سەھىھۇل مۇسلىم

سەھىھۇل مۇسلىم

فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلدى | hedisim.com | mujtehid.com
(تولۇقلىنىۋاتىدۇ)

ئىمان

[15] جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: نۇئمان ئىبنى قەفۋەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن پەرز نامازلارنى ئوقۇسام، ھارامنى ھارام دەپ بىلسەم، ھالالنى ھالال دەپ بىلسەم جەننەتكە كىرەمدىم؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «شۇنداق» دېدى. (مۇسلىم 15)

[34] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەببىنىڭ ئاللاھ، دىنىنىڭ ئىسلام ۋە پەيغەمبىرىنىڭ مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) بولغانلىقىغا چىن قەلبىدىن مەمنۇن بولغان كىشى ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.» (مۇسلىم 34)

[64] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش كۇفۇردۇر.» (بۇخارى 48؛ مۇسلىم 64)

[81] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئادەم بالىسى سەجدە ئايىتى ئوقۇپ سەجدە قىلسا، شەيتان يىغلىغىنىچە ئۆزىنى بىر چەتكە ئېلىپ نالە قىلىپ دەيدۇ: ۋاي ئىسىت ماڭا! ئادەم بالىسى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى. ئۇنىڭغا جەننەت بار. مەنمۇ سەجدىگە بۇيرۇلغانتىم باش تارتتىم، شۇڭا ماڭا دوزاخ بار.» («سەھىھۇ مۇسلىم» 81-ھەدىس.)

 [82] «(مۇسۇلمان) كىشى بىلەن شىرىك ۋە كۇفۇر ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك ئېتىشتۇر.» (مۇسلىم 82)

[100] ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىىشلەر ئارىسىدا تارالغان ئىككى ئىش باركى، بۇلار كۇفۇر (ئەھلىگە ئائىت ئىشلاردىندۇر): نەسەبكە تىل تەگكۈزۈش ۋە ئۆلۈككە ئاھ-پەرياد ئۇرۇش.» (مۇسلىم 100)

[145]«ئىسلام غېرىبانە باشلاندى، كەلگۈسىدە يەنە غېرىبانە ھالىتىگە قايتىدۇ. غېرىبلارغا خۇشخەۋەر بولسۇن!» (مۇسلىم 145)

[146] ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىزگە قارشى قورال كۆتۈرگەن بىزدىن ئەمەس. بىزنى ئالدىغانمۇ بىزدىن ئەمەس.»(مۇسلىم 146)

[182] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئەھلى دوزاخ ئىچىدىن خالىغانلارغا رەھمەت قىلماقچى بولسا پەرىشتىلەرنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلارنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلاردىكى سەجدە ئىزلىرىدىن تونۇپ، ئۇلارنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئاللاھ دوزاخقا سەجدىنىڭ ئادەم بالىسىدىكى ئىزىنى كۆيدۈرۈشىنى ھارام قىلىۋەتكەن.» (سەھىھەين: «بۇخارى» 806-ھەدىس. «مۇسلىم» 182-ھەدىس.)

[196] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أنا أكثر الأنبياء تبعا يوم القيامة، وأنا أول من يقرع باب الجنة)) 

«قىيامەت كۈنى ئەگەشكۈچىسى ئەڭ كۆپ پەيغەمبەر مەن بولىمەن، جەننەت ئىشىكىنى تۇنجى بولۇپ چەككۈچىمۇ مەن بولىمەن.» (مۇسلىم 196؛ جامىئۇس سەغىر 2688؛ ئەنەس ئىبنى مالىك)

تاھارەت

جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «قوي گۆشى يېگەنلىكىم ئۈچۈن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «خالىساڭ ئال» دەپ بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم «تۆگە گۆشى (يېيىش) سەۋەبلىك تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەئە، تاھارەت ئالىسەن» دېدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 73-نومۇرلۇق ھەدىسى)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار قورسىقىدا بىر نەرسە ھېس قىلسا ۋە (مەئقىتىدىن) بىر نەرسىنىڭ چىققان ياكى چىقمىغانلىقىدا شۈبھىلەنسە، ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ياكى بىرەر پۇراقنى پۇرىمىغۇچە مەسجىدتىن چىقمىسۇن.» (مۇسلىم)

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بەدەۋىيلەردىن بىرى كېلىپ، مەسجىدنىڭ بۇلۇڭىغا سىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بەدەۋىيگە ئازار بېرىش ئارقىلىق قىلمىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنى پەيلىدىن توستى. بەدەۋىي سىيىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر چېلەك ئېلىپ كېلىشنى ۋە سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلىشىنى بۇيرۇدى.» (بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر؛ بۇلۇغۇلمەرام 10)

ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇن-كۆمۈش چىنە-قاچىلاردا ئىچمەڭلار، بۇنداق چىنە-قاچىلاردا يېمەڭلار. چۈنكى، بۇلار دۇنيادا ئۇلارنىڭ، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭدۇر.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 14)

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

«كۆمۈش چىنە-قاچىدىن بىر نەرسە ئىچكەن كىشى قارنىغا پەقەتلا ئوتنى تولدۇرىدۇ.»

 (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 15)

ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇسەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز بىر ئەھلى كىتاب قەۋمىنىڭ زېمىنىدا ياشايمىز. ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدىن تاماق يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدىن يېمەڭلار. بىراق، باشقا چېنە-قاچا تاپالمىساڭلار ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەڭلار» دېدى. (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ، بۇلۇغۇلمەرام 19)

ئىبران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلىرى بىر مۇشرىك ئايالنىڭ يوغان تۇلۇمىدىكى سۇدا تاھارەت ئالدى.»

(ئۇزۇن بىر ھەدىسكە تەئەللۇق بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ بۇلۇغۇلمەرام 20)

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قاچىسىغا دەز كەتتى. رەسۇلۇللاھ دەز كەتكەن يەرنى كۈمۈش سىم بىلەن ئەتتى.» 

(ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ بۇلۇغۇلمەرام 21)

[394] عن عُبادة بن الصّامت ؛ أنّ رسولَ الله – ﷺ – قال: «لا صلاةَ لِمن لم يقرأْ بفاتحةِ الكِتابِ»

«نامازدا سۈرە فاتىھە ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس.»

(بۇخارى 756؛ مۇسلىم 394)

[412] «ئىمام دېگەن ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن، ئىمام رۇكۇ قىلسا دەرھال رۇكۇ قىلىڭلار، بېشىنى كۆتۈرسە دەرھال بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار.» (سەھىھەين: «بۇخارى» 688-ھەدىس. «مۇسلىم» 412-ھەدىس.)

[422] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھنىڭ ئايال بەندىلىرىنى مەسجىدكە كېلىشتىن توسماڭلار.» (ئىمام بۇخارى 900؛ مۇسلىم 442؛ نەسەئىي 706؛ ئەبۇ داۋۇد 566؛ ئىبنى ماجە 16؛ ئىمام ئەھمەد 2-156؛ دارىمىي 1279)

[508] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرسا، ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا قويۇپ، ھەممە بارمىقىنى يۇمۇپ، باش بارمىقىنىڭ يېنىدىكى (كۆرسەتكۈچ) بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلاتتى. سول قولىنى سول يوتىسىغا قوياتتى. (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇسلىم،508)

[575] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە سەجدە ئايىتى بار سۈرىنى ئوقۇپ بېرىپ سەجدە قىلاتتى، بىزمۇ سەجدە قىلاتتۇق، ھەتتا بەزىمىز سەجدىگە پېشانىسىنى قويغۇدەك جاي تاپالماي قالاتتۇق. (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر؛ سەھىھەين: «بۇخارى» 1075-ھەدىس. «مۇسلىم» 575-ھەدىس.)

[612] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىغىچە داۋاملىشىدۇ.»(سەھىھۇل مۇسلىم 612-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنى يەنە ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ‹ياخشىلار باغچىسى شەرھى› ناملىق ئەسىرىدە، 60-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىدە بايان قىلغان)

[659] عن عبد الله بن عُمر ، أنّ رسولَ الله – ﷺ – قال: «صلاةُ الجماعةِ أفضلُ من صلاةِ الفذِّ بسبعٍ وعشرين درجةً»

«جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن 27 ھەسسە ئۈستۈندۇر.» (بۇخارى 645؛ مۇسلىم 650)

[714]

عن أبي قَتادة بن ربْعيِّ الأنصاري  قال: قالَ رسولُ الله – ﷺ -: «إذا دخلَ أحدُكم المسجدَ، فلا يجلسْ حتى يُصلَّي ركعتينِ»

«سىلەردىن بىرىڭلار مەسجىدكە كىرسە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇمىغۇچە ئولتۇرمىسۇن.»

(بۇخارى 1163؛ مۇسلىم 714؛ لەۋزى بۇخارىنىڭ)

[744] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن ھالىتى سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، (سەجدىدە) دۇئانى كۆپ قىلىڭلار.» (مۇسلىم 744)

[746] عن عائشة رضي الله عنها أن النبي صلى الله كان َيُصَلِّي تِسْعَ رَكَعَاتٍ لا يَجْلِسُ فِيهَا إِلا فِي الثَّامِنَةِ فَيَذْكُرُ اللَّهَ وَيَحْمَدُهُ وَيَدْعُوهُ ثُمَّ يَنْهَضُ وَلا يُسَلِّمُ ثُمَّ يَقُومُ فَيُصَلِّ التَّاسِعَةَ ثُمَّ يَقْعُدُ فَيَذْكُرُ اللَّهَ وَيَحْمَدُهُ وَيَدْعُوهُ ثُمَّ يُسَلِّمُ تَسْلِيمًا يُسْمِعُنَا

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم توققۇز رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، بۇ نامىزىداتاكى سەككىزىنجى رەكئەت تۈگىگىچە (تەشەھھۇدتا) ئولتۇرمايتتى. بۇ چاغدا ئۇ زات ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى، ئاللاھقا ھەمد ئوقۇپ، دۇئا قىلاتتى. ئاندىن، سالام بەرمەستىن توققۇزىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئورنىدىن تۇراتتى. ئاندىن (توققۇزىنچى رەكئەتنىڭ تەشەھھۇدىدا) ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى، ئاللاھقا ھەمد ئېيتاتتى ۋە دۇئا قىلاتتى. ئاندىن بىز ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ) سالام بېرىپ نامىزىنى تۈگىتەتتى. (مۇسلىم 746)

[749] (صَلاةُ اللَّيْلِ مَثْنَى مَثْنَى فَإِذَا خَشِيَ أَحَدُكُمْ الصُّبْحَ صَلَّى رَكْعَةً وَاحِدَةً تُوتِرُ لَهُ مَا قَدْ صَلَّى ) رواه البخاري (911) ومسلم (749)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ نامىزى ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. بىرىڭلار تاڭ يورۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە (ۋىتىرنى) بىر رەكئەت ئوقۇش بىلەن (ئىككى رەكئەتتىن) ئوقۇغىنىنى تاق قىلسۇن.»(بۇخارى 911؛ مۇسلىم 749)

«كېچىدە ئوقۇلىدىغان (نەپلە)  ناماز ئىككى رەكئەت-ئىككى رەكئەتتىن بولىدۇ. تاڭ كىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن كىشى، بۇ نامازنى بىر رەكئەت ئوقۇۋالسۇن.» (بۇخارى 472، مۇسلىم 749)

[752] لقول النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( الْوِتْرُ رَكْعَةٌ مِنْ آخِرِ اللَّيْلِ ) رواه مسلم (752)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋىتىر نامىزى بىر رەكئەتتۇر.» (مۇسلىم 752)

[755] قال رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( مَنْ خَافَ أَنْ لا يَقُومَ مِنْ آخِرِ اللَّيْلِ فَلْيُوتِرْ أَوَّلَهُ وَمَنْ طَمِعَ أَنْ يَقُومَ آخِرَهُ فَلْيُوتِرْ آخِرَ اللَّيْلِ فَإِنَّ صَلاةَ آخِرِ اللَّيْلِ مَشْهُودَةٌ وَذَلِكَ أَفْضَلُ ) رواه مسلم (755)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئۈچۈن ئويغۇنالماي قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشى، ۋىتىرنى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئوقۇۋالسۇن. كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئويغۇنالىشىغا ئىشەنچ قىلغان كىشى ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇسۇن. ھەقىقەتەن، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلغان نامازغا (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) گۇۋاھچىلىق بولىدۇ، بۇ چاغدا ناماز ئوقۇش تېخىمۇ ياخشىدۇر.» (مۇسلىم 755)

[760] «كىمكى رامزان روزىسىنى (ئاللاھنىڭ پەرز قىلغانلىقىغا) ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇتسا، ئۆتمۈشتىكى (كىچىك) گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.» (بۇخارى 38؛ مۇسلىم 760) (ياخشىلار باغچىسى شەرھى، 1-300)

[804] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى ئوقۇڭلار. ھەقىقەتەن قۇرئان قىيامەت كۈنى ئۆز ھەمراھى (يەنى ئۇنى ئوقۇغۇچى ۋە ئەمەل قىلغۇچى) ئۈچۈن شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ.» (مۇسلىم 804؛ ئەھمەد 5-249)

زاكات

[982] عن أبي هُريرة ؛ أنّ رسولَ الله – ﷺ – قال: «ليسَ على المُسلم في عبدِه ولا فَرَسِه صدقةٌ»

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلماننىڭ قۇلىغا ۋە ئېتىغا زاكات كەلمەيدۇ.» (بۇخارى 1464؛ مۇسلىم 982)

[1164] صحيح مسلم الصِّيَامِ (1164) ، سنن الترمذي الصَّوْمِ (759) ، سنن أبي داود الصَّوْمِ (2433) ، سنن ابن ماجه الصِّيَامِ (1716) ، سنن الدارمي الصَّوْمِ (1754) {من صام رمضان ثم أتبعه ستًّا من شوال كان كصيام الدهر.}

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتسا، ئاندىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» (مۇسلىم 1164؛ تىرمىزى 759؛ ئەبۇ داۋۇد 2433؛ ئىبنى ماجە 1716؛ دارىمى 1754)

[1437] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن لكل غادر لواء يوم القيامة يعرف به عند استه)) «ئەھدىسىگە خىيانەت قىلغان ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بىر بايراق تىكىلىدۇ. ئۇ كىشى ئولتۇرغان يېرىدە شۇ بايراق بىلەن بىلىنىدۇ.»(مۇسلىم 1437؛ جامىئۇس سەغىر 2477)

[1599] «ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتۇر.» (سەھىھەين: «بۇخارى» 52-ھەدىس. «مۇسلىم» 1599-ھەدىس.)

[1622] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بەرگەن ھەدىيەسىدىن يېنىۋالغان كىشى ئۆزىنىڭ قۇسۇقىنى يېگەن ئىتقا ئوخشاش.» (بۇخارى 2622؛ مۇسلىم 1622)

[1827] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن المقسطين عند الله يوم القيامة على منابر من نور عن يمين الرحمن، وكلتا يديه يمين: الذين يعدلون في حكمهم، وأهليهم، وما ولوا))«ئادالەت ئىگىلىرى مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى نۇردىن بولغان تەختلەردە ئولتۇرغۇزىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىككىلى قولى ئوڭدۇر. بۇ ئادالەت ئىگىلىرى ھۆكۈمرانلىقىدا، ئائىلە بالا-چاقىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشلاردا ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرگۈچىلەردۇر.» (مۇسلىم 1827؛ جامىئۇس سەغىر 2121؛ سەھىھ جامىئ؛ ئىبنى ئەمردىن)

[1835] رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:»كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلمىسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغان بولىدۇ…» (بۇخارى 2957، مۇسلىم 1835، نەسائىي 5510، ئىبنى ماجە 2859، ئىمام ئەھمەد 2\387)

[1893] قال النبي صلى الله عليه وسلم «من دل على خير فله مثل أجر فاعله.»(صحيح مسلم الإمارة (1893) ، سنن الترمذي العلم (2671) ، سنن أبو داود الأدب (5129) ، مسند أحمد بن حنبل (4/120

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى (باشقىلارغا) ياخشىلىقنى كۆرسىتىپ قويسا،شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچى ئېرىشكەن ساۋابنىڭ ئوخشىشىغا ئېرىشىدۇ.»(مۇسلىم 1893، تىرمىزى 2671،ئەبۇ داۋۇد 5129، ئەھمەد 4\129)

[1897] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((حرمة نساء المجاهدين على القاعدين كحرمة أمهاتهم، وما من رجل من القاعدين يخلف رجلا من المجاهدين في أهله فيخونه فيهم إلا وقف له يوم القيامة فقيل له: قد خلفك في أهلك فخذ من حسناته ما شئت، فيأخذ من عمله ما شاء. فما ظنكم؟)) «جىھادقا چىقىپ كەتكۈچى مۇجاھىدلارنىڭ ئاياللىرى جىھادقا چىقمىغۇچى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا ئوخشاش ئورۇندىدۇر. مۇجاھىدنىڭ ئائىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ خوتۇن-قىزلىرىغا خائىنلىق قىلغۇچى قىيامەت كۈنى خائىنلىق قىلىنغۇچى مۇجاھىدنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزىلىدۇ ۋە مۇجاھىدقا <بۇ كىشى سېنىڭ ئائىلەڭنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئائىلەڭدىكىلەرگە خىيانەت قىلدى، ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن خالىغىنىڭچە ئېلىۋالغىن> دېيىلىدۇ. مۇجاھىد ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن خالىغىنىچە ئالىدۇ. ئىش بۇنداق ئىكەن، بۇ كىشىنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بىرەرسى ئۇنىڭدا قېلىپ قالىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟» (جامىئۇس سەغىر 3705؛ مۇسلىم 1897؛ سەھىھ جامىئ‍3141؛ سۈنەن ئەبۇ داۋۇد 2497)

[2051] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يېمەكلىكنىڭ ئەڭ ياخشىسى سىركىدۇر.»(مۇسلىم 2051؛ تىرمىزى 1840؛ ئىبنى ماجە 3316؛ دارىمىي 2049)

[2103] «يەھۇدىي-ناسارالار (چاچ-ساقاللىرىنى) بويىمايدۇ، سىلەر ئۇلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار.» (سەھىھەين: «بۇخارى» 5899-ھەدىس. «مۇسلىم» 2103-ھەدىس.)

[2109] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أشد الناس عذابا يوم القيامة المصورون)) «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلار جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش ۋە ھەيكىلىنى ياساش بىلەن شۇغۇللانغانلاردۇر.» (مۇسلىم 2109؛ جامىئۇس سەغىر 2200؛ سەھىھ جامىئ‍1563؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن) *پەرزەنتلەرنى جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى سىزىش ياكى ياساشتىن ئالاھىدە ھەزەر قىلدۇرۇش، ئۇلارغا بۇ ئىشنىڭ قاتتىق ھارام قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، ئاتا-ئانىلار ئۆزىمۇ بۇنداق ھارام قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. رەسساملارنىڭ ۋە ھەيكەلتاراشلارنىڭ قىيامەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدىغانلىقى بۇ تۈردىكى ھەدىسلەردىن بىلىنىدۇ. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ تىلى ئارقىلىق ھارام قىلغان ئىشنى قىلىۋەرگۈچىلەر ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن باش تارتقۇچى ئاسىيلاردۇر.

[2278] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أنا سيد ولد آدم يوم القيامة، وأول من ينشق عنه القبر، وأول شافع، وأول مشفع)) «قىيامەت كۈنى مەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ سەردارىمەن. تۇنجى بولۇپ قەبرىسى يېرىلغۇچى مەن، تۇنجى بولۇپ شاپائەت قىلغۇچى مەن ۋە تۇنجى بولۇپ شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچى مەن.»(مۇسلىم 2278؛ جامىئۇس سەغىر 2692؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)

[2566] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يقول يوم القيامة: أين المتحابون بجلالي؟ اليوم أظلهم في ظلي، يوم لا ظل إلا ظلي)) «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئۇلۇغلۇقىم يۈزسىدىن (دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئۆز-ئارا) ياخشى كۆرۈشكەنلەر قەيەردە؟ مېنىڭ سايەمدىن باشقا سايە بولمىغان بۇ كۈندە، ئۇلارنى ئۆز سايەم بىلەن سايىدىتىمەن.» (مۇسلىم 2566)

[2569] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يقول يوم القيامة: يا ابن آدم، مرضت فلم تعدني. قال: يا رب، كيف أعودك وأنت رب العالمين؟ قال: أما علمت أن عبدي فلانا مرض فلم تعده؟ أما علمت أنك لو عدته لوجدتني عنده؟ يا ابن آدم، استطعمتك فلم تطعمني. فقال: يا رب وكيف أطعمك وأنت رب العالمين؟ قال: أما علمت أنه استطعمك عبدي فلان فلم تطعمه؟ أما علمت أنك لو أطعمته لوجدت ذلك عندي؟ يا ابن آدم، استسقيتك فلم تسقني. قال: يا رب كيف أسقيك وأنت رب العالمين؟ قال: استسقاك عبدي فلان فلم تسقه؟ أما إنك لو سقيته لوجدت ذلك عندي))

ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدۇ:«ئى ئادەم بالىسى! مەن ئاغرىپ قالدىم، مېنى يوقلاپ كەلمىدىڭ.» بەندە «ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، سېنى قانداق يوقلاپ باراتتىم» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم ئاغرىپ قالغاندا، ئۇنى يوقلاپ بارمىغانلىقىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنى زىيارەت قىلغىنىڭدا مېنى شۇ يەردىن تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (ئاللاھ تائالا يەنە)«ئى ئادەم بالىسى! سەندىن يەيدىغان نەرسە سورىدىم، بىراق ماڭا يېگۈزمىدىڭ» دەيدۇ. بەندە «ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ تاماق يېگۈزەتتىم» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم سەندىن يېمەكلىك سورىغاندا، سەن ئۇنىڭغا بەرمىگىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنىڭغا يېمەكلىك بەرگىنىڭدە، بۇنىڭ ئەجرىنى مېنىڭ دەرگاھىمدا تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (ئاللاھ تائالا يەنە) «ئى ئادەم بالىسى! سەندىن سۇ سورىدىم، ماڭا سۇ بەرمىدىڭ» دەيدۇ. بەندە:«ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ سۇ بېرەتتىم؟» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم سەندىن سۇ سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا سۇ بەرسەڭ، مېنىڭ دەرگاھىمدا بۇنىڭ ئەجرىنى تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (سەھىھۇل مۇسلىم، 2569-نومۇرلۇق ھەدىس)

[2579] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( إن الظلم ظلمات يوم القيامة)) «(دۇنيادا قىلىنغان) زۇلۇم-گۇناھلىق ئىشلار قىيامەت كۈنىدىكى قاراڭغۇلۇقتۇر.» (مۇسلىم 2579)

[2591] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن شر الناس منزلة عند الله يوم القيامة من تركه الناس اتقاء فحشه)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئ‍ەھۋالى ئەڭ يامان بولغان ناچار ئەخلاقى سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر.» (مۇسلىم 2591؛ جامىئۇس سەغىر 2284؛ سەھىھ جامىئ‍ 2095؛ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكردىن)

 [2742] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{اتقوا الدنيا واتقوا النساء فإن أول فتنة بني إسرائيل كانت في النساء}«دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىكى تۇنجى پىتنە ئاياللاردىن باشلانغان.»(مۇسلىم 2742؛ تىرمىزى 2191؛ ئىبنى ماجە 4000؛ مۇسنەد ئەھمەد 3-22)

[2863] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن العرق يوم القيامة ليذهب في الأرض سبعين باعا، وإنه ليبلغ إلى أفواه الناس، أو إلى آذانهم))«قىيامەت كۈنى كىشىنىڭ تەرى يەردىن يەتمىش غۇلاچ چوڭقۇرلۇققىچە يېتىپ بارىدۇ. ھەتتا، كىشىنىڭ ئاغزىغا ياكى قۇلاقلىرىغىچە ئۆرلەيدۇ.» (مۇسلىم 2863)

[2866] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا مات أحدكم عرض عليه مقعده بالغداة والعشي: إن كان من أهل الجنة فمن أهل الجنة، وإن كان من أهل النار فمن أهل النار، يقال له: هذا مقعدك حتى يبعثك الله إليه يوم القيامة)) «سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەندە (قىيامەت كۈنى بارىدىغان جايى) ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولسا جەننەتتىكى ئورنى، جەھەننەم ئەھلىدىن بولسا جەھەننەمدىكى ئورنى كۆرسىتىلىدۇ ۋە <مانا بۇ قىيامەت ئاللاھ سېنى بارغۇزىدىغان جايدۇر> دېيىلىدۇ.» (مۇسلىم 2866)

 [2742] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{اتقوا الدنيا واتقوا النساء فإن أول فتنة بني إسرائيل كانت في النساء}«دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىكى تۇنجى پىتنە ئاياللاردىن باشلانغان.»(مۇسلىم 2742؛ تىرمىزى 2191؛ ئىبنى ماجە 4000؛ مۇسنەد ئەھمەد 3-22)

[3131] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم قۇلى گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن تۇرۇقلۇق ئۇنى جازالاش نىيىتىدە ئۇرسا ياكى ئۇنى شاپىلاقلىسا، قىلغان بۇ (يامان) ئىشىنىڭ كاففارىتى ئۇ قۇلىنى ئازاد قىلىۋېتىشتۇر.»(مۇسلىم 3131) 

[3135] ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەلللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

بىر كۈنى قۇلۇمنى قامچام بىلەن ئۇرۇۋاتاتتىم، ئارقا تەرىپىمدىن «ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى…» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بىراق، غەزەپناكلىقىم سەۋەبلىك ئۇ سۆزنى تولۇق ئاڭلىيالمىدىم. ئاۋاز يېقىنلاشقىنىدا، كۆردۈمكى رەسۇلۇللاھ قارىشىمدا تۇرۇپ ماڭا شۇنداق دەۋاتاتتى:«ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى، ئاللاھنىڭ كۈچى ساڭا سېنىڭ بۇ قۇلغا كۈچۈڭ يەتكىنىدىن بەكراق يېتىدۇ.» مەن شۇندىلا «بۇنىڭدىن كېيىن ھېچبىر قۇلنى ئەسلا ئۇرمايمەن» دېدىم.

بىر رىۋايەتتە «رەسۇلۇللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن قامچا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى» دېگەن لەۋىز ئارتۇق كەلگەن. (مۇسلىم 3135)

[3136] يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەمدى بۇ قۇل ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازادتۇر» دېدىم. رەسۇلۇللاھ ماڭا مۇنداق دېدى:«ئەگەر بۇنداق قىلمىغان بولساڭ جەھەننەم ئوتى سېنى ئورىۋالاتتى-ياكى سېنى كۆيدۈرەتتى-دېدى.» (مۇسلىم 3136)

[3804] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان ۋاپات بولسا، ئۇنىڭغا يېزىلىدىغان ساۋاب پۈتۈنلەي توختايدۇ. ئەمما، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابى بۇنىڭدىن مۇستەسنا: سەدىقە جارىيە، پايدىلىق ئىلىم، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت.»(مۇسلىم 3804؛ تىرمىزى 1297؛ نەسائىي 3591)

[4558] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەر ماڭا ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، زىنا قىلماسلىققا، ئوغرىلىق قىلماسلىققا ۋە بىگۇناھ قان تۆكمەسلىككە بەيئەت قىلىڭلار.» (مۇسلىم 4558)

[4652] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك قوشمىغان ھەر بىر بەندە مەغفىرەت قىلىنىدۇ. بىراق دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا دۈشمەنلىك-ئاداۋەت بولغانلار مەغفىرەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئۇلار توغرىسىدا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: بۇ ئىككىسىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى يارىشىپ قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈڭلار.» (مۇسلىم 4652)

[4794] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن، ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ تەقدىرىنى يازدى. ئۇنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى.» (مۇسلىم 4797)

[4828] وعن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «إن الله لا يقبض العلم انتزاعًا ينتزعه من الناس ولكن يقبض العلم بقبض العلماء حتى إذا لم يبقِ عالمًا، اتخذ الناس رءوسًا جهالا، فسئلوا فأفتوا بغير علم، فضلوا وأضلوا.»

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ئاللاھ تائالا ئىلىمنى ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدىن تارتىۋېلىش بىلەن ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئالىملارنىڭ ۋاپاتى ئارقىلىق ئېلىپ كېتىدۇ. ئالىم قالمىغان چاغدا، كىشىلەر جاھىل داموللاملارنى باشچى قىلۋالىدۇ. ئۇ جاھىل داموللاملاردىن پەتىۋا سورالسا ئىلىمسىز ھالدا پەتىۋا بېرىپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ.» (بۇخارى 98؛ مۇسلىم 4828؛ ياخشىلار باغچىسى 1392؛ تىرمىزى 2652؛ ئىبنى ماجە)

     [4864] «كىم ئىلىم ئۆگىنىش يولىدا ماڭىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ.»(بۇخارى-ئىلىم؛ مۇسلىم 4864؛ تىرمىزى 2646؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)

[6784] 

عَنِ ابْنِ عُمَرَ، عَنِ النَّبِيِّ ﷺ، قالَ: «مَثَلُ المُنافِقِ، كَمَثَلِ الشّاةِ العائِرَةِ بَيْنَ الغَنَمَيْنِ تَعِيرُ إلى هَذِهِ مَرَّةً وإلى هَذِهِ مَرَّةً»،

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇناپىقنىڭ مىسالى ئىككى قوي پادىسى ئارىسىدا ئالمىشىپ بىردە ئۇ توپقا، بىردە بۇ توپقا قوشۇلىۋالىدىغان قويغا ئوخشايدۇ.» (مۇسلىم 6784)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ