دىننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان جاھىل موللىلارنىڭ خەتىرى ھەققىدىكى ھەدىس

وعن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «إن الله لا يقبض العلم انتزاعًا ينتزعه من الناس ولكن يقبض العلم بقبض العلماء حتى إذا لم يبقِ عالمًا، اتخذ الناس رءوسًا جهالا، فسئلوا فأفتوا بغير علم، فضلوا وأضلوا.»

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ئاللاھ تائالا ئىلىمنى ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدىن تارتىۋېلىش بىلەن ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئالىملارنىڭ ۋاپاتى ئارقىلىق ئېلىپ كېتىدۇ. ئالىم قالمىغان چاغدا، كىشىلەر (ئالىم ئاتىلىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە دىننىڭ ماھىيىتىنى، فىقھىنى، تەۋھىد، سۈننەتنى چۈشەنمەيدىغان) جاھىللارنى باشچى قىلۋالىدۇ. بۇنداق جاھىل كىشىلەردىن پەتىۋا سورالسا ئىلىمسىز ھالدا پەتىۋا بېرىپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ.» (بۇخارى 98؛ مۇسلىم 4828؛ رىيازۇس سالىھىن 1392؛ تىرمىزى 2652؛ ئىبنى ماجە) hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ