ساقال قويۇشقا بۇيرۇغان سەھىھ ھەدىسلەر
(تولۇقلىنىۋاتىدۇ)
(ئىمام ئەلبانىنىڭ «سەھىھ جامىئۇس سەغىر» ناملىق ئەسىرىدىن دىن ئېلىندى)
- ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۇرهيره رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بۇرۇتنى قىرقىپ، ئېلىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى كامىل قويۇڭلار.
مۇسلىم، نەسەئى، تىرمىزى، ئىبنى ئەدلى توپلىغان. سەھىھ.
- ئەبۇ ھۇرهيره رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى كامىل قويۇڭلار. ئاق چاچلارنى، ساقاللارنى ئۆزگەرتسەڭلار بولىدۇ، لېكىن يەھۇدىي، ناسارالارغا قەتئىي ئوخشىۋالماڭلار. ئەھمەد توپلىغان، سەھىھ.
- ئىبنى ئۆمەر رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بۇرۇتنى قىرقىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى بولسا كامىل قويۇڭلار، بۇخارى 5443 – ھەدىس، مۇسلىم 381 – ھەدىس. تىرمىزى 2688 – ھەدىس، نەسەئى 12 – ھەدىس، ئەبۇ داۋۇد 3667 – ھەدىس. ئەھمەد 5716 – ھەدىس.
- ئەبۇ ھۇرهيره رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بۇرۇتلارنى ئېلىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى كامىل، ئۇزۇن قويۇڭلار، مەجۇسىيلارنىڭ خىلاپىدا ئىش قىلىڭلار. مۇسلىم توپلىغان.
- ئەنەس رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمدىن (ساقاللىرىغا، پۇت – قوللىرىنىڭ بارماقلىرىغا) سۇ يەتكۈزگۈچىلەر (خىلال قىلغۇچىلار) نېمىدېگەن ياخشى ھە! ئىبن ئەساكىر توپلىغان، سەھىھ.
- ئىبن ئۇمەر رهدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رهسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مۇشرىكلارنىڭ قارشىسىدا ئىش قىلىڭلار، بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى تولۇق، كامىل قويۇڭلار، بەيھەقى توپلىغان، سەھىھ.