مىقداد ئىبنى مەئدى يەكرەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن كىيىم تەييارلاپ كىيىش ياكى ئۇنى كۆرپە ئورنىدا سىلىپ ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ.
ئەبۇداۋۇد4131-، ئەلبانىي سەھىھ ئەبۇداۋۇدتا 3479-، تىرمىزىي 1771-، نىسائىي4253- نومۇرلۇق بايان قىلىنغان ھەدىستە:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى كۆرپە ئورنىدا سىلىپ ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن. ئەلبانىي تىرمىزىينىڭ «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» ناملىق ئەسىرىدە (1450) سەھىھ دەپ بايان قىلغان.
مۇئاۋىيە ئەبۇ سۇپيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىلپىزنىڭ تېرىسىگە ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. ئەلبانىي سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا (3566) سەھىھ دەپ بايان قىلغان].
مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «يىلپىز تېرىسىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان كىشىلەرگە، پەرىشتىلەر ھەمراھ بولمايدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4130- ھەدىس، ئەلبانىي سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا (3478) بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن].
شەيخ مۇبارەك پۇرىي «تۆھپەتۇل ئەھۋەزىي» ناملىق ئەسىرىدە: «بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان ھەدىسلەر يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن پايدىلىنىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى دەلىللەيدۇ» دەيدۇ.
يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن پايدىلىنىشتىن چەكلەنگەنلىكتىكى ھېكمەت بولسا، مەزكۇر كىشىدە چوڭچىلىق، تەكەببۇرلۇق پەيدا بولىدۇ. بۇ خۇددى زالىم ۋە رەھىمسىزلەرگە ئوخشاپ قالغانلىق ۋە ئىسراپچىلىق قىلغانلىقتىن ئىبارەتتۇر. [سىندىنىڭ ئىبنى ماجىنىڭ ئەسىرىگە يازغان «تۆھپەتۇل ئەھۋەزىي» ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.
ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇ پاكىزە ئەمەس يەنى نىجىستۇر. چۈنكى گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزە بولىدۇ. ئەمما گۆشىنى يىگىلى بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەنمۇ پاكىزە بولمايدۇ.مانا بۇ ئىمام ئەۋزائىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.[نەۋەۋىينىڭ «شەرھى مۇسلىم ناملىق» ئەسىرى 4- توم 54- بەتكە، ئىبنى مۇپلىھنىڭ «ئەلپۇرۇئ» ناملىق ئەسىرى 1- توم 102-بەتگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].
يۇقىرىقى سۆزلەر بولسا، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ بىر قارىشىدۇر. [پەتىۋالار توپلىمى 21- توم 95-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. [شەرھۇل مۇمتىئ 1- توم 74- بەت].
فعن المقدام بن معد يكرب رضي الله عنه قال : سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم ينهى عن لبس جلود السباع والركوب عليها .
رواه أبو داود ( 4131 ) . وصححه الألباني في صحيح أبي داود (3479) .
وروى الترمذي (1771) والنسائي (4253) أن النبي صلى الله عليه وسلم نهى عن جلود السباع أن تفترش .
صححه الألباني في صحيح الترمذي (1450) .
وعن معاوية بن أبي سفيان رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم نهى عن ركوب النمار . يعني : جلود النمار .
رواه أبو داود ( 4239 ) . وصححه الألباني في صحيح أبي داود (3566) .
وعن معاوية رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال : ( لا تصحب الملائكة رفقة فيها جلد نمر ).
رواه أبو داود ( 4130 ) . وحسنه الألباني في صحيح أبي داود (3478) .
قال المباركفوري في تحفة الأحوذي :
والأحاديث تدل على أن جلود السباع لا يجوز الانتفاع بها اهـ
والحكمة من النهي عن الانتفاع بها :
ما فيها من الكبر والخيلاء . ولأن فيها تشبهاً بالجبابرة ، ولأنها زي أهل الترف والإسراف .
انظر تحفة الأحوذي ، حاشية السندي على ابن ماجه .
ويضاف إلى ذلك علة أخرى وهي نجاستها إذا إن الدباغ لا يطهر إلا جلد الحيوان الذي يؤكل ، أما ما لا يحل أكله فلا يطهر جلده بالدباغ . وهو مذهب الأوزاعي وعبد الله بن المبارك وإسحق بن راهويه ورواية عن الإمام أحمد . انظر شرح صحيح مسلم للنووي (4/54) . الفروع لابن مفلح (1/102) .
وهو اختيار شيخ الإسلام ابن تيمية رحمه الله في أحد قوليه . مجموع الفتاوى (21/95) . واختاره الشيخ ابن عثمين رحمه الله . الشرح الممتع (1/74) .