ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن ئۈچ كىشى ماڭە-ماڭە كەچ كىرىپ قېلىپ، بىر غارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدۇ. بۇ چاغدا بىر قورام تاش يۇقىرىدىن دومىلاپ چۈشۈپ، غارنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ تاشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن: ‹ئۆزئارا ھاياتىمىزدا ئىشلىگەن ئەڭ ئەۋزەل ئەمەلىمىزنى تىلغا ئېلىپ، ئاللاھ تائالاغا سېغىنايلى› دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى: ‹ئى ئاللاھ! مېنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانام بار ئىدى. مەن ھەمىشە ئالدى بىلەن ئاتا-ئانامنى غىزالاندۇرۇپ، ئاندىن ئەھلى-ئايالىم ۋە خىزمەتچىلىرىمنى غىزالاندۇراتتىم. بىر كۈنى مەن ماللىرىمنى ئوتلىتىش ئۈچۈن يىراق جايلارغا كېتىپ كەچرەك قايتىپ كەلدىم. ماللىرىمنى سېغىپ، سۈتىنى ئېلىپ كەلسەم، ئاتا-ئانام ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇلارنى ئويغىتىشنى ۋە ئۇلاردىن بۇرۇن ئەھلى-ئايالىم ۋە خىزمەتچىلىرىمنى غىزالاندۇرۇشنى خوپ كۆرمەي، تاڭ ئاتقانغا قەدەر قاچا قولۇمدا ئاتا-ئانامنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتتۈم. كىچىك بالىلىرىم قورسىقى ئاچ ھالدا ئايىغىمدا يىغلاپ تۇرۇشاتتى. ئاتا-ئانام ئويغىنىپ كەچلىك تامىقى بولغان سۈتنى ئىچىشتى. ئى ئاللاھ! مۇشۇ ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلغانلىقىمنى بىلگەن بولساڭ، بۇ تاشنى كۆتۈرۈۋەتكىن›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن قورام تاش بىر ئاز كۆتۈرۈلدى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭ بىلەن چىقىپ كېتەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ يەنە بىرى: ‹ئى ئاللاھ! مېنىڭ تاغامنىڭ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر قىزى بار ئىدى، (يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھېچقانداق بىر ئەر بىر ئايالنى مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمەيتتى»، دېيىلگەن.) مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ تەلىپىمنى رەت قىلدى. قەھەتچىلىك بولۇپ كەتكەن بىر يىلى ئۇ مېنىڭ قېشىمغا كەپتۇ، ئۇنىڭ ئىختىيارىنى ماڭا تاپشۇرۇش شەرتى ئاستىدا ئۇنىڭغا بىر يۈز يىگىرمە تىللا بەردىم. ئۇ تەلىپىمگە ماقۇل بولدى. ئۇنى نېمە قىلسام شۇنى قىلالايدىغان چېغىمدا (يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇنىڭغا يېقىنلاشماقچى بولغان چېغىمدا»، دېيىلگەن.) ئۇ: ‹ئاللاھ تائالادىن قورققىن، نىكاھسىز يېقىنلاشمىغىن›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تاشلاپ كەتتىم، ھالبۇكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭغا بەرگەن ئالتۇنلارنىمۇ ئۇنىڭدىن قايتۇرۇۋالمىدىم. ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ رازىلىقىڭنى دەپ شۇنداق قىلدىم. بۇ تاشنى بىزدىن كۆتۈرۈۋەتكىن›، دېۋىدى، تاش يەنە بىر ئاز كۆتۈرۈلدىيۇ، لېكىن ئۇلار بۇنىڭ بىلەن چىقىپ كېتەلمىدى. ئۈچىنچىسى: ‹مەن نۇرغۇن مەدىكارلارنى ئىشلەتكەنىدىم، مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىش ھەققىنى ئالماي كەتكەن بىر ئادەمدىن باشقا ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەرگەنىدىم. مەن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى ئىشلىتىپ كۆپەيتىپ قويدۇم. ئۇنىڭ ماللىرى كۆپىيىۋەردى. بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇ ئادەم كېلىپ: ‹ئى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى، مېنىڭ ئىش ھەققىمنى بەرگىن›، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: ‹سەن كۆرۈۋاتقان ئاشۇ نەرسىلەر، يەنى تۆگە، كالا، قوي ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ئىش ھەققىڭ›، دېدىم. ئۇ: ‹ئى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى، مېنى زاڭلىق قىلما›، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: ‹سېنى زاڭلىق قىلىۋاتقىنىم يوق›، دېدىم. ئاندىن ئۇ ھېچ نەرسىنى قويماي ھەممىنى ئېلىپ كەتتى. ئى ئاللاھ! مۇشۇ ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلغانلىقىمنى بىلگەن بولساڭ، بىزدىن ئۇ تاشنى كۆتۈرۈۋەتكىن›، دېدى. تاش پۈتۈنلەي كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇلار غاردىن مېڭىپ چىقىپ كەتتى.» (بۇخارى 3465؛ مۇسلىم 2743؛ رىيازۇس سالىھىن 12) hedisim.com
ھەدىسنىڭ ئەرەبچە تېكىستى:
وعن أبي عبد الرحمان عبدِ الله بنِ عمرَ بن الخطابِ رضيَ اللهُ عنهما ، قَالَ : سمعتُ رسولَ الله ، يقول : (( انطَلَقَ ثَلاثَةُ نَفَرٍ() مِمَّنْ كَانَ قَبْلَكُمْ حَتَّى آوَاهُمُ المَبيتُ إِلى غَارٍ فَدَخلُوهُ، فانْحَدرَتْ صَخْرَةٌ مِنَ الجَبَلِ فَسَدَّتْ عَلَيْهِمُ الغَارَ ، فَقالُوا : إِنَّهُ لاَ يُنْجِيكُمْ مِنْ هذِهِ الصَّخْرَةِ إِلاَّ أنْ تَدْعُوا اللهَ بصَالِحِ أعْمَالِكُمْ .
قَالَ رجلٌ مِنْهُمْ : اللَّهُمَّ كَانَ لِي أَبَوانِ شَيْخَانِ كبيرانِ ، وكُنْتُ لا أغْبِقُ() قَبْلَهُمَا أهْلاً ولاَ مالاً ، فَنَأَى() بِي طَلَب الشَّجَرِ يَوْماً فلم أَرِحْ عَلَيْهمَا حَتَّى نَامَا ، فَحَلَبْتُ لَهُمَا غَبُوقَهُمَا فَوَجَدْتُهُما نَائِمَينِ ، فَكَرِهْتُ أنْ أُوقِظَهُمَا وَأَنْ أغْبِقَ قَبْلَهُمَا أهْلاً أو مالاً ، فَلَبَثْتُ – والْقَدَحُ عَلَى يَدِي – أنتَظِرُ اسْتِيقَاظَهُما حَتَّى بَرِقَ الفَجْرُ والصِّبْيَةُ يَتَضَاغَوْنَ() عِنْدَ قَدَميَّ ، فاسْتَيْقَظَا فَشَرِبا غَبُوقَهُما . اللَّهُمَّ إنْ كُنْتُ فَعَلْتُ ذلِكَ ابِتِغَاء وَجْهِكَ فَفَرِّجْ عَنّا مَا نَحْنُ فِيهِ مِنْ هذِهِ الصَّخْرَةِ ، فانْفَرَجَتْ شَيْئاً لا يَسْتَطيعُونَ الخُروجَ مِنْهُ .
قَالَ الآخر : اللَّهُمَّ إنَّهُ كانَتْ لِيَ ابْنَةُ عَمّ ، كَانَتْ أَحَبَّ النّاسِ إليَّ – وفي رواية : كُنْتُ أُحِبُّها كأَشَدِّ مَا يُحِبُّ الرِّجَالُ النساءَ – فأَرَدْتُهَا عَلَى نَفْسِهَا() فامْتَنَعَتْ منِّي حَتَّى أَلَمَّتْ بها سَنَةٌ مِنَ السِّنِينَ فَجَاءتْنِي فَأَعْطَيْتُهَا عِشْرِينَ وَمئةَ دينَارٍ عَلَى أنْ تُخَلِّيَ بَيْني وَبَيْنَ نَفْسِهَا فَفعَلَتْ ، حَتَّى إِذَا قَدَرْتُ عَلَيْهَا – وفي رواية : فَلَمَّا قَعَدْتُ بَينَ رِجْلَيْهَا ، قالتْ : اتَّقِ اللهَ وَلاَ تَفُضَّ الخَاتَمَ إلاّ بِحَقِّهِ() ، فَانصَرَفْتُ عَنْهَا وَهيَ أَحَبُّ النَّاسِ إليَّ وَتَرَكْتُ الذَّهَبَ الَّذِي أعْطَيتُها . اللَّهُمَّ إنْ كُنْتُ فَعَلْتُ ذلِكَ ابْتِغاءَ وَجْهِكَ فافْرُجْ عَنَّا مَا نَحْنُ فيهِ ، فانْفَرَجَتِ الصَّخْرَةُ ، غَيْرَ أَنَّهُمْ لا يَسْتَطِيعُونَ الخُرُوجَ مِنْهَا .
وَقَالَ الثَّالِثُ : اللَّهُمَّ اسْتَأْجَرْتُ أُجَرَاءَ وأَعْطَيْتُهُمْ أجْرَهُمْ غيرَ رَجُل واحدٍ تَرَكَ الَّذِي لَهُ وَذَهبَ، فَثمَّرْتُ أجْرَهُ حَتَّى كَثُرَتْ مِنهُ الأمْوَالُ، فَجَاءنِي بَعدَ حِينٍ ، فَقالَ : يَا عبدَ اللهِ ، أَدِّ إِلَيَّ أجْرِي ، فَقُلْتُ : كُلُّ مَا تَرَى مِنْ أجْرِكَ : مِنَ الإبلِ وَالبَقَرِ والْغَنَمِ والرَّقيقِ ، فقالَ : يَا عبدَ اللهِ ، لاَ تَسْتَهْزِىءْ بي ! فَقُلْتُ : لاَ أسْتَهْزِئ بِكَ ، فَأَخَذَهُ كُلَّهُ فاسْتَاقَهُ فَلَمْ يتْرُكْ مِنهُ شَيئاً . الَّلهُمَّ إنْ كُنتُ فَعَلْتُ ذلِكَ ابِتِغَاءَ وَجْهِكَ فافْرُجْ عَنَّا مَا نَحنُ فِيهِ ، فانْفَرَجَتِ الصَّخْرَةُ فَخَرَجُوا يَمْشُونَ ))() مُتَّفَقٌ عليهِ .