ئەسىر نامىزىنى ئوقىمىغۇچىنىڭ، ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇماي زايە قىلىۋەتكۈچىنىڭ تارتىدىغان زىيىنى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«من ترك صلاة العصر فقد حبط عمله»«كىمكى ئەسىر نامىزىنى (ۋاقتىدا) ئوقۇمىسا، قىلغان (ياخشى ئەمەللىرى) بىكار بولۇپ كېتىدۇ.» (بۇخارى 552؛ ئەبۇ داۋۇد 410؛ تىرمىزى 175؛ نەسائى 1\238) hedisim.com

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «الذي تفوته صلاة العصر كأنما وُتِرَ أهله وماله»«ئەسىر نامىزىنى زايە قىلىۋەتكەن كىشى ئائىلىسىدىن ۋە مېلىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىگە ئوخشاشتۇر.» (بۇخارى 553؛ مۇسلىم 626) hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ