ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىدە بىراۋنىڭ مەنىۋى ياكى ماددىي ھەققى قالغان بولسا، ئۇنى دىنارمۇ بولمايدىغان، دەرھەممۇ بولمايدىغان قىيامەت كۈنىگە قالدۇرماي، ھەق ئىگىسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا رازى قىلىۋەتسۇن. (ئەگەر ئاخىرەتكە قالدۇرسا) زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەلىدىن ھەق ئىگىسىنىڭ قانچىلىك ھەققى بولسا، شۇنچىلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا ھەق ئىگىسىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىپ زۇلۇم قىلغۇچىغا يۈكلىنىدۇ». (بۇخارى رىۋايەت قىلغان، رىيازۇس سالىھىن 210)