنفق سلعته بالحلف الكاذب)) «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باركى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىپ پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا قاتتىق ئازاب باردۇر. (ئۇلار) ئاستىغا كىيىدىغان كىيىمنىڭ پۇشقۇقىنى ھوشۇقىدىن پەسكە چۈشۈرۈپ كىيىۋالغۇچى ئەر، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى، يالغان قەسەم بىلەن مال ساتقۇچىدۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 3538؛ سەھىھ جامىئ3067؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 1807؛ ئەبۇ زەردىن)
*يالغان قەسەم بىلەن مال ساتقۇچى مېلىدا بىرەر قۇسۇرى بار تۇرۇپ، ئۇنى قۇسۇرسىز دەپ ساتقۇچى؛ يالغاندىن پالانچى مۇنچە پۇل قىلغانتى بەرمىدىم دەپ خېردارنى ئالداش قەستىگە چۈشكۈچى، مېلىغا ھىيلە ئىشلەتكۈچى قاتارلىق ھەممە كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەدىستە بايان قىلغان ئىشلار شۇ ئىشلارنىڭ قاتتىق ھاراملىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا يكلمهم الله يوم القيامة ولا ينظر إليهم: رجل حلف على سلعته لقد أعطي بها أكثر مما أعطي وهو كاذب، ورجل حلف على يمين كاذبة بعد العصر ليقتطع بها مال رجل مسلم، ورجل منع فضل مائه فيقول الله: «اليوم أمنعك فضلي كما منعت فضل ما لم تعمله يداك)) «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باركى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ: (ئۇلار) مېلىنى ساتقاندا خېرىدارغا ئۇ بەرگەن باھادىن يۇقىرى باھانىڭ بېرىلگەنلىكى سۆزلەپ يالغان قەسەم قىلغۇچى، ئەسىر نامىزىدىن كېيىن يالغان قەسەم بىلەن بىر مۇسۇلمانغا مېلىنى سېتىپ (ئۇنىڭ پۇلىنى يەۋالغۇچى)، ئۈچىنچىسى (سەپەردە) ئارتۇق سۈيى تۇرۇپ، ئۇنى باشقا مۇسۇلمانلاردىن ئايىغان كىشى. ئاللاھ تائالا بۇ كىشىگە مۇنداق دەيدۇ: <ئۆز مېھنىتىڭ بىلەن ئېرىشمىگەن تۇرۇقلۇق، ئارتۇق سۈيۈڭدىن باشقىلارنى مەرھۇم قويدۇڭ، بۈگۈن مەن سېنى پەزلى-رەھمىتىمدىن مەرھۇم قويىمەن.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 3539؛ سەھىھ جامىئ3066؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن) * ھەدىستىن شۇ نەرسە ئايدىڭكى، مەيلى شەرئىي ئىلىم بولسۇن، مەيلى دۇنياۋى ئىلىم بولسۇن، ياكى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بولسۇن، مۇسۇلمانلارنىڭ شۇلاردىن بىرىگە قاتتىق ئېھتىياجى بولىۋاتقان تۇرسىمۇ، ئۆز ئىلىكىدىكىنى، ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشقىنىنى ھاجەتمەنلەردىن ئاياش ئاللاھ قاتتىق غەزەپ قىلىدىغان قىلمىشتۇر. بۇ ھەدىس يەنە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە نەقەدەر كۆيۈمچانلىقىنى؛ ھەمدە، ئاچ-كۆزلۈك، پىخسىق ۋە كۆزى كىچىكلىك، باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتماسلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرگە نەقەدەر غەزەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا يكلمهم الله يوم القيامة ولا يزكيهم ولا ينظر إليهم ولهم عذاب أليم: شيخ زان، وملك كذاب، وعائل مستكبر)) «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باركى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ، ئۇلارغا دەھشەتلىك ئازاب باردۇر. (ئۇلار) زىناخور قېرى، كاززاپ ھۆكۈمران ۋە كىبىرلىك نامرات كىشىدۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 3541؛ مۇسلىم 107؛ سەھىھ جامىئ؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا ينظر الله إليهم يوم القيامة: العاق لوالديه، والمرأة المترجلة المتشبهة بالرجال، والديوث. وثلاثة لا يدخلون الجنة: العاق لوالديه، والمدمن الخمر، والمنان بما أعطى)) «ئۈچ كىشى باركى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا قارىمايدۇ. (ئۇلار) ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ئۇلارنى قاقشاتقۇچى، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئايال كىشى ۋە ئايال كىشىگە ئوخشىۋالغۇچى ئەر كىشى ۋە خوتۇن قىزلىرىنى يات ئەرلەردىن كۈللىمىگۈچى دەيۈز. ئۈچ كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ: (ئۇلار) ئاتا-ئانىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ئۇلارنى قاقشاتقۇچى، ھاراقكەش، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 3542؛ سەھىھ نەسائى 2561؛ ئەھمەد شاكىر، تەخرىج مۇسنەد 9\34؛ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا ينظر الله إليهم يوم القيامة ولا يزكيهم ولهم عذاب أليم: أشيمط زان، وعائل مستكبر، ورجل جعل الله بضاعته: لا يشتري إلا بيمينه ولا يبيع إلا بيمينه)) «ئۈچ كىشى باركى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بار. (ئۇلار) زىناخور، كىبىرلىك كەمبەغەل، مېلىنى يالغانچىلىق بىلەن ئېلىپ يالغانچىلىق بىلەن ساتقۇچىدۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 3544؛ سەھىھ جامىئ3072؛ سالمان فارسىدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((حرمة نساء المجاهدين على القاعدين كحرمة أمهاتهم، وما من رجل من القاعدين يخلف رجلا من المجاهدين في أهله فيخونه فيهم إلا وقف له يوم القيامة فقيل له: قد خلفك في أهلك فخذ من حسناته ما شئت، فيأخذ من عمله ما شاء. فما ظنكم؟)) «جىھادقا چىقىپ كەتكۈچى مۇجاھىدلارنىڭ ئاياللىرى جىھادقا چىقمىغۇچى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا ئوخشاش ئورۇندىدۇر. مۇجاھىدنىڭ ئائىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ خوتۇن-قىزلىرىغا خائىنلىق قىلغۇچى قىيامەت كۈنى خائىنلىق قىلىنغۇچى مۇجاھىدنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزىلىدۇ ۋە مۇجاھىدقا <بۇ كىشى سېنىڭ ئائىلەڭنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئائىلەڭدىكىلەرگە خىيانەت قىلدى، ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن خالىغىنىڭچە ئېلىۋالغىن> دېيىلىدۇ. مۇجاھىد ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن خالىغىنىچە ئالىدۇ. ئىش بۇنداق ئىكەن، بۇ كىشىنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بىرەرسى ئۇنىڭدا قېلىپ قالىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 3705؛ مۇسلىم 1897؛ سەھىھ جامىئ3141؛ سۈنەن ئەبۇ داۋۇد 2497)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((زملوهم بدمائهم، فإنه ليس من كلم يكلم في الله إلا وهو يأتي يوم القيامة يدمأ، لونه لون الدم وريحه ريح المسك)) «شەھىدلەرنى قانلىرى بىلەن دەپنە قىلىڭلار. ئاللاھ يولىدا يارىدار بولغان ئەزالارنىڭ قېنى قىيامەت كۈنىدە رەڭگى قان رەڭگىدە بولىدۇ، پۇرىقى مىسىكتەك خۇش پۇراق بولىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 4563؛ سەھىھ جامىئ3573؛ سەھىھ نەسائى 2001)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ستخرج نار من حضرموت قبل يوم القيامة تحشر الناس)) «قىيامەت بولۇشتىن ئاۋۋال ھەزر مەۋتتىن بىر ئوت چىقىپ، ئىنسانلارنى بىر يەرگە توپلايدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 4661؛ سەھىھ جامىئ3609؛ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((سيدُ الشهداءِ عندَ اللهِ يومَ القيامَةِ حمزةُ بنُ عبدِ المطلِبِ))«ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ قىيامەت كۈنى شەھىدلەرنىڭ سەركىسىدۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر، سەھىھ جامىئۇسسەغىرئ3676)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الشمس والقمر يكوران يوم القيامة))«قىيامەت كۈنى قۇياش بىلەن ئاي تۈرۈلىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 4948، سەھىھ جامىئ 3737؛ ئەنڭ ھۇرەيرەدىن) * بۇ يەردىكى «تۈرۈلۈش» سەللىنىڭ، رەختنىڭ تۈرۈلىشىدىكى تۈرۈلۈشتۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الصيام والقرآن يشفعان للعبد يوم القيامة، يقول الصيام: أي رب إني منعته الطعام والشهوات بالنهار فشفعني فيه، ويقول القرآن: رب منعته النوم بالليل فشفعني فيه، فيشفعان))«روزا ۋە قۇرئان قىيامەت كۈنىدە مۆمىن بەندىنى شاپائەت قىلىدۇ. روزا <ئى رەببىم! مەن ئۇنى يەپ-ئىچىشتىن، كۈندۈزدىكى شەھۋەتتىن توسۇپ قويغان ئىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى شاپائەت قىلىشىۋالسام> دەيدۇ. قۇرئان <ئى رەببىم! ئۇنى كېچىدىكى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قويدۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى شاپائەت قىلىۋالسام> دەيدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 5203، سەھىھ جامىئ3882؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ضرس الكافر يوم القيامة مثل أحد، وفخذه مثل البيضاء، ومقعده في النار مسيرة ثلاث مثل الربذة)) «قىيامەت كۈنى دوزاختىكى كاپىرنىڭ چىشى ئوھۇد تېغىنىڭ چوڭلۇقىدا بولىدۇ، يوتىسى بىلەن دوزاخ ئوتىدا ئولتۇرىدىغان يېرىنىڭ ئارىلىقى بەيدا بىلەن رەبزەنىڭ ئارىلىقىدەك ئۈچ كۈنلۈك مۇساپە كېلىدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 5213، سەھىھ تىرمىزى 2578؛ ئەلبانى-تەخرىج مىشكات مەسابىھ 5602؛ سەھىھ تەرغىب 3682؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن، سەھىھ)