گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدسىلەر
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
hedisim.com | mujtehid.com
ئەخلاق — كىشىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ماختىلىدىغان ياكى تەنقىدلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلەردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. hedisim.com (قۇرتۇبى، مۇفھىم)
گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۈرلىرى: كەچۈرۈش، ھىلم، مەرتلىك، سەبر، ئەزىيەتلەرگە چىداش، مېھرىبانلىق، شەپقەت، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش، يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش… قاتارلىقلار. hedisim.com (فەتھۇلبارى)
ئىمام تىرمىزى گۈزەل ئەخلاقنىڭ نېمىلىكى توغرۇلۇق ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «گۈزەل ئەخلاق — خۇش چىراي بولۇش، ھەممە كىشىگە (بەدەلسىز) ياخشىلىق قىلىش ۋە ھېچكىمگە ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىكتۇر.» hedisim.com (تىرمىزى 2005؛ رىيازۇس سالىھىن 340-بەت)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ((الَّلهُمَّ حَسَّنتَ خَلْقِي فَحَسِّن خُلُقِي)) «ئى رەببىم! يارىتىلىشىمنى گۈزەل قىلغىنىڭدەك، ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلغىن.» hedisim.com (ئەھمەد؛ ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى – ئىرۋائۇل غەلىل، 75؛ ئىبنى ھەجەر-فەتھۇل بارى 12\122)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّمَا بُعِثتُ لِأُتَمِّمَ مَكَارِمَ الأَخلَاقِ))«شۈبىھسىزكى، مەن گۈزەل ئەخلاقنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم.» hedisim.com (بۇخارى-ئەدەب ئەلمۇفرەد 273؛ ئەلبانى-سىلسىلە ئەسسەھىھە 45)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان زات ئىدى.» hedisim.com (بۇخارى 6203؛ مۇسلىم 2150؛ رىيازۇس سالىھىن 621)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ مِنْ أَحَبِّكُمْ إِلَيَّ وَأَقْرَبِكُمْ مِنِّي مَجْلِسًا يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَحَاسِنَكُمْ أَخْلَاقًا)) «ئاراڭلاردا ماڭا ئەڭ سۈيۈملۈك بولغىنىڭلار، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار — ئەخلاقىڭلار ئەڭ ياخشى بولغانلىرىڭلاردۇر.» hedisim.com (تىرمىزى 2018؛ ئەلبانى «سەھىھ تىرمىزى»دا سەھىھ دېگەن)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ خِيَارَكُمْ أَحَاسِنُكُمْ أَخْلَاقًا))«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار — ئەخلاقى ئەڭ ياخشى بولغىنىڭلاردۇر.» hedisim.com (بۇخارى 6035؛ مۇسلىم 2321)
ئۇسامە ئىبنى شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا، ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر كىملەر؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغۇچىلاردۇر» دېدى. hedisim.com (ئىبنى ھىببان، ھاكىم، تەبرانى؛ فەتھۇلبارى 12\123، سەھىھ)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ الرَّجُلَ لَيُدْرِكُ بِحُسْنِ خُلُقِهِ دَرَجَات قَائِمِ اللَّيْلِ صَائِمِ النَّهَارِ)) «كىشى گۈزەل خۇلقى ئارقىلىق كېچىسى ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتىدىغان (ئابىد) كىشىنىڭ دەرىجىسىگە ئۇلىشىدۇ.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ مستدرك الحاكم ١٩٩، صحيح الجامع الصغير ١٦٢٠؛ ئىمام ھاكىم: بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ دېگەن) ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندا ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان.
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا مِنْ شَيْءٍ أَثْقَل فِي الْمِيزَان مِنْ حُسْنِ الْخُلُقِ)) «مىزاندا گۈزەل خۇلقتىنمۇ بەك ئېغىر ئولتۇرىدىغان نەرسە يوقتۇر.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ أبو داود ٤٧٩٩، باب في حسن الخلق، تعليق الألباني «صحيح»)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۆت چوڭ تۈۋرۈكى بار بولۇپ، بۇ تۆت خىسلەتتىن باشقىسىنىڭ گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۆت چوڭ تۈۋرۈكى بولالمايدۇ، ئۇلار — سەبىر، ئىپپەت، جاسارەت ۋە ئادالەتتۇر. (ئىبنى قەييىم ئەسەرلىرىدىن جەۋھەرلەر، 1\523)
وعَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ : سُئِلَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَنْ أَكْثَرِ مَا يُدْخِلُ النَّاسَ الْجَنَّةَ ؟ فَقَالَ : ( تَقْوَى اللَّهِ وَحُسْنُ الْخُلُقِ )
ئەبۇ ھۇرەيرە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئەڭ كۆپ سەۋەب بولىدىغان نەرسە نېمە؟» دەپ سورىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق» دەپ جاۋاپ بەردى. hedisim.com (تىرمىزى 2004؛ ئەلبانى «سەھىھ تىرمىزى»دا سەھىھ دېگەن)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ئىمانى ئەڭ ئۈستۈن كىشىلەر — ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغۇچىلاردۇر.» hedisim.com (ئەبۇ يەئلا؛ فەتھۇلبارى 12\122)
ئەبۇ ئۇمامە ئەلباھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆزىنىڭ ھەق تۇرۇپ (باشقىسى بىلەن) تالاش-تارتىش قىلىشنى تەرك ئەتكەن كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ بۇلۇڭىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن. چاقچاق قىلسىمۇ يالغان سۆزلەشتىن ئۇزاق تۇرغان كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن. ئەخلاقى گۈزەل بولغان مۆمىن ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن يېرىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4800؛ رىيازۇس سالىھىن 630)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ اللهَ تعالى جَميلٌ يحبُّ الجمالَ)) «ئاللاھ تائالا گۈزەلدۇر. (سۆزدە، ھەرىكەتتە ۋە ئەخلاقتا) گۈزەل بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 1720؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1741)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ اللهَ تعالى جَوادٌ يحبُّ الجُودَ، ويحبُّ مَعالِي الأَخلاقِ، ويكرَهُ سَفسافَها)) «ئاللاھ تائالا مەرتتۇر، مەرتلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، گۈزەل خۇي-مىجەزلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ناچار، پەس خۇي-مىجەزلەرنى يامان كۆرىدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 1723؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1744؛ تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ۋە ئىبنى ئابباستىن، سەھىھ) hedisim.com
وعَنْ أَبي هُرَيْرَةَ، أنه قال: » قِيلَ لِلنَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: يَا رَسُولَ اللَّهِ! إِنَّ فُلَانَةً تَقُومُ اللَّيْلَ وَتَصُومُ النَّهَارَ، وَتَفْعَلُ، وَتَصَّدَّقُ، وَتُؤْذِي جِيرَانَهَا بِلِسَانِهَا؟ فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: لَا خَيْرَ فِيهَا، هِيَ مِنْ أَهْلِ النَّارِ. قَالُوا: وَفُلَانَةٌ تُصَلِّي الْمَكْتُوبَةَ، وَتَصَّدَّقُ بِأَثْوَارٍ، وَلَا تُؤْذِي أَحَدًا؟ فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: هِيَ مِنْ أَهْلِ الْجَنَّةِ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پالانى ئايال كېچىدە ناماز ئوقۇيدۇ، كۈندۈزدە روزا تۇتىدۇ، سەدىقە قىلىدۇ ۋە كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىدۇ، لېكىن خوشنىلىرىغا بەك ئەزىيەت بېرىدۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايالدا ياخشىلىق يوق، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن دېگەن. ساھابىلار: پالانى ئايال بەش ۋاقىت نامىزىنى ئوقۇيدۇ، ئاددى نەرسىلەرنى بولسىمۇ سەدىقە قىلىدۇ، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەيدۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايال جەننەت ئەھلىدىن دېگەن. hedisim.com (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 119-بەتتە، ئىمام ئەھمەد «ئەلمۇسنەد» 15-توم 421-بەتتە كەلتۈرگەن. باشقا ھەدىس ئالىملىرىمۇ ئۆز كىتابىدا كەلتۈرگەن. ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى»1-توم 369-بەتتە نەقىل قىلغان)
عَنْ أَبِيْ ذَرٍّ جُنْدُبِ بنِ جُنَادَةَ وَأَبِي عَبْدِ الرَّحْمَنِ مُعَاذِ بِنِ جَبَلٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا عَنْ رَسُولِ اللهِ ﷺ قَالَ: (اتَّقِ اللهَ حَيْثُمَا كُنْتَ، وَأَتْبِعِ السَّيِّئَةَ الحَسَنَةَ تَمْحُهَا، وَخَالِقِ النَّاسَ بِخُلُقٍ حَسَنٍ ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن. وفي بعض النسخ: حسنٌ صحيح.
ئەبۇ زەر جۇندۇب ئىبنى جۇنادە ۋە ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «نەدىلا بولمىغىن ئاللاھتىن قورققىن. بىر يامانلىق قىلغان بولساڭ، ئارقىسىدىنلا بىر ياخشى ئەمەل قىلغىن، بۇنىڭ بىلەن يامان ئىشىڭ يوققا چىقسۇن. كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن.» hedisim.com (ئەھمەد 21354؛ تىرمىزى 1987؛ ھاكىم 1\54)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۆمىنلەر ئىچىدە ئىمانى ئەڭ مۇكەممىلى — ئەخلاقى (مىجەز–خۇلقى) ئەڭ ياخشى بولغانلاردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر.» hedisim.com (رىيازۇس سالىھىن 628)
مۇلايىملىقنىڭ پەزىلىتى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((إذا أراد الله بأهل بيت خيرا أدخل عليهم الرفق)) «ئاللاھ تائالا بىر ئائىلىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئائىلىنىڭ كىشىلىرىنى مۇلايىم قىلىدۇ.» hedisim.com (ئەلبانى سەھىھ جامىئۇس سەغىر 203؛ سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 393، ھەسەن)
رەھىم-شەپقەتلىك، مېھرىبان بولۇشنىڭ پەزىلىتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الرَّاحِمُونَ يَرْحَمُهُمْ الرَّحْمَنُ، ارْحَمُوا أَهْلَ الأَرْضِ، يَرْحَمْكم مَنْ فِي السَّمَاءِ)) «كۆڭلى يۇمشاق، رەھىم-شەپقەتلىك كىشىلەرگە رەھمان تائالا رەھمەت قىلىدۇ. زېمىندىكىلەرگە رەھىم-شەپقەتلىك بولۇڭلار، ئاسماندىكى زات سىلەرگە رەھمەت قىلىدۇ.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ أَبو داود (٤٩٤١) باب في الرحمة، تعليق الألباني «صحيح»)
ناچار ئەخلاقنىڭ ۋابالى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن شر الناس منزلة عند الله يوم القيامة من تركه الناس اتقاء فحشه)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىداا ئەھۋالى ئەڭ يامان بولغان ناچار ئەخلاقى سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 2591؛ سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 2284؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2095؛ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكردىن) hedisim.com
— ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى