ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ھەججەتۇل ۋىدانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئاندىن دەججالنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ توغرىسىدا ئۇزۇن توختىلىپ: «دەججالدىن ئۆز ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇرمىغان پەيغەمبەر يوقتۇر. نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئەگەر ئۇ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن چىقسا، ئۇنىڭ ئەھۋالى سىلەرگە مەخپىي بولمايدۇ. ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئالغاي ئەمەس، دەججالنىڭ ئوڭ كۆزى ئالغايدۇر. ئۇنىڭ كۆزى خۇددى پۇلتىيىپ چىقىپ قالغان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىپ قويۇشۇڭلار، خۇددى مۇشۇ شەھەردە مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈننىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغانغا ئوخشاشلا ھارامدۇر، ئاگاھ بولۇڭلاركى، يەتكۈزدۈممۇ؟»، دېدى. ساھابىلەر: «شۇنداق»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بولغىن»، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن: «سىلەرگە ۋاي، دىققەت قىلىڭلار، مەندىن كېيىن بەزىڭلار بەزىڭلارنى قىرىدىغان كۇففارلاردىن بولۇپ قالماڭلار»، دېدى. (بۇخارى، رىيازۇس سالىھىن 205) hedisim.com