پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىر قىسمى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ، كىم ماڭا دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، بىر نەرسە سورىسا سورىغىنىنى بىرىمەن، كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا كەچۈرۈم قىلىمەن دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1077- ۋە مۇسلىم رىۋايىتى758-ھەدىسلەر]. hedisim.com وقال عليه الصلاة والسلام ( ينزل ربنا تبارك وتعالى كل ليلة إلى السماء الدنيا , حين يبقى ثلث الليل الآخر , فيقول من يدعوني فأستجيب له , من يسألني فأعطيه ، من يستغفرني فأغفر له ) رواه البخاري (1077) ومسلم(758) .
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەر كۈنى ئاللاھغا يەتمىش قېتىمدىن ئارتۇق تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىمەن. [بۇخارى رىۋايىتى6307-ھەدىس]. hedisim.com قال عليه الصلاة والسلام ( والله إني لأستغفر الله , وأتوب إليه في اليوم أكثر من سبعين مرة ) رواه البخاري برقم 6307.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۆلۈكتە ئوزۇق-تۈلۈكى بار بولغان تۆگىسىنى يوقۇتۇپ قويۇپ كېيىن تېپىۋالغاندا خۇرسەن بولغىنىدىنمۇبەكرەك خۇرسەن بولىدۇ. [بۇ ھەدىس بىرلىككە كەلگەن بولۇپ بۇخارى 6309- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان]. hedisim.com قال النبي عليه الصلاة والسلام ( لَلَّه أفرح بتوبة عبده من أحدكم , سقط على بعيره , وقد أضله في أرض فلاة ) متفق عليه أخرجه البخاري برقم 6309.