ھەدىس | «…بىر-بىرىگە قارشى قىلىچ كۆتۈرسە، ئۆلتۈرگۈچىمۇ، ئۆلتۈرۈلگۈچىمۇ دوزاختا بولىدۇ»

 وعن أبي بَكرَةَ نُفيع بنِ الحارثِ الثقفيِّ  : أَنَّ النَّبيَّ  ، قَالَ : (( إِذَا التَقَى المُسلِمَان بسَيْفَيهِمَا فالقَاتِلُ وَالمَقْتُولُ في النّارِ )) قُلتُ : يا رَسُولَ اللهِ ، هذا القَاتِلُ فَمَا بَالُ المقْتُولِ ؟ قَالَ : (( إنَّهُ كَانَ حَريصاً عَلَى قتلِ صَاحِبهِ )) مُتَّفَقٌ عليهِ .

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قارشى قىلىچ كۆتۈرسە، ئۆلتۈرگۈچىمۇ، ئۆلتۈرۈلگۈچىمۇ دوزاختا بولىدۇ» دېدى. مەن: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى! ئۆلتۈرگۈچىغۇ شۇنداق بولسۇن، ئۆلگۈچى نېمىشقا دوزاختا بولىدۇ؟» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «چۈنكى ئۆلتۈرۈلگۈچىمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈش كويىدا بولغانلىقى ئۈچۈن» دېدى. (بۇخارى 6875، مۇسلىم 2888، رىيازۇس سالىھىن 9) hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ