مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنِ التَمَسَ رِضَاءَ اللهِ بِسَخَطِ النَّاسِ كَفَاهُ اللَّهُ مُؤْنَةَ النَّاسِ ، وَمَنِ التَمَسَ رِضَاءَ النَّاسِ بِسَخَطِ اللهِ وَكَلَهُ اللَّهُ إِلَى النَّاسِ)«كىمكى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بەدىلىگە ئاللاھنى رازى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ ۋە كىشىلەردىن ئۇنى ساقلايدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بەدىلىگە كىشىلەرنى رازى قىلماقچى بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى كىشىلەرگە تاشلاپ قويىدۇ.» (تىرمىزى 2414؛ ئەلبانى سىلسىلە ئەسسەھىھ-2311-دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئ 6097؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 276؛ ئىبنى مۇفلىھ-ئەدەب ئەششەرئىيە 1\164؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس، دېگەن) hedisim.com