سەھىھ ھەدىس | يەتتە قات ئاسمان، ئەرش، كۇرسى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇغلۇقى

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (ما بين السماء إلى الأرض مسيرة خمسمائة عام، ثم ما بين كل سماءين مسيرة خمسمائة عام، وغلظ كل سماء مسيرة خمسمائة عام، ثم ما بين السماء السابعة وبين الكرسي خمسمائة عام، وما بين الكرسي وبين الماء خمسمائة عام، والكرسي فوق الماء، والله تعالى فوق العرش، ولا يخفى عليه من أعمالكم شيء) «زېمىن بىلەن بىرىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئارىسىدا بەش يۈز يىللىق مۇساپە بار. ھەر بىر ئاسماننىڭ ئارىسى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدۇر. ھەر بىر ئاسماننىڭ ئېگىزلىكى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدۇر. كۇرسى بىلەن يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئارىلىقى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدۇر. كۇرسى بىلەن سۇنىڭ ئارىلىقى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدۇر. كۇرسى سۇنىڭ ئۈستىدۇر. ئاللاھ تائالا ئەرشنىڭ ئۈستىدىدۇر. سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھېچبىر ئىش ئاللاھ تائالاغا مەخپىي قالمايدۇ.» hedisim.com (دارىمى-جەھمىيەگە رەددىيە 55؛ ئىبنى خۇزەيمە-تەۋھىد-105؛ تەبرانى ئەلكەبىر 9\202؛ ئەبۇ شەيخ-العظمة 2\565؛ ئىبنى بەتتا-ئىبانە 3\171؛ لالىكائى-ئىتىقاد 3\395؛ ئىبنى ئابدىلبەر-تەمھىد 7\139؛ بەيھەقى-ئەسما ۋەسسىفات 507؛ زەھەبى-ئەلئۇلۇۋ 79؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئىمام ئەھمەد-سۈننەت؛ يۇقارقى ئالىملاردىن باشقا شەيخ ئەلبانىمۇ بۇ ئەسەرنى مۇختەسەر ئەلئۇلۇۋ -75-دە سەھىھ دېگەن) * ئەسكەرتىش: ئىنسانىيەت بايقاپ چىقالىغان ئەڭ يىراق ئاسمانمۇ بىرىنچى قەۋەت ئاسمان دائىرىسىدىدۇر. ئىنساننىڭ بىلىش دائىرىسى بىرىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ نېرىسىغا چىقالمايدۇ.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ