رواه البخاري (37) ومسلم (759) عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ : ( مَنْ قَامَ رَمَضَانَ إِيمَانًا وَاحْتِسَابًا غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ ) .
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رامىزاندا ئاللاھنىڭ ساۋاپ بېرىشتىن ئىبارەت بولغان ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ۋە ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ كېچىدە قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى 37-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 759-ھەدىس].
***
وقد ورد في ثواب قيامها قول النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: ( مَنْ قَامَ لَيْلَةَ الْقَدْرِ إِيمَانًا وَاحْتِسَابًا غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ ) . رواه البخاري (1768) ومسلم (1268) .
قەدىر كېچىسىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ساۋاپ بېرىش ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى 1768-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1268-ھەدىس].
***
( كَانَ رَسُول اللَّه صَلَّى اللَّه عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَجْتَهِد فِي الْعَشْر الأَوَاخِر مَا لا يَجْتَهِد فِي غَيْرهَا ) . رواه مسلم (1175) . پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەتكە باشقا ۋاقىتىدىكىدىن بەك تىرىشچانلىق قىلاتتى. hedisim.com [مۇسلىم رىۋايىتى 1175-ھەدىس].
***
وروى البخاري (2024) ومسلم (1174) عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا قَالَتْ : كَانَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ إِذَا دَخَلَ الْعَشْرُ شَدَّ مِئْزَرَهُ ، وَأَحْيَا لَيْلَهُ ، وَأَيْقَظَ أَهْلَهُ .
(دَخَلَ الْعَشْرُ) أي : الْعَشْر الأَوَاخِر مِنْ رَمَضَان . ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى كىرگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن ئايرىلىپ، ئىبادەتكە بەك تىرىشچانلىق قىلاتتى، كېچىنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى كېچىدە نامازغا ئويغىتاتتى. hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى 2024-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1174-ھەدىس].
***
وروى الترمذي (806) عَنْ أَبِي ذَرٍّ قَالَ : قال رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( مَنْ قَامَ مَعَ الْإِمَامِ حَتَّى يَنْصَرِفَ كُتِبَ لَهُ قِيَامُ لَيْلَةٍ ) وصححه الألباني في صحيح الترمذي .
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىمام بىلەن ناماز ئاخىرلاشقىچە بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتقان كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغان ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ. hedisim.com [تىرمىزى رىۋايىتى 806-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
***
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ساۋاپ بېرىش ۋەدىسىگە ۋە بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتىگە ئىشىنىپ، ئىخلاس بىلەن ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. hedisim.com [بۇخارى رىۋاىيىتى 1901-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 760-ھەدىس].
ئائىشە رەھىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار. hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى 2017-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1169-ھەدىس].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا خەۋەر بېرىش ئۈچۈن چىققان ئىدىم، مۇسۇلمانلاردىن پالانى ۋە پالانى تالاش-تارتىش قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ئىلمى كۆتۈرلۈپ كەتتى، بۇنداق بولىشى سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، بۇ كېچىنى ئاخىرقى ئون كۈننىڭ بەشىنچى، يەتتىنچى ۋە توققۇزىنچى كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار. hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى 49-ھەدىس].
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەتكە تىرىشچانلىق قىلىپ، كېچىلەرنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ ئىبادەتكە ئويغىتاتتى. hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى 2024-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1174-ھەدىس].
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
((ليلة القدر ليلة سابعة أو تاسعة وعشرين، إن الملائكة تلك الليلة في الأرض أكثر من عدد الحصى)) «قەدىر كېچىسى رامزاننىڭ يىگىرمە يەتتىنچى ياكى يىگىرمە توققۇزىنچى كېچىسىدۇر. بۇ كېچىدە زېمىنغا چۈشكەن پەرىشتىلەرنىڭ سانى شېغىل تاشلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 7726؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر 5473؛ مۇسنەد ئەھمەد 10734، سەھىھ)