ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى ھېسابسىز جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلار ئايىتى-شىپا ئوقۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە سايرىشىدىن شۇم پال ئالمايدۇ، ئۆز پەرۋەردىگارىغا تايانغۇچىلاردۇر .» [بۇخارى رىۋايىتى 6472-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 218-ھەدىس.
( يَدْخُلُ الْجَنَّةَ مِنْ أُمَّتِي سَبْعُونَ أَلْفًا بِغَيْرِ حِسَابٍ هُمْ الَّذِينَ لَا يَسْتَرْقُونَ وَلَا يَتَطَيَّرُونَ وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ ) البخاري (6472) ومسلم (218) ففيه استحباب ترك الاسترقاء أي طلب الرقية من الغير ، وليس فيه تعرض لحكم التداوي بالأدوية النافعة .
بۇ ھەدىستە باشقىلاردىن رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشنى تەرك قىلىشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ مەنپەئەتلىك دورىلار بىلەن داۋالىنىشنىڭ ھۆكمىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئىپادىلەنمەيدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: داۋالانماڭلار دېمىدى بەلكى: «ئوت بىلەن داغلانماڭلار، رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلماڭلار» دېدى، ئەمما ئىنساننىڭ قەلبى دوختۇرغا باغلىنىپ قالسا، كېسەللىكتىن شىپا تېپىشى ياكى شىپا تاپماسلىقى دوختۇرغا ئالاقىدار بولۇپ قالسا، بۇ ئاللاھقا بولغان تايىنىشنى كىمەيتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان دوختۇرغا بارغاندا، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان تايىنىشىنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ سەۋەپ قىلىشنىڭ يولى، ھەقىقى سەۋەپنىڭ ئىگىسى-شىپالىق بەرگۈچى يالغۇز بىر ئاللاھ دەپ ئېتىقاد قىلىشى كېرەك. [«نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى»3-توم 213-بەت].