ئائىشە ئانىمىزنىڭ پەزىلىتى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «ئى ئۇممۇ سەلەمە! ئائىشە توغرىسىدا ماڭا ئازار بەرمەڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئائىشەدىن باشقا ھېچ بىرىڭلارنىڭ يېنىدا ياتقان ۋاقتىمدا ماڭا ۋەھى نازىل بولمىدى، پەقەت ئائىشەنىڭ يېنىدا ياتقاندا نازىل بولدى.» hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى 3755-ھەدىس].

ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: كىشىلەرنىڭ قايسىسى سىلىگە بەك سۆيۈملۈك؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا» دېگەن، ئەرلەردىن كىم؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ دادىسى» دېگەن، ئۇنىڭدىن قالسا؟ دېسەم، «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا بىر قانچە كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى دېگەن». hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى3662-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2384-ھەدىس].

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ