پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((قال ربكُم: ثلاثةٌ أنا خصمُهم يومَ القيامةِ، ومن كنتُ خصمهُ خصمتهُ: رجلٌ أعطى بي ثم غدرَ، ورجلٌ باع حرًّا فأكلَ ثمنهُ، ورجلٌ استأْجَر أجيرا فاستوفى منهُ ولم يوفهِ أجرهِ))«رەببىڭلار مۇنداق دەيدۇ: ئۈچ خىل كىشى باركى، قىيامەت كۈنى مەن ئۇلارنىڭ دۈشمىنىمەن. مەن كىمنىڭ دۈشمىنى بولسام، ئۇنى بولدى قىلىۋەتمەيمەن. (ئۇلار) مېنىڭ ئىسمىم بىلەن قەسەم قىلغان تۇرۇپ، سۆزىدە تۇرمىغان كىشى؛ ھۆر ئىنساننى سېتىپ، پۇلىنى يېگەن كىشى؛ براۋنى ئىشچىلىققا تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ھاجىتىنى ھەل قىلىپ، ئىش ھەققىنى بەرمىگەن كىشى.» (سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 3496؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 3049، سەھىھ) hedisim.com