ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، زۇبەير جەمەل ئۇرۇشىدا ھازىر ئىدى. ئۇ مېنى چاقىردى. مەن يېنىدا تۇردۇم. ئاتام: «ئى ئوغلۇم! بۈگۈنكى كۈندە زۇلۇم قىلغۇچى زۇلۇم قىلىنغۇچىنى ئۆلتۈرىدۇ. مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى زۇلۇم قىلىنغان ھالدا ئۆلتۈرۈلىمەن، دەپ قارايمەن. مېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىم مېنىڭ ئۈستۈمدىكى قەرزدۇر. سېنىڭچە بىزنىڭ قەرزىمىزنى تۆلەشكە ماللىرىمىز يېتىپ، يەنە بىر نەرسە ئاشارمۇ؟»، دېدى. ئاندىن: «ئى ئوغلۇم! ماللىرىمىزنى سېتىپ قەرزىمنى ئادا قىلغىن»، دېدى. مېلىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى. ئۇ: «قاچانكى قەرزىمنى ئادا قىلىپ ئېشىنالىساڭ ئۈچتىن بىرىنى بالىلىرىڭغا بەرگىن»، دېدى. (يەنە ئۈچتىن بىر قىسمىنى (چوڭ ئوغلى) ئابدۇللاھنىڭ بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى).
ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن ھىشام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇللاھنىڭ بەزى بالىلىرى زۇبەيرنىڭ بەزى بالىلىرى خۇبەيب ۋە ئەببادلار بىلەن تەڭتۇش ئىدى. ئۇ كۈنلەردە زۇبەيرنىڭ توققۇز ئوغۇل، توققۇز قىزى بار ئىدى».
ئاتام قەرزى توغرۇلۇق ماڭا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى بالام! ئەگەر سەن قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسەڭ، ئىگەمدىن ياردەم تىلىگىن»، دېدى. مەن ئاتامنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنەلمەي: «ئاتا ئىگەم كىم؟»، دېدىم. ئاتام: «ئاللاھ تائالا»، دېدى. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشتا قانداقلا بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسەم: «ئى زۇبەيرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ! زۇبەيرنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشقا ياردەم بەرگىن»، دەيتتىم. ئاللاھ تائالا قەرزنى ئادا قىلىشقا ياردەم بېرەتتى. دېگەندەك ئاتام ئۆلتۈرۈلدى. ئاتام ئالتۇن-كۈمۈش قالدۇرماي بىر نەچچە يەردە زېمىن قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە غابە دەپ ئاتالغان مەدىنە ئەتراپىدىكى بىر مەشھۇر زېمىنمۇ بار ئىدى. مەدىنىدە 11 ھويلا، بەسىرەدە ئىككى ھويلا، كۇفەدە بىر ھويلا، مىسىردا بىر ھويلا بار ئىدى. ئاتام ۋەسىيەت قىلغان قەرزلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى مۇنداق ئىدى: كىشىلەر ماللىرىنى ئاتامنىڭ قېشىغا ئامانەت قويۇشقا ئېلىپ كەلسە، ئاتام: «ياق، مەن ئامانەتنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن قورقىمەن، لېكىن بۇ ماڭا قەرز ھېسابىدا بولسۇن»، دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن قەرزدارلار كۆپىيىپ كەتكەنىدى. ئاتام ھەرگىزمۇ سېلىق، خىراجەت ۋە باشقا نەرسىلەرنى يىغىشقا قويۇلغان ئەمەس ۋە ئەمەلدارمۇ بولمىغان. پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۇمەر، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار بىلەن غازاتتا بىللە بولغان، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن كىشى ئىدى. مەن ئاتامنىڭ گەدىنىدىكى قەرزنى ھېسابلاپ باقسام ئىككى مىليون 200 مىڭ چىقتى. ھەكىم ئىبن ھىزام ماڭا ئۇچرىشىپ: «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! قېرىندىشىمنىڭ قانچىلىك قەرزى بار ئىكەن؟»، دېۋىدى، مەن يوشۇرۇپ: «100 مىڭ»، دەپ قويدۇم. ھەكىم: «مېنىڭچە سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار بۇنىڭغا يەتمەسمىكىن»، دېدى. مەن: «ئەگەر ئىككى مىليون 200 مىڭ بولسا قانداق قارايسەن؟»، دېسەم، ئۇ: «بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر، ئەگەر قەرز قايتۇرۇشقا ئاجىز كەلسەڭلار، مەندىن ياردەم تىلەڭلار»، دېدى. ئاتام غابە دېگەن جاينى 170 مىڭغا سېتىۋالغانىكەن. مەن ئۇنى بىر مىليون 600 مىڭغا ساتتىم. ئاندىن مەن: «كىمنىڭ ئاتامدا ئېلىشى بولسا، بىزنىڭ غابە دېگەن زېمىنىمىزغا چىقىپ ماڭا يولۇقسۇن»، دەپ ئېلان قىلدىم. ئابدۇللاھ ئىبن جەئفەر كەلدى. ئۇنىڭ زۇبەيردە 400 مىڭ ئېلىشى بار ئىكەن. جەئفەر ماڭا: «ئەگەر خالىساڭلار، مېنىڭ مېلىمنى سىلەردىن ئالماي»، دېۋىدى، مەن: «ياق»، دەپ ئۇنىمىسام، جەئفەر: «ئەگەر خالىساڭلار مېنىڭ ئېلىشىمنى ئەڭ كەينىدە بېرىڭلار»، دېدى. مەن: «ياق»، دېدىم. جەئفەر: «ئۇنداقتا ماڭا زېمىندىن بىر پارچە بۆلۈپ بېرىڭلار»، دېۋىدى، مەن: «بۇ يەردىن بۇ يەرگىچە سېنىڭ ھەققىڭگە ھېساب بولسۇن»، دەپ بۆلۈپ بەردىم. مەن ئۇ زېمىننى سېتىپ ئاتامنىڭ قەرزىنى تولۇق ئادا قىلدىم. ئۇ زېمىندىن يەنە تۆت يېرىم ھەسسە قالدى. مەن مۇئاۋىيىنىڭ قېشىغا كەلسەم، ئۇنىڭ بىلەن ئەمر ئىبن ئوسمان، مۇنزىر ئىبن زۇبەير ۋە ئىبن زەمئەلار بار ئىكەن. مۇئاۋىيە: «غابەگە قانداق باھا قويۇلدى؟»، دېدى. مەن «ھەر بىر ھەسسىگە 100 مىڭ»، دېۋىدىم، ئۇ: «ئۇنىڭدىن قانچىلىك قالدى»، دېدى. مەن: «تۆت يېرىم ھەسسە»، دېدىم. مۇنزىر ئىبن زۇبەير: «بىر ھەسسىنى 100 مىڭغا مەن ئالاي»، دېدى. ئەمر ئىبن ئوسمان: «بىر ھەسسىنى 100 مىڭغا مەن ئالاي»، دېدى. ئىبن زەمئە: «بىر ھەسسىنى 100 مىڭغا مەن ئالاي»، دېدى. مۇئاۋىيە: «ئەمدى قانچىلىك قالدى؟»، دېدى. مەن: «بىر يېرىم ھەسسە»، دېدىم. ئۇ: «ئۇنى 150 مىڭغا مەن ئالاي»، دېدى. كېيىن ئابدۇللاھ ئىبن جەئفەر ئۆز نېسىۋىسىنى مۇئاۋىيەگە 600 مىڭغا سېتىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئابدۇللاھ ئاتىسىنىڭ قەرزىنى تۈگىتىپ بولغاندا، زۇبەيرنىڭ باشقا بالىلىرى ئۇنىڭغا: «مىراسىمىزنى تەقسىم قىلىپ بەرگىن»، دېيىشتى. ئابدۇللاھ: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ‹ھەر يىلى ھەج مەۋسۇمىدا زۇبەيردە قەرزى بارلار كەلسۇن، بىز قەرزنى قايتۇرىمىز›، دەپ ئۇدا تۆت يىل جاكارلايمەن. شۇنىڭغىچە مىراسنى تەقسىم قىلمايمەن»، دېدى. ھەر يىلى ھەج مەۋسۇمىدا شۇنداق جاكارلاپ، تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن قېرىنداشلىرىغا مالنىڭ ئۈچتىن بىرىنى بۆلۈپ بەردى. زۇبەيرنىڭ تۆت ئايالى بولۇپ، مىراسى ھەر بىر ئايالىغا بىر مىليون 200 مىڭدىن تەگدى. زۇبەيرنىڭ ئومۇمىي مېلى 50 مىليون 200 مىڭ ئىدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان، رىيازۇس سالىھىن 202