ئەبۇ سەئلەبە ئەلكۇشانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: إِنَّ مِنْ وَرَائِكُمْ أَيَّامَ الصَّبْرِ، الصَّبْرُ فِيهِ مِثْلُ قَبْضٍ عَلَى الْجَمْرِ، لِلْعَامِلِ فِيهِمْ مِثْلُ أَجْرِ خَمْسِينَ رَجُلًا يَعْمَلُونَ مِثْلَ عَمَلِهِ، قَالَوا يَا رَسُولَ اللهِ! أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْهُمْ؟! قَالَ: أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْكُمْ«چوقۇمكى، كەلگۈسىدە سەبر زامانى كېلىدۇ. ئۇ چاغدىكى سەبر بەئەينى كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغاندەك (قىيىن) بولىدۇ. ئۇ كۈنلەردە (قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن) ئەمەل-ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرغۇچىغا ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ساۋاب بېرىلىدۇ.»
ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! (شۇنداق بىرىگە) شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ساۋاب بېرىلەمدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:
«سىلەردىن (يەنى ساھابىلەردىن) ئەللىك كىشىنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4341؛ تىرمىزى 3058؛ تىرمىزى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» 494 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھتا – 4\486-سەھىھ دېگەن)