ئەجۋە خورمىسىنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا

 

ئەجۋە خورمىسىنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا
سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئامىر ئاتىسىدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھەر كۈنى يەتتە تال ئەجۋە خورمىسىدا ناشتا قىلسا، ئۇنىڭغا شۇ كۈندە زەھەر ياكى سېھىر زىيان ئۇرمايدۇ»‏‏.‏  (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. بۇخارىي، 5445 – ھەدىس، مۇسلىم، 2047 – ھەدىس)
يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھەر كۈنى بىرقانچە تال ئەجۋە خورمىسىدا ناشتا قىلسا، ئۇنىڭغا شۇ كۈندە كېچىگىچە زەھەر ياكى سېھىر زىيان ئۇرمايدۇ»‏‏. ئىمام بۇخارىي دەيدۇ: ئۇنىڭدىن (ئەلىدىن) باشقىلار: ‏«يەتتە تال ئەجۋە خورمىسىدا» ‏‏دەپ رىۋايەت قىلغاندۇر. (بۇخارىي، 5768 – ھەدىس)
يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى مەدىنەنىڭ ئىككى سايلىقى ئارىلىقىدىكى خورمىدىن يەتتە تالدا ناشتا قىلسا، ئۇنىڭغا شۇ كۈندە كەچ قىلغۇچە زەھەر زىيان ئۇرمايدۇ»‏‏ (مۇسلىم، 2047 – ھەدىس)
رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ