سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۇمۇئە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مىنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: ئاللاھ بۇ خەتىبنىڭ قولىنى قۇرۇتۇۋەتسۇن! مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى بىلەن مۇشۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى.(سەھىھۇل مۇسلىم 873؛ ئۇيغۇرچە: مىشكات مەسابىھ1417؛ سۇنەن ئەبۇداۋۇد 1104-ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سۇنەن نەسائىي 1413؛ جامىئۇت تىرمىزىي 515؛ ).- وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم)
ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىنىڭ «كىتاب ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش» بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان:ئەبۇ ۋائىل مۇنداق دېگەن: مەن بۇ مەسجىدتە (يەنى ھەرەم مەسجىدىدە) شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم. شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا «سەن ئولتۇرغان بۇ يەردە ئۆمەر مەن بىلەن بىللە ئولتۇردى، ئاندىن ‹كەئبىدىكى ئالتۇن-كۆمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىۋېتىشنى ئويلاشتىم› دېدى. مەن ئۆمەرگە ‹بۇنداق قىلالمايسەن› دېدىم. ئۆمەر ‹نېمىشقا؟› دېۋىدى، مەن:‹چۈنكى سېنىڭ ئىككى ھەمراھىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرى سىددىق) بۇنى قىلمىدى› دېدىم. ئۆمەر ‹ئۇ ئىككەيلەن ئەگىشىش كېرەك بولغان ئۆرنەك شەخىسلەردۇر›دېدى (ۋە ئويىدىن ياندى.)»(سەھىھۇل بۇخارى 7275-نومۇرلۇق ھەدىس)[ عَنْ أَبِي وَائِلٍ، قَالَ جَلَسْتُ إِلَى شَيْبَةَ فِي هَذَا الْمَسْجِدِ قَالَ جَلَسَ إِلَىَّ عُمَرُ فِي مَجْلِسِكَ هَذَا فَقَالَ هَمَمْتُ أَنْ لاَ أَدَعَ فِيهَا صَفْرَاءَ وَلاَ بَيْضَاءَ إِلاَّ قَسَمْتُهَا بَيْنَ الْمُسْلِمِينَ. قُلْتُ مَا أَنْتَ بِفَاعِلٍ. قَالَ لِمَ. قُلْتُ لَمْ يَفْعَلْهُ صَاحِبَاكَ قَالَ هُمَا الْمَرْآنِ يُقْتَدَى بِهِمَا- المحدث:البخاري المصدر:صحيح البخاري الجزء أو الصفحة:7275 حكم المحدث: صحيح]
ئىمام ئەھمەد مۇسنەد ئەھمەدتە مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە كەئبىنى تاۋاپ قىلدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاۋاپ جەريانىدا كەئبىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇكنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا «نېمىشقا (ئەسلىدە سىلىشقا تېگىشلىك ئىككى رۇكنغا قوشۇپ) بۇ ئىككى رۇكىننىمۇ سىلايسەن، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى رۇكىننى سىلىمىغان تۇرسا؟» دېۋىدى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بەيتۇللاھتىن ھېچ نەرسىنى كام قويۇلمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «رەسۇلۇللاھ سىلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. مۇئاۋىيە «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى.(مۇسنەد ئەھمەد 1877؛ سۇنەن تىرمىزى 858 ؛ بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ ئىمام بەغەۋىي شەرھۇس سۇننە ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دېگەن؛) [عن ابن عباس ، أنه طاف مع معاوية بالبيت، فجعل معاوية يستلم الأركان كلها، فقال له ابن عباس : لم تستلم هذين الركنين، ولم يكن رسول الله صلى الله عليه وسلم يستلمهما ؟ فقال معاوية : ليس شيء من البيت مهجورا، فقال ابن عباس : { لقد كان لكم في رسول الله أسوة حسنة }، فقال معاوية : صدقت.مسند احمد 1877؛ أحمد شاكر المصدر:مسند أحمد الجزء أو الصفحة:3/266 حكم المحدث:إسناده صحيح؛ وسنن الترمذي858 حسن؛ المحدث:البغوي المصدر:شرح السنة الجزء أو الصفحة:4/77 حكم المحدث:حسن]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىشىمۇ دىندا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇخارىدا ئىبنى ئابباسنىڭ باشقا بىرىگە «مۇئاۋىيە فەقىھتۇر» دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان.
مەيلى ئۇمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن، مەيلى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلماسلىقنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق بىلگەن. شۇڭا، باشقا ساھابىلەر ئۇلارغا «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دېيىش بىلەنلا، دەرھال قىلمىشىدىن يانغان. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئەقىدىسى مۇشۇ ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايتتى. ئەھلى بىدئەت تائىپىلىرىدەك «رەسۇلۇللاھ قىلمىغان بىلەن بۇ ياخشى ئىش» دەپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىپ كېتىۋېرىشتىن، ئاۋام مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇشتىن ساھابىلەر يىراق ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا سادىر بولۇۋاتقان بىدئەتلەرگە «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دەپ رەددىيە بېرىلسە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يۇقارقى كاتتا ساھابىلەردەك دەرھال قىلمىشىدىن يانماستىن، «بۇ ئىختىلاپىي مەسىلە، ئۇششاق ئىشتا بۆلگۈنچىلىك سېلىش دۇرۇس ئەمەس» دېگەن شەيتانىي گەپ بىلەن ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ يۈرمەكتە. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى كىمنىڭ كۆزىگە كىچىك كۆرۈنىدىكەن، ئۇ ئەنە شۇنداق ئازىدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن چەك ئايرىپ، دوزاخ يولىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى ھەق يولغا ھىدايەت قىلسۇن.
يۇقارقى ئۈچ ھەدىس رەسۇلۇللاھقا قانداق ئەگىشىشتە بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ ساھابىلەرگە ئوخشاش مەيداندا بولۇشىنى دەلىللەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولى بەندىنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان بىردىنبىر يولدۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.»(بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر.) رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدىن باشقا يول تۇتقۇچى چوقۇم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەر-بىر ئىشتا ساھابىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇشقا ۋە شۇ ئارقىلىق جەننەت ئەھلىدىن بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن.