وعن أبي عبد الله جابر بن عبد الله الأنصارى رضي الله عنهما قال: كنا مع النبي صلى الله عليه وسلم في غزاةٍ فقال: «إن بالمدينة لرجالاً ماسرتم مسيراً، ولا قطعتم وادياً إلا كانوا معكم حبسهم المرض» وفى رواية: «إلا شاركوكم في الأجر» ((رواه مسلم)).
((ورواه البخاري)) عن أنس رضي الله عنه قال: رجعنا من غزوة تبوك مع النبي صلى الله عليه وسلم فقال: » إن أقواماً خلفنا بالمدينة ما سلكنا شعباً ولا وادياً إلا وهم معنا، حبسهم العذر».
ئەبۇ ئابدۇللاھ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىر غازاتتا بىللە ئىدۇق. رەسۇلۇللاھ بىزگە مۇنداق دېدى: «مەدىنىدە قېلىپ قالغان شۇنداق كىشىلەر باركى، سىلەر ماڭغان ھەر يەردە، سىلەر بېسىپ ئۆتكەن ھەر جىلغىدا ئۇلار سىلەر بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنى (جىھادقا چىقىشتىن) كېسەل توسۇپ قالدى.»
يەنە بىر رىۋايەتتە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «ئۇلار ساۋابتا سىلەر بىلەن ئورتاق» دېگەن. (مۇسلىم 1911؛ رىيازۇس سالىھىن 4) hedisim.com
ورواهُ البخاريُّ عن أنسٍ ، قَالَ : رَجَعْنَا مِنْ غَزْوَةِ تَبُوكَ مَعَ النَّبيِّ ، فقال : (( إنَّ أقْواماً خَلْفَنَا بالْمَدِينَةِ مَا سَلَكْنَا شِعْباً( ) وَلاَ وَادياً ، إلاّ وَهُمْ مَعَنَا ؛ حَبَسَهُمُ العُذْرُ )) .
ئىمام بۇخارى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە تەبۇك غازىتىدىن قايتىۋاتقان ئىدۇق، (شۇ چاغدا) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:«مەدىنىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر كەينىمىزدە قېلىپ قالدى. مەيلى بىز قايسى يولدىن ماڭساق، مەيلى قايسى جىلدىن ئۆتەيلى ئۇلار بىز بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار پەقەت (يوللۇق شەرئىي) ئۆزرىلىرى سەۋەبلىكلا مەدىنىدە قېلىپ قالدى.» (بۇخارى 2838؛ رىيازۇس سالىھىن 4) hedisim.com