ئەبۇ سەئد بەدرى رەزىيەلللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كۈنى قۇلۇمنى قامچام بىلەن ئۇرۇۋاتاتتىم، ئارقا تەرىپىمدىن «ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى…» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بىراق، غەزەپناكلىقىم سەۋەبلىك ئۇ سۆزنى تولۇق ئاڭلىيالمىدىم. ئاۋاز يېقىنلاشقىنىدا، كۆردۈمكى رەسۇلۇللاھ قارىشىمدا تۇرۇپ ماڭا شۇنداق دەۋاتاتتى:«ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى، ئاللاھنىڭ كۈچى ساڭا سېنىڭ بۇ قۇلغا كۈچۈڭ يەتكىنىدىن بەكراق يېتىدۇ.» مەن شۇندىلا «بۇنىڭدىن كېيىن ھېچبىر قۇلنى ئەسلا ئۇرمايمەن» دېدىم.
بىر رىۋايەتتە «رەسۇلۇللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن قامچا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى» دېگەن لەۋىز ئارتۇق كەلگەن. (مۇسلىم 3135 ؛ رىيازۇس سالىھىن 1605)
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەمدى بۇ قۇل ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازادتۇر» دېدىم. رەسۇلۇللاھ ماڭا مۇنداق دېدى:«ئەگەر بۇنداق قىلمىغان بولساڭ جەھەننەم ئوتى سېنى ئورىۋالاتتى-ياكى سېنى كۆيدۈرەتتى-دېدى.» (مۇسلىم 3136) hedisim.com
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم قۇلى گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن تۇرۇقلۇق ئۇنى جازالاش نىيىتىدە ئۇرسا ياكى ئۇنى شاپىلاقلىسا، قىلغان بۇ (يامان) ئىشىنىڭ كاففارىتى ئۇ قۇلىنى ئازاد قىلىۋېتىشتۇر.»(مۇسلىم 3131؛ رىيازۇس سالىھىن 1606)