عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: قَال أَبُو بَكر لِعُمَر-رضي الله عنهما- بَعْدَ وَفَاةِ رَسُول الله -صلى الله عليه وسلم-: انْطَلِق بِنَا إِلَى أُمِّ أَيمَنَ -رَضِي الله عنها- نَزُورُهَا كَمَا كَانَ رَسول الله -صلى الله عليه وسلم- يَزُورُها، فَلَمَّا انتَهَيَا إِلَيهَا، بَكَت، فَقَالاَ لَهَا: مَا يُبكِيك؟ أَمَا تَعْلَمِين أَنَّ ما عِنْد الله خَيرٌ لِرَسول الله -صلى الله عليه وسلم-؟ فَقَالَت: مَا أَبْكِي أَنْ لاَ أَكُون أَعلَم أَنَّ مَا عِندَ الله -تعالى- خَيرٌ لِرَسُول الله -صلى الله عليه وسلم-، وَلَكِن أَبكِي أَنَّ الوَحي قَدْ انْقَطَع مِنَ السَّمَاء؛ فَهَيَجَتْهُمَا عَلَى البُكَاء؛ فَجَعَلاَ يَبْكِيَان مَعَهَا.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇبەكرى ئۆمەرگە (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن): ئۇممۇ ئەيمەن رەزىيەللاھۇ ئەنھانى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يوقلىغاندەك بېرىپ يوقلاپ كېلەيلى» دېدى، ئىككىسى ئۇممۇ ئەيمەننىڭكىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇ يىغلاپ كەتتى، ئىككەيلەن ئۇنىڭغا: «نېمىگە يىغلايسىز؟ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟» دېدى، ئۇممۇ ئەيمەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يىغلاۋاتىمەن» دەپ ئۇ ئىككىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇ ئىككىسىمۇ ئۇممۇ ئەيمەن بىلەن بىللە يىغلاپ كېتىشتى. (مۇسلىم) hedisim.com