ھەدىس:«مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەت ئىزلىرى سەۋەبلىك يۈزلىرى نۇرلۇق، پۇت-قوللىرى پارلاق ھالەتتە (مەشھەرگاھ مەيدانىدا) چاقىرىلىدۇ…»

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أمتي يدعون يوم القيامة غرا محجلين من آثار الوضوء – فمن استطاع منكم أن يطيل غرته فليفعل)) «مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەت ئىزلىرى سەۋەبلىك يۈزلىرى نۇرلۇق، پۇت-قوللىرى پارلاق ھالەتتە (مەشھەرگاھ مەيدانىدا) چاقىرىلىدۇ. كىمكى يۈزىنىڭ نۇرىنى ئاشۇرۇشقا كۈچى يەتسە، شۇنداق قىلسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 136؛ جامىئۇس سەغىر 2220؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن) * بۇ ھەدىستىن تاھارەتنى كۆپ ئېلىپ، نامازنى ۋە شۇ تىپتىكى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشقا تەشۋىق بار. ھەرگىزمۇ پۇت قولنى تاھارەتتە يۇيۇش بەلگىلەنگەن چەك-چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاشۇرۇپ يۇيۇشقا — مەسىلەن، بېلەكنى قولتۇققىچە، پۇتنى تىزغىچە يۇيۇشقا — ئەمەس.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ