«مەن بىلەن يېتىمنى بېقىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغان كىشى بىلەن جەننەتتە مانا مۇشۇنداقمىز»

أنا وكافِلُ اليتيمِ في الجنةِ هكذا

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (أنا وكافِلُ اليتيمِ في الجنةِ هكذا) «مەن بىلەن يېتىمنى بېقىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغان كىشى بىلەن جەننەتتە مانا مۇشۇنداقمىز.» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق دەپ، شاھادەت بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئىشارە قىلدى.  (سەھىھ جامى 1475؛ سەھىھ بۇخارى 6005) hedisim.com

بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ ئەلەيھى سالاتۇ ۋەسسالامنىڭ دەرىجىسى بىلەن يېتىمنى ياخشى تەربىيلەپ، بېقىپ چوڭ قىلغان مۆمىننىڭ دەرىجىسى ئارىسىدا شاھادەت بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارماق ئارىسىدىكىچىلىكلا پەرق بولىدىغانلىقىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (فەتھۇلبارى)

ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان كىشى جەننەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ قوشنىسى بولىمەن دېسە، ھەدىسكە كۆرستىلگىنىنى قىلغاي. (فەتھۇل بارى) hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ