«…ئۇنىڭ ئۈچەيلىرى قورسىقىدىن ساڭگىلاپ قالغان بولىدۇ…»

 

ئەبۇ زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قىيامەت كۈنى بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچەيلىرى قورسىقىدىن ساڭگىلاپ قالغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم خۇددى ئېشەك تۈگمەننى چۆرگىلىگەندەك ئىچى باغرىنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەپ تۇرىدۇ. دوزاخ ئەھلىلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ: ‹ئى پالانى! ساڭا نېمە بولدى؟ سەن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساتتىڭغۇ؟›، دەيدۇ. ئۇ كىشى: ‹شۇنداق مەن ياخشىلىققا بويرۇيتتۇميۇ، ئۆزۈم قىلمايتتىم ۋە يامانلىقتىن توسۇيتتۇميۇ، ئۆزۈم قىلاتتىم›»، دەيدۇ.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ رىيازۇس سالىھىن 198)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ