ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى ئۆيىدە ياكى بازاردا ئوقۇغان نامازىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىر ئادەم تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنى كۆڭلىگە پۈكۈپ مەسجىدكە كەلسە ۋە ناماز ئۈچۈنلا ئورنىدىن قوزغالسا، تاكى مەسجىدكە كىرگۈچە بولغان ئارىلىقىتىكى ھەر بىر باسقان قەدىمى ئۈچۈن مەرتىۋىسى بىر دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ. ھەر قەدىمى ئۈچۈن بىر خاتالىقى ئۆچۈرىلىدۇ. مەسجىدكە كىرىپ نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرسا، ئۇنىڭغا نامازنىڭ ئىچىدە تۇرغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. بىرىڭلار ناماز ئوقۇغان ئورنىدىن قوزغالمىغان، بىرەرسىگە ئازار بەرمىگەن ۋە تاھارىتى سۇنۇپ كەتمىگەنلا بولسا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ‹ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن، مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ تەۋسبىسى قوبۇل قىلغىن› دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ.»(بۇخارى؛ مۇسلىم؛ رىيازۇس سالىھىن 10)