نامازنىڭ تەشەھھۇدىدا بارماق مىدىرلىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

نامازنىڭ تەشەھھۇدىدا بارماق مىدرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرسا، ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا قويۇپ، ھەممە بارمىقىنى يۇمۇپ، باش بارمىقىنىڭ يېنىدىكى (كۆرسەتكۈچ) بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلاتتى. سول قولىنى سول يوتىسىغا قوياتتى. (مۇسلىم 508)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا، سول قولىنى سول يوتىسىغا (ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا) قوياتتى ۋە ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى مىدىرلىتىپ ئىشارە قىلاتتى. كۆزى بارمىقىدىن ئايرىلمايتتى. (ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھتىن نەسەئىي؛ئەبۇ داۋۇدمۇ مۇشۇ مەزمۇندا سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلغان)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوڭ جەينىكىننى ئوڭ يوتىسىغا قويدى. ئاندىن، ئىككى بارمىقىنى چەمبەر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆتۈردى ۋە ھەرىكەتلەندۈردى، شۇ ھالەتتە دۇئا قىلدى.»(ئىمام نەسەئىي889؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ ئىبنى خۇزەيمەدە 1-354؛ ئىبنى ماجە، 5-170؛ ئەلبانى ئىراۋۇل غەلىل 367)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ