ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ساۋاپ بېرىش ۋەدىسىگە ۋە بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتىگە ئىشىنىپ، ئىخلاس بىلەن ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋاىيىتى 1901-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 760-ھەدىس].