مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ۋەھىينىڭ باشلىنىشى ئۇيقۇدىكى ياخشى چۈشلەر بولدى. كۆرگەن ھەر بىر چۈشى تاڭ نۇرىدەك ئۆز پېتى يۈز بېرەتتى. كېيىن ئۇنىڭغا يالغۇزلۇق ياخشى كۆرسىتىلدى. ئاندىن، ھىرا غارىغا بېرىپ يالغۇز ئىستىقامەت قىلىدىغان بولدى. ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر بىر نەچچە كېچە غاردا ئىبادەت قىلاتتى ۋە (ئائىلىسىگە قايتىپ بىر مەزگىندىن كېيىن) يەنە ئوزۇق ئېلىپ غارغا كېلەتتى. ئاندىن يەنە خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ يېنىغا قايتىپ، ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئوزۇقلۇق تەييارلايتتى.
ئاقىۋەتتە، بىر كۈنى ئۇ ھىرا غارىدىكى چاغدا ئۇ زاتقا ھەق (ۋەھىي) كەلدى. پەرىشتە (جىبرىل) ئۇ زاتقا كېلىپ «ئوقۇ» دېدى. ئاللاھنىڭ رەسۇلى «ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى:
ئۇ چاغدا پەرىشتە مېنى تۇتۇپ تاقىتىم قالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق سىقتى. ئاندىن قويۇۋېتىپ «ئوقۇ!» دېدى. مەن يەنە ئۇنىڭغا ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدىم. مېنى ئىككىنچى رەت يەنە تاقىتىم قالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق سىقتى. ئاندىن مېنى قويۇۋېتىپ يەنە «ئوقۇ!» دېدى. مەن يەنە «ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدىم. مېنى تۇتۇپ ئۈچىنچى قېتىم سىقتى، ئاىندىم مېنى قويۇۋېتىپ:{ياراتقان رەببىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇم، ھەقىقەتەن رەببىڭ بەك كېرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى.(سۈرە ئەلەق،1-ئايەتتىن 5-ئايەتكىچە) دېدى.
(ئائىشە ئانىمىز داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ.)
شۇنداق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈرىكى سالغان، قورققان ھالدا ئۆيىگە قايتتى ۋە ئايالى خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ يېنىغا كېلىپ «مېنى يۆگەپ قويۇڭلار، مېنى يۆگەپ قويۇڭلار!» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى قورقۇنچى كەتكۈچە مۇددەت يۆگەپ قويدى. ئاندىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىدىن كەچكەنلەرنى خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) غا ئېيتىپ بېرىپ «ئۆزۈمدىن قورقۇپ قېلىۋاتىمەن» دېدى. خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇنداق دېمىسىلە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سىلىنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ. چۈنكى، سىلى ئۇرۇق تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىلا، ئاجىز-بىچارىلەرگە ياردەم قىلىلا، يوقسۇللارغا كۆڭۈل بۆلۈلا، مېھماننى ھۆرمەتلەيلا، پالاكەتكە ئۇچرىغانغا ياردەم قىلىلا،-دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقە ئىبنى نەفۋەل ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززانىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى. بۇ كىشى جاھىلىيەت زامانىدا خىرىستىيان بولغان كىشى ئىدى، ئىبرانىچە بىلەتتە ۋە ئىنجىلدىن بەزى نەرسىلەرنى ئىبرانىيچە ئوقۇيتتى ۋە يازاتتى. كېيىنكى چاغلاردا ۋەرەقە ئىككى كۆزى قارىغۇ بولۇپ قالغان، قېرىپ كەتكەن ئىدى. خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋەرەقەگە «ئى تاغامنىڭ ئوغلى! قېرىندىشىڭنىڭ ئوغلىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاڭلاپ باققىن» دېدى. ۋەرەقە «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى، نېمىلەرنى كۆردۈڭ؟» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىغا كەلگەن ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەردى.
بۇنىڭ بىلەن ۋەرەقە مۇنداق دېدى:
ـــ كۆرگەنلىرىڭ ئاللاھنىڭ ھەزىرتى مۇساغا ئەۋەتكەن پەرىشتىدۇر. كاشكى، سېنىڭ دەئۋەت زامانىڭدا ياش بولغان بولسام! قەۋمىڭ سېنى بۇ شەھەردىن چىقىرىۋەتكەندە ھايات بولغان بولسام!
بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇلار مېنى بۇ شەھەردىن چىقىرىۋېتەمدۇ؟» دەپ سورىدى. ۋاراقە مۇنداق دېدى: «شۇنداق، سېنى چىقىرىۋېتىدۇ. سەن ئېلىپ كەلگەن بۇ داۋانى قىلغان ھەر قانداق (پەيغەمبەر) دۈشمەنلىككە ئۇچرىغان. سېنىڭ پەيغەمبەرلىك زامانىڭدا ھاياتلا بولسام، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن.»
بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاراقە ئالەمدىن كەتتى ۋە ئۇ چاغلاردا ۋەھىي بىر زامان توختاپ قالدى. (بۇخارى 3)