ھەدىس | بەدەۋىيلەردىن بىرى كېلىپ، مەسجىدنىڭ بۇلۇڭىغا سىيىشكە باشلىدى…

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بەدەۋىيلەردىن بىرى كېلىپ، مەسجىدنىڭ بۇلۇڭىغا سىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بەدەۋىيگە ئازار بېرىش ئارقىلىق قىلمىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. بىراق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنى پەيلىدىن توستى. بەدەۋىي سىيىپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر چېلەك ئېلىپ كېلىشنى ۋە سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلىشىنى بۇيرۇدى.» (بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر؛ بۇلۇغۇلمەرام 10) hedisim.com وعَنْ أنَسِ بْنِ مالِكٍ –  – قالَ: جاءَ أعْرابِيٌّ فَبالَ فِي طائِفَةِ المَسْجِدِ، فَزَجَرَهُ النّاسُ، فَنَهاهُمْ النَّبِيُّ – ﷺ – فَلَمّا قَضى بَوْلَهُ أمَرَ النَّبِيُّ – ﷺ – بِذَنُوبٍ مِن ماءٍ؛ فَأُهْرِيقَ عَلَيْهِ. مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ. صحيح. رواه البخاري (٢١٩)، ومسلم (٢٨٤)، وله طرق عن أنس، وجاء أيضا من رواية بعض الصحابة غير أنس.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ