ئەبۇ قەتادە ئىبن رەبىئى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: «ئاللاھ تائالا يولىدا قىلىنغان جىھاد ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر»، دېدى. بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئاللاھ تائالا يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم، مېنىڭ خاتالىقلىرىم يۇيۇلۇپ كېتەمدۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، ئەگەر ئاللاھ تائالا يولىدا سەن چىداملىق بولغان، ئاللاھ تائالادىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان، جەڭگە يۈزلەنگەن، جىھادتىن قاچمىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلسەڭ شۇنداق بولىدۇ»، دېدى. ئۇ كىشى: «ئەگەر ئاللاھ تائالا يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم، خاتالىقلىرىم ئۆچۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، سەن ئەگەر ئاللاھ تائالا يولىدا چىداملىق بولغان، ئاللاھ تائالادىن ساۋاب ئۈمىد كۈتكەن، جىھادقا يۈزلەنگەن، جىھادتىن قاچمىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلسەڭ، گەدىنىڭدىكى قەرزدىن باشقا خاتالىقلىرىڭ ئۆچۈرۈلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ماڭا جىبرىئىل شۇنداق دېگەن»، دېدى. (مۇسلىم، رىيازۇس سالىھىن 216)