‹ئى ئاتىمىز، بىزگە جەننەتنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلساڭ›، دەيدۇ

 

ھۇزەيفە ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى يىغىپ، مەھشەرگاھقا توپلايدۇ. مۇسۇلمانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرىدۇ. جەننەت ئۇلارغا يېقىن قىلىنىدۇ. ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ‹ئى ئاتىمىز، بىزگە جەننەتنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلساڭ›، دەيدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام: ‹سىلەر جەننەتتىن ئاتاڭلارنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى چىقىرىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟ مەن بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. سىلەر مېنىڭ ئوغلۇم، ئاللاھ تائالانىڭ دوستى ئىبراھىمنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بارىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ‹مەن بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. مەن ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان دوستلۇق جەھەتتە يەنىلا پەردە ئارقىسىدىمەن. سىلەر ئاللاھ تائالا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام: ‹مەنمۇ بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ روھى بولغان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بارغاندا، ئىيسا ئەلەيھىسسالام: ‹مەنمۇ بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن›، دەيدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىلىدۇ ۋە ئامانەت ھەم رەھمەت ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ ئىككىسى پىلسىرات كۆۋرۈكىنىڭ ئوڭ ۋە سول ئىككى تەرىپىدە تۇرىدۇ. ئاندىن سىلەرنىڭ ئاۋۋالقى جامائەتلىرىڭلار چاقماقتەك ئۆتۈپ كېتىدۇ»، دېدى. مەن: «ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇنكى، چاقماقتەك ئۆتۈش قانداق بولىدۇ؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر چاقماقنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرمىگەنمۇ؟ ئاندىن شامالغا ئوخشاش ئۆتىدۇ، ئاندىن ئۇچار قۇشلارغا ئوخشاش ئۆتىدۇ ۋە كۈچلۈك ئادەملەر يۈگۈرگەندەك ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پىلسىراتتىن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆتكۈزىدۇ ۋە سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار پىلسىراتتا تۇرۇپ: ‹ئى پەرۋەردىگارىم! ئۈممەتلىرىمنى سالامەت قىلغىن›، دەيدۇ. ھەتتا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئۇلارنى پىلسىراتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئاجىز كېلىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەتتا مېڭىشقا قادىر بولالماي ئۆمىلەپ تۇرۇپ ئۆتىدۇ. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە بۇيرۇلغان كىشىلەرنى تۇتۇشقا ئېسىقلىق ئامبۇرلار بولۇپ، يارىلانغان بولسىمۇ ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر. بەزىلەر جەھەننەمگە سۆرىلىپ، ئۈستى-ئۈستىگە تاشلىنىدۇ»، دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە: «ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن جەھەننەمنىڭ چوڭقۇرلۇقى 70 يىللىق مۇساپىدۇر»، دېدى. — (مۇسلىم، رىيازۇس سالىھىن 201)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ