رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئالىرى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
[ھەدىسلەر تولۇقلىنىۋاتىدۇ]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «نەپسىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىسىلەر، بۇنداق بولمايدىغان، ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن سىلەرگە ئازاب چۈشۈرىدۇ. ئۇ چاغدا، سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلىسىلەر، ئەمما ئاللاھ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلمايدۇ.» (ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ھىببان توپلىغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سەھىھ جامىئ 7070)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا (ئاخىرقى تەشەھھۇددا تەشەھھۇد دۇئاسىنى ۋە سەللى بارىك دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) ((اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِن عَذَابِ القَبْرِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَسِيحِ الدَّجَّالِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَحْيَا وَالْمَمَاتِ، اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِنَ المَأْثَمِ والْمَغْرَمِ)) «ئاللاھىم، ساڭا سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، گۇناھ قىلىشتىن ۋە قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى. (ساھابىلەردىن) بىرەيلەن «قەرزگە چۈشۈپ قېلىشتىن ھەجەپ كۆپ پاناھ تىلەيدىكەنلا» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«كىشى قەرزگە چۈشۈپ قالغاندا سۆزلىسە يالغان سالىدۇ، ۋەدە بەرسە سۆزىدە تۇرالماي قالىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 883؛ مۇسلىم 589؛ مىشكات 939؛ مۇسنەد ئەھمەد 26075؛ نەسائى: سۈنەن كۇبرا 7\217؛ نەسائى: سۈنەن نەسائى 5472؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 4613)
نەسائىنىڭ لەۋزىدە «يُكْثِرُ التَّعَوُّذَ مِنَ المَغْرَمِ، والمَأْثَمِ»«قەرزگە ۋە گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن كۆپ پاناھ تىلەيتتى» دەپ كەلگەن.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېغىرچىلىق پەيتىدە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: ((لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ الْعَليمُ الْحَلِيمُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ رَبُّ السَّمَوَاتِ وَرَبُّ الأَرْضِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ))«ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ۋە قۇلچىلىققا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچى ۋە ئاسىيلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ۋە قۇلچىلىققا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ۋە قۇلچىلىققا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ رەببىدۇر، زېمىننىڭ رەببىدۇر ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببىدۇر.» (سەھىھ بۇخارى -تەۋھىد-7426؛ مۇسلىم 2730)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ((قلَّما كانَ رسولُ اللَّهِ ﷺ يقومُ من مَجلسٍ حتّى يدعوَ بِهَؤلاءِ الكلِماتِ لأصحابِهِ: اللَّهمَّ اقسِم لَنا من خشيتِكَ ما يَحولُ بينَنا وبينَ معاصيكَ، ومن طاعتِكَ ما تبلِّغُنا بِهِ جنَّتَكَ، ومنَ اليقينِ ما تُهَوِّنُ بِهِ علَينا مُصيباتِ الدُّنيا، اللهم متِّعنا بأسماعِنا وأبصارِنا وقوَّتنا ما أحييتَنا، واجعَلهُ الوارثَ منّا، واجعَل ثأرَنا على من ظلمَنا، وانصُرنا على من عادانا، ولا تجعَل مُصيبتَنا في دينِنا، ولا تجعلِ الدُّنيا أَكْبرَ همِّنا ولا مبلغَ عِلمِنا، ولا تسلِّط علَينا مَن لا يرحَمُنا)) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يىغىلىشلاردىن تارقىلىشتىن ئاۋۋال ساھابىلىرى ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلماستىن تۇرۇپ كېتىدىغان ۋاقىتلىرى ناھايىتى ئاز ئىدى: ئاللاھىم! بىز بىلەن ساڭا قارشى قىلىنىدىغان گۇناھلار ئارىسىدا پەردە بولىدىغان سەندىن قورقۇشنى، بىزنى جەننىتىڭگە ئېلىپ بارىدىغان ئىبادەتلەرنى، بىزگە دۇنيادا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى يېنىكلەشتۈرۈپ بېرىدىغان كۈچلۈك ئىماننى بىزگە نېسىپ قىلغىن. ئاللاھىم! سەن بىزنى تىرىك قالدۇرغان مۇددەت ئىچىدە قۇلاقلىرىمىزدىن، كۆزلىرىمىزدىن ۋە كۈچىمىزدىن پايدىلىنىشىمىزنى بىزگە نېسىپ قىلغىن. (ئۆلگەنگەن قەدەر) بۇلارنى بىز ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرگىن. بىزگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئىنتىقامىمىزنى ئېلىپ بەرگىن. بىزگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن. بىزگە دىنىمىزدا مۇسىبەت بەرمىگىن، دۇنيا (ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق نىمەتلىرى) نى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غايىمىز ۋە ئىلىمىزنىڭ نىشانى قىلىپ قويمىغىن. بىزگە شەپقەت كۆرسەتمەيدىغانلارنى ئۈستىمىزدە ھۆكۈمران قىلىپ قويمىغىن.» (جامىئۇس سەغىر 1505؛ رىيازۇس سالىھىن 834؛ سەھىھ تىرمىزى 3505؛ سەھىھ جامىئ 1268؛ سەھىھ ھەدىس)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ((كانَ أكْثَرُ دُعَاءِ النبيِّ صَلَّى اللهُ عليه وسلَّمَ: اللَّهُمَّ رَبَّنَا آتِنَا في الدُّنْيَا حَسَنَةً، وفي الآخِرَةِ حَسَنَةً، وقِنَا عَذَابَ النَّارِ))«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم <ئاللاھۇممە رەببەنا ئاتىنا فىد دۇنيا ھەسەنەتەن، ۋە فىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن، ۋەقىنا ئازابەن نار- رەببىمىز، بىزگە دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى جەھەننەم ئازابىدىن ساقلىغىن> دېگەن دۇئانى كۆپ قىلاتتى.» (سەھىھ بۇخارى 6389)
تاڭ ئاتقۇزغان كىشى ئوقۇيدىغان دۇئا
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (ذا أصبحتم فقولوا اللَّهمَّ بك أصبحنا وبك أمسينا وبك نحيا وبك نموتُ وإذا أمسيتم فقولوا اللَّهمَّ بك أمسينا وبك أصبحنا وبك نحيا وبك نموتُ وإليك المصيرُ.) «تاڭ ئاتقۇزغىنىڭلاردا مۇنداق دەڭلار: ئاللاھىم! سېنىڭ لۇتفۇڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇق، سېنىڭ لۇتفۇڭ بىلەن كەچ قىلىمىز، سېنىڭ لۇتفۇڭ بىلەن تىرىلىمىز، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز ۋە سېنىڭ دەرگاھىڭغا قايتىمىز.» (جامىئۇس سەغىر 455؛ تىرمىزى 3391؛ ۋادىئى-سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 1416؛ سەھىھ ھەدىس)
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول : ما من مسلم تصيبه مصيبة فيقول ما أمره الله » إنا لله وإنا إليه راجعون ، اللهم أجرني في مصيبتي وأخلف لي خيراً منها » إلا أخلف الله له خيراً منها )) «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«بالا-مۇسىبەتكە ئۇچرىغان قانداقلىكى بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىدەك <ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن، ئاللاھۇممە ئۇجۇرنى فىي مۇسىبەتى، ۋەخلۇف لى خەيران مىنھا>-شەكسىزكى بىز ئاللاھنىڭ ئېگىدارچىلىقىدىمىز، بىز ئاللاھقا قايتقۇچىلارمىز؛ ئى ئاللاھىم، ماڭا كەلگەن مۇسىبەت ئۈچۈن ماڭا ساۋاب بەرگىن، ماڭا بۇ مۇسىبەتتە ئايرىلغىنىمدىنمۇ ياخشىسىنى بەرگىن- دېسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇسىبەتتە ئايرىلغىنىدىنمۇ ياخشىسىنى ئاتا قىلىدۇ.» (سەھىھ مۇسلىم 918)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْعَجْزِ وَالْكَسَلِ وَالْجُبْنِ وَالْبُخْلِ وَالْهَرَمِ وَعَذَابِ الْقَبْرِ))«ئى ئاللاھىم! ساڭا سېغىنىپ ئاجىزلىق، كېسەل، قورقۇنچاقلىق، بېخىللىق، بەك قېرىپ كېتىش ۋە قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن.» (ئەھمەد 4\371؛ تىرمىزى 3572؛ نەسائىى 5458)