كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنىڭ (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ) ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن جەڭ قىلىدىكەن، ئەنە شۇ ئاللاھ تائالا يولىدىدۇر

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئۆزىنىڭ نوچىلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ياكى ۋەتەن-مىللىتىنى قوغداش ئۈچۈن ۋەياكى رىياخورلۇق  يۈزىسىدىن جەڭ قىلىدىغانلار بار، بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ تائالا يولىدا جەڭ قىلغان بولىدۇ؟» دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ:«كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنىڭ (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ) ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن جەڭ قىلىدىكەن، ئەنە شۇ ئاللاھ تائالا يولىدىدۇر» دېدى. (بۇخارى 2810؛ مۇسلىم 1904، رىيازۇس سالىھىن 8) hedisim.com وعن أبي موسى عبدِ اللهِ بنِ قيسٍ الأشعريِّ  ، قَالَ : سُئِلَ رسولُ الله  عَنِ الرَّجُلِ يُقاتلُ شَجَاعَةً ، ويُقَاتِلُ حَمِيَّةً، ويُقَاتِلُ رِيَاءً، أَيُّ ذلِكَ في سبيلِ الله ؟ فقال رَسُول الله  : (( مَنْ قَاتَلَ لِتَكونَ كَلِمَةُ اللهِ هي العُلْيَا ، فَهوَ في سبيلِ اللهِ )) مُتَّفَقٌ عَلَيهِ .

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ