ئەرش ۋە كۇرسىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدىكى ھەدىس

ئەرش ۋە كۇرسىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدىكى ھەدىس

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ما السموات السبع في الكرسي إلا كحلقة ملقاة بأرض فلاة و فضل العرش على الكرسي كفضل تلك الفلاة على تلك الحلقة))«يەتتە قات ئاسمان كۇرسىغا نىسبەتەن بىپايان چۆلدىكى بىر ئۈزۈكچىلىكلا چوڭلۇقتىدۇر. ئەرشنىڭ كۇرستىن چوڭلۇقى بولسا بىپايان چۆلنىڭ ئۇنىڭغا قويۇلغان ئۈزۈكتىن چوڭلۇقىغا ئوخشاشتۇر.» hedisim.com (ئىبنى ئەبى شەيبە-كىتابۇل ئەرش 58؛ بەيھەقى-ئەسما ۋەسسىفات 862؛ ئەلبانى «سىلسىلەتۇل ئەھادىس سەھىھە» (109) دا بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ مۇنداق دېگەن: ئەرشنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە تۇتاشقان بۇنىڭدىن باشقا سەھىھ ھەدىس يوقتۇر)

ئىمام ئىبنى ھەجەر سەھىھ بۇخارىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر شەرھى ھېسابلانغان «فەتھۇلبارى» ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام بەيھەقىنىڭ «ئەسما ۋەسسىفات» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «تەپسر ئالىملىرى ئەرشنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ياراتقان بىر جىسىم بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەرشنى پەرىشتىلەرنىڭ كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا بۇيرۇغانلىقىنى ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ، ئەرشنىڭ ئەتراپىدا تاۋاپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن.» (فەتھۇلبارى 14\497)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ