رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((المؤمِنُ يأْلَفُ ويُؤْلَفُ ، ولا خيرَ فيمَنْ لا يألَفُ ولا يُؤْلَفُ ، وخيرُهُمْ أنفعُهُمْ لِلنَّاسِ)) «مۆمىن باشقا مۆمىنلەر بىلەن چىقىشىپ، ئۇيۇشىدىغان ۋە باشقىلار ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۇيۇشالايدىغان كىشىدۇر. ئۆزى باشقا مۆمىنلەر بىلەن چىقىشالمايدىغان ۋە باشقا مۆمىنلەر ئۇنىڭ بىلەن چىقىشالمايدىغان كىشىدە ياخشىلىق يوقتۇر. باشقىلارغا ئەڭ كۆپ پايدىسى يېتىدىغان مۇسۇلمان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.» (سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 9147، سەھىھ؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر 6662؛تەبرانى-ئەلئەۋسەت 6\58؛ ھەيسەمى-مجمع الزوائد- 10\276، سەھىھ) hedisim.com