ھەدىس | تۆگە گۆشى يېگۈچىنىڭ تاھارەت ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس

وَعَنْ جَابِرِ بْنِ سَمُرَةَ رضي الله عنهما، أَنَّ رَجُلًا سَأَلَ النَّبِيَّ – ﷺ – أَتَوَضَّأُ مِنْ لُحُومِ الْغَنَمِ؟ قَالَ: «إِنْ شِئْتَ» قَالَ: أَتَوَضَّأُ مِنْ لُحُومِ الْإِبِلِ؟ قَالَ: «نَعَمْ» أَخْرَجَهُ مُسْلِمٌ

جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «قوي گۆشى يېگەنلىكىم ئۈچۈن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «خالىساڭ تاھارەت ئال» دېدى. ئۇ كىشى «تۆگە گۆشى (يېيىش) سەۋەبلىك تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەئە، تاھارەت ئالىسەن» دېدى. hedisim.com (ئىمام مۇسلىم توپلىغان؛ بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 73-نومۇرلۇق ھەدىسى) بۇ ھەدىس مەۋجۇت بولغان باشقا مۆتىۋەر ھەدىس مەنبەلىرى: [لطيالسي (٧٦٦)، وابن أبي شيبة (٥١٣)، وأحمد ٥/ ١٠٦، ومسلم ١/ ٨٩ (٣٦٠) (٩٧)، وابن ماجه (٤٩٥)، وابن الجارود (٢٥)، وابن حبان (١١٢٤)، والطبراني في «الكبير» (١٨٦٨)، والبيهقي ١/ ١٥٨] | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ