أَلا أدُلُّكُمْ علَى ما يَمْحُو اللَّهُ به الخَطايا، ويَرْفَعُ به الدَّرَجاتِ؟ قالُوا بَلَى يا رَسولَ اللهِ، قالَ: إسْباغُ الوُضُوءِ علَى المَكارِهِ، وكَثْرَةُ الخُطا إلى المَساجِدِ، وانْتِظارُ الصَّلاةِ بَعْدَ الصَّلاةِ، فَذَلِكُمُ الرِّباطُ. وليسَ في حَديثِ شُعْبَةَ ذِكْرُ الرِّباطِ. وفي حَديثِ مالِكٍ ثِنْتَيْنِ فَذَلِكُمُ الرِّباطُ، فَذَلِكُمُ الرِّباطُ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «مەن سىلەرگە ئۇنى قىلىش بىلەن گۇناھلارنى ئۆچۈرۈپ، دەرىجىلەرنى يۈكسەلتىدىغان بىر ئىشنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، شۇنداق قىلغايلا» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرۇغلۇقمۇ تاھارەتنى كامىل ئېلىش، مەسجىدلەرگە ماڭغان قەدەملەرنى كۆپەيتىش، (مەسجىدتە) نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر نامازنى (مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن) ساقلاش. مانا بۇلار رىبات جۈملىسىدىندۇر.» دېدى. (سەھىھ مۇسلىم 251؛ تىرمىزى 51؛ نەسائى 144؛ مۇۋەتتا مالىك 3\141؛ مىشكات مەسابىھ 282)
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە (252-نومۇر) ۋە نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە رىۋايىتىدە (144-نومۇر) «فَذَلِكُمُ الرِّبَاطُ فَذَلِكُمُ الرِّبَاطُ» «بۇلار رىبات جۈملىسىدىندۇر، بۇلار رىبات جۈملىسىدىندۇر» دەپ ئىككى قېتىم كەلگەن. ئىمام مالىكنىڭ مۇۋەتتا ناملىق ھەدىس كىتابىدا «بۇ رىباتتۇر، بۇ رىباتتۇر، بۇ رىباتتۇر» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلانغان.
تەپسىلاتى: ئىمام نەۋەۋىنىڭ «سەھىھ مۇسلىم شەرھى»، 2\472
hedisim.com