جەننىتى ئايالنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرىدىن بىرى

 

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدسىتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن سىلەرگە ئاراڭلاردىكى جەننەتتە بولىدىغان ئەرلەردىن خەۋەر بەرمەيمۇ؟ دېۋىدى. بىز، خەۋەر بەرسىلە ئې رەسۇلۇللاھ! دېدۇق. پەيغەمبەرئەلەيھىسالام: پەيغەمبەر جەننەتتە بولىدۇ، راستچىل كىشى جەننەتتە بولىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يىراق يەردىكى قېرىندشىنى باشقا مەقسەتتىن خالى ھالدا، ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ زىيارەت قىلغان كىشى جەننەتتە بولىدۇ، دېدى. ئۇنىڭدىن كىيىن، مەن سىلەرگە ئاراڭلاردىن جەننەتتە بولىدىغان ئاياللارنىڭ خەۋىرىنى بەرمەيمۇ؟ دېۋىدى، بىز سۆزلەپ بەرسىلە ئې رەسۇلۇللاھ دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مېھرى-مۇھەببەتلىك، تۇغۇمچان، ئەگەر ئاچچىقى كەلسە ياكى پەرىشانلىق يەتسە ياكى ئۇنىڭغا ئېرى ئاچچىقلىسا، بۇ قولۇم سېنىڭ قولۇڭنىڭ ئۇستىدە (يەنى ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى) مەندىن رازى بولمىغۇنچە قەدەر كىرپىكىمنى قاقمايمەن (يەنى كۆزۈمگە ئۇيقا كەلمەيدۇ) دېگۈچى ئاياللار جەننەتتە بولىدۇ، دېدى.[تىبرانى ”ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت“ ناملىق ئەسىرى 2-توم 206-بەتتە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3380- ھەدىس، سەھىھ ئەتتەرغىب ناملىق ئەسىرى 1942-ھەدىستە بايان قىلغان] hedisim.com

عن أنس بن مالك رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال : ( أَلَا أُخبِرُكُم بِرِجَالِكُم فِي الجَنَّةِ ؟ قُلنَا : بَلَى يَا رَسُولَ اللَّهِ . قال : النَّبِيُّ فِي الجَنَّةِ ، وَالصِّدِّيقُ فِي الجَنَّةِ ، وَالرَّجُلُ يَزُورُ أَخَاهُ فِي نَاحِيَةِ المِصرِ لَا يَزُورُهُ إِلاَّ لِلَّهِ فِي الجَنَّةِ ، أَلَا أُخبِرُكُم بِنِسَائِكُم فِي الجَنَّةِ ؟ قُلنَا : بَلَى يَا رَسُولَ اللَّهِ . قَالَ : وَدُودٌ وَلُودٌ إِذَا غَضِبَت أَو أُسِيءَ إِلَيهَا أَو غَضِبَ زَوجُهَا قَالَت : هَذِهِ يَدِي فِي يَدِكَ ، لَا أَكتَحِلُ بِغِمضٍ حَتَّى تَرضَى ) رواه الطبراني في ”المعجم الأوسط“ (2/206) وقد جاء عن جماعة من الصحابة آخرين ، لذلك حسنه الألباني في السلسلة الصحيحة (3380) وفي صحيح الترغيب (1942)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ