تابىىنلاردىن ئەمر ئىبنى سەلەمە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
بىز بامدات نامىزىدىن بۇرۇن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتۇق. ئۇ چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەسچىتكە باراتتۇق. (بىر كۈنى) ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي يېنىمىزغا كېلىپ: «ئەبۇ ئابدۇرراھمان (يەنى ئىبنى مەسئۇد) تېخى يېنىڭلارغا چىقمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز: «ياق» دېدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىز بىلەن بىللە ئىبنى مەسئۇد چىققۇچە ساقلاپ ئولتۇردى.
ئىبنى مەسئۇد چىققاندا ھەممىمىز ئۇنىڭ ئالدىغا باردۇق. ئەبۇ مۇسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
— ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان! مەن بايا مەسچىتتە بىر ئىشنى كۆرۈپ ئۇنى يات كۆردۈم (ياقتۇرمىدىم)، ئەمما ئاللاھقا شۈكۈركى، ياخشىلىقتىن باشقا نەرسە كۆرمىدىم.»
ئىبنى مەسئۇد: «ئۇ نېمە ئىش ئىكەن؟» دەپ سورىدى.
ئەبۇ مۇسا: «ھازىر بارغىنىڭدا كۆرىسەن. مەسچىتتە بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھالقا-ھالقا بولغان ھالدا نامازنى ساقلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ھەر بىر ھالقىدا بىر ئادەم (يېتەكچى) بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئۇششاق تاشلار بار ئىكەن. ئۇ ئادەم: ‹يۈز قېتىم تەكبىر ئېيتىڭلار› دەيدىكەن، ئۇلار يۈز قېتىم تەكبىر ئېيتىدىكەن. ‹يۈز قېتىم تەھلىل (لائىلاھە ئىللەلللاھ) ئېيتىڭلار› دەيدىكەن، ئۇلار يۈز قېتىم تەھلىل ئېيتىدىكەن. ‹يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتىڭلار› دەيدىكەن، ئۇلار يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتىدىكەن» دېدى.
ئىبنى مەسئۇد: «سەن ئۇلارغا نېمە دېدىڭ؟» دەپ سورىدى.
ئەبۇ مۇسا: «سېنىڭ كۆزقارىشىڭنى ياكى بۇيرۇقۇڭنى كۈتۈپ ئۇلارغا ھېچنېمە دېمىدىم» دېدى.
ئىبنى مەسئۇد: «سەن ئۇلارغا (سانايدىغان ئىش بولسا) گۇناھلىرىنى ساناشنى بۇيرۇپ، (مۇشۇنداق قىلسا) ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن (ساۋابلىرىدىن) ھېچنېمىنىڭ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىغا كېپىللىك قىلمىدىڭمۇ؟» دېدى.
ئاندىن ئىبنى مەسئۇد مەسجىدكە ماڭدى، بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدۇق. ئىبنى مەسئۇد مەسجىدتىكى ھېلىقى ھالقىلاردىن بىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى ۋە:
— مەن كۆرۈۋاتقان بۇ ئىشىڭلار زادى نېمە؟! — دېدى. ئۇلار:
— ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان! بىز بۇ ئۇششاق تاشلار بىلەن تەكبىر، تەھلىل ۋە تەسبىھلەرنى ساناۋاتىمىز، — دېدى. ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېدى:
— (سانايدىغان ئىش بولسا) سىلەر گۇناھىڭلارنى ساناڭلار! مەن سىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭلاردىن ھېچنېمىنىڭ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىغا كېپىللىك قىلىمەن. ۋاي ئېسىت سىلەرگە، ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! سىلەر نېمانداق تېز ھالاكەتكە يۈزلىنىسىلەر؟! پەيغەمبىرىڭلار ﷺ نىڭ ساھابىلىرى تېخى ئاراڭلاردا كۆپ تۇرسا، پەيغەمبەرنىڭ كىيىملىرى تېخى كونىراپ كەتمىگەن ۋە قاچا-قۇچىلىرى سۇنۇپ تۈگىمىگەن تۇرسا (يەنى پەيغەمبەر ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇشۇنداق ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردىڭلارمۇ؟!) جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر يا مۇھەممەدنىڭ دىنىدىنمۇ توغرا بىر دىننىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتىسىلەر، ياكى بولمىسا ئازغۇنلۇقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋاتىسىلەر!» ئۇلار:
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان، بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا نىيەت قىلغان ئىدۇق،— دېدى. ئىبنى مەسئۇد جاۋابەن:
— ياخشىلىقنى نىيەت قىلغان، ئەمما ئۇنىڭغا يېتەلمىگەنلەر نېمىدېگەن كۆپ-ھە! رەسۇلۇللاھ ﷺ بىزگە: ‹بىر قەۋم قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما قۇرئان ئۇلارنىڭ بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ (يەنى قوبۇل بولمايدۇ)› دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىلەردىن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن» دېدى. ئاندىن ئىبنى مەسئۇد ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ كېتىپ قالدى.
(بۇنى رىۋايەت قىلغۇچى) ئەمر ئىبنى سەلەمە مۇنداق دەيدۇ:
«بىز كېيىن نەھرىۋان جېڭىدە ئاشۇ ھالقىدا زىكىر قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خاۋارىجلار سېپىدە بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.» hedisim.com (ئىمام دارىمى «سۇنەن دارىمى» ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى
- بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ دىن سۈپىتىدە قىلمىغان بارچە بىدئەتلەرنىڭ قەتئىي دۇرۇس ئەمەسلىكىنى، ئۇنداق بىدئەتلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دىنىغا قوشۇلۇپ قالغان قانۇنسىز ئىشلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئوپچە زىكىرنى ئىنكار قىلىشى، بۈيۈك ساھابە ئەبۇ مۇسانىڭ بۇنى بىر چوڭ مەسىلە سۈپىتىدە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەۋەر قىلىشى دىنغا يېڭىدىن قوشۇلۇپ قالغان، دىنىي تۈس ئالغان ھەر قانداق ئىشلارنىڭ بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزغا بىز قىلمىغان ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ» ھەدىسىمۇ ھەم مۇشۇنى بىلدۈرىدۇ. ئوپچە زىكىر قىلىشقا قارشى چىققان ساھابىلەر، رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە، يەنى مەۋلۇت تەبرىكلەشكە ۋە شۇ تىپتىكى كېيىن پەيدا بولغان بارچە بىدئەتلەرگە قارشى ئىدى.
- بۇ ۋەقەلىكتىن يەنە «بىدئەت ھەسەنە» (ياخشى بىدئەت) مەۋجۇت ئەمەسلىكى، بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يامانلىق ۋە ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. چۈنكى، زىكىر تەسبىھ بىدئەت ئەمەس ئىبادەت بولمىغان ئىكەن، ئوپچە زىكىرمۇ بىدئەت ئەمەس، ئىبادەت بولسا بولاتتى. ئەمما، زىكىر ۋە تەسبىھ ئېيتىشقا بەك چىڭ تۇرىدىغان ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ شەكلى ئۆزگىرەپ ئوپچە زىكىر ئېيتىشقا چۈشكەندە، بۇنى دەرھال ئىنكار قىلىپ، قارشى چىققان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن.
سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۇمۇئە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مىنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: ئاللاھ بۇ خەتىبنىڭ قولىنى قۇرۇتۇۋەتسۇن! مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى بىلەن مۇشۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى.(سەھىھۇل مۇسلىم 873؛ ئۇيغۇرچە: مىشكات مەسابىھ1417؛ سۇنەن ئەبۇداۋۇد 1104-ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سۇنەن نەسائىي 1413؛ جامىئۇت تىرمىزىي 515؛ ).- وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم)
ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىنىڭ «كىتاب ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش» بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان:ئەبۇ ۋائىل مۇنداق دېگەن: مەن بۇ مەسجىدتە (يەنى ھەرەم مەسجىدىدە) شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم. شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا «سەن ئولتۇرغان بۇ يەردە ئۆمەر مەن بىلەن بىللە ئولتۇردى، ئاندىن ‹كەئبىدىكى ئالتۇن-كۆمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىۋېتىشنى ئويلاشتىم› دېدى. مەن ئۆمەرگە ‹بۇنداق قىلالمايسەن› دېدىم. ئۆمەر ‹نېمىشقا؟› دېۋىدى، مەن:‹چۈنكى سېنىڭ ئىككى ھەمراھىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرى سىددىق) بۇنى قىلمىدى› دېدىم. ئۆمەر ‹ئۇ ئىككەيلەن ئەگىشىش كېرەك بولغان ئۆرنەك شەخىسلەردۇر›دېدى (ۋە ئويىدىن ياندى.)»(سەھىھۇل بۇخارى 7275-نومۇرلۇق ھەدىس)[ عَنْ أَبِي وَائِلٍ، قَالَ جَلَسْتُ إِلَى شَيْبَةَ فِي هَذَا الْمَسْجِدِ قَالَ جَلَسَ إِلَىَّ عُمَرُ فِي مَجْلِسِكَ هَذَا فَقَالَ هَمَمْتُ أَنْ لاَ أَدَعَ فِيهَا صَفْرَاءَ وَلاَ بَيْضَاءَ إِلاَّ قَسَمْتُهَا بَيْنَ الْمُسْلِمِينَ. قُلْتُ مَا أَنْتَ بِفَاعِلٍ. قَالَ لِمَ. قُلْتُ لَمْ يَفْعَلْهُ صَاحِبَاكَ قَالَ هُمَا الْمَرْآنِ يُقْتَدَى بِهِمَا- المحدث:البخاري المصدر:صحيح البخاري الجزء أو الصفحة:7275 حكم المحدث: صحيح]
ئىمام ئەھمەد مۇسنەد ئەھمەدتە مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە كەئبىنى تاۋاپ قىلدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاۋاپ جەريانىدا كەئبىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇكنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا «نېمىشقا (ئەسلىدە سىلىشقا تېگىشلىك ئىككى رۇكنغا قوشۇپ) بۇ ئىككى رۇكىننىمۇ سىلايسەن، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى رۇكىننى سىلىمىغان تۇرسا؟» دېۋىدى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بەيتۇللاھتىن ھېچ نەرسىنى كام قويۇلمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «رەسۇلۇللاھ سىلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. مۇئاۋىيە «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى.(مۇسنەد ئەھمەد 1877؛ سۇنەن تىرمىزى 858 ؛ بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ ئىمام بەغەۋىي شەرھۇس سۇننە ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دېگەن؛) [عن ابن عباس ، أنه طاف مع معاوية بالبيت، فجعل معاوية يستلم الأركان كلها، فقال له ابن عباس : لم تستلم هذين الركنين، ولم يكن رسول الله صلى الله عليه وسلم يستلمهما ؟ فقال معاوية : ليس شيء من البيت مهجورا، فقال ابن عباس : { لقد كان لكم في رسول الله أسوة حسنة }، فقال معاوية : صدقت.مسند احمد 1877؛ أحمد شاكر المصدر:مسند أحمد الجزء أو الصفحة:3/266 حكم المحدث:إسناده صحيح؛ وسنن الترمذي858 حسن؛ المحدث:البغوي المصدر:شرح السنة الجزء أو الصفحة:4/77 حكم المحدث:حسن]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىشىمۇ دىندا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇخارىدا ئىبنى ئابباسنىڭ باشقا بىرىگە «مۇئاۋىيە فەقىھتۇر» دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان.
مەيلى ئۇمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن، مەيلى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلماسلىقنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق بىلگەن. شۇڭا، باشقا ساھابىلەر ئۇلارغا «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دېيىش بىلەنلا، دەرھال قىلمىشىدىن يانغان. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئەقىدىسى مۇشۇ ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايتتى. ئەھلى بىدئەت تائىپىلىرىدەك «رەسۇلۇللاھ قىلمىغان بىلەن بۇ ياخشى ئىش» دەپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىپ كېتىۋېرىشتىن، ئاۋام مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇشتىن ساھابىلەر يىراق ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا سادىر بولۇۋاتقان بىدئەتلەرگە «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دەپ رەددىيە بېرىلسە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يۇقارقى كاتتا ساھابىلەردەك دەرھال قىلمىشىدىن يانماستىن، «بۇ ئىختىلاپىي مەسىلە، ئۇششاق ئىشتا بۆلگۈنچىلىك سېلىش دۇرۇس ئەمەس» دېگەن شەيتانىي گەپ بىلەن ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ يۈرمەكتە. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى كىمنىڭ كۆزىگە كىچىك كۆرۈنىدىكەن، ئۇ ئەنە شۇنداق ئازىدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن چەك ئايرىپ، دوزاخ يولىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى ھەق يولغا ھىدايەت قىلسۇن.
يۇقارقى ئۈچ ھەدىس رەسۇلۇللاھقا قانداق ئەگىشىشتە بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ ساھابىلەرگە ئوخشاش مەيداندا بولۇشىنى دەلىللەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولى بەندىنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان بىردىنبىر يولدۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.»(بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر.) رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدىن باشقا يول تۇتقۇچى چوقۇم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەر-بىر ئىشتا ساھابىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇشقا ۋە شۇ ئارقىلىق جەننەت ئەھلىدىن بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن.
