«ئى ئۆمەر! ئۇلارغا دۇنيا بىزگە ئاخىرەت بېرىلسە بۇنىڭغا رازى بولمامسەن؟»

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىۋىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بورا ئۈستىدە، بېشىغا تېرىدىن ئېچىگە خورمىنىڭ يۇمشاق تالالىرى سېلىنغان ياستۇق قويۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىدىكى بورا ئىزلىرىنى كۆرۈپ يىغلاپ سالدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نېمىگە يىغلايسەن، دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قەيسەر (رىملىقلارنىڭ پادىشاھى) كىسرا (پارسلارنىڭ پادىشاھى) ئالى تۇرمۇشتا ياشايدۇ، سىلە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى-پەيغەمبىرى تۇرسىلا دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئۆمەر! ئۇلارغا دۇنيا بىزگە ئاخىرەت بېرىلسە بۇنىڭغا رازى بولمامسەن؟، دېۋىدى، ئەلۋەتتە رازى بولىمەن دېدىم. hedisim.com [بۇخارى رىۋايىتى 4913-ھەدىس، ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 1479-ھەدىس].

روى البخاري (4913) ، ومسلم (1479) : » أن عمر رضي الله عنه دخل على رَسُول اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ، وقد نام على حصير أثَّر في جنبه صلى الله عليه وسلم ، وَتَحْتَ رَأْسِهِ وِسَادَةٌ مِنْ أَدَمٍ [جلد] حَشْوُهَا لِيفٌ ، قال عمر : فَرَأَيْتُ أَثَرَ الحَصِيرِ فِي جَنْبِهِ فَبَكَيْتُ ، فَقَالَ : (مَا يُبْكِيكَ ؟) ، فَقُلْتُ: يَا رَسُولَ اللَّهِ ، إِنَّ كِسْرَى وَقَيْصَرَ فِيمَا هُمَا فِيهِ ، وَأَنْتَ رَسُولُ اللَّهِ! فَقَالَ: ( أَمَا تَرْضَى أَنْ تَكُونَ لَهُمُ الدُّنْيَا وَلَنَا الآخِرَةُ؟ ) «.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ