پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (إذا أسلم العبد فحسن إسلامه يكفر الله عنه كل سيئة كان زلفها، وكان بعد ذلك القصاص: الحسنة بعشر أمثالها إلى سبعمائة ضعف، والسيئة بمثلها إلا أن يتجاوز الله عنها) «كىشى ئىسلامغا كىرىپ، ئاللاھقا ياخشى ئىبادەت قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرىنى مەغفرەت قىلىۋېتىدۇ. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى ھەر ئەمىلىگە مۇكاپات ياكى جازا بېرىدۇ. ياخشى ئەملىگە ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ساۋاب بېرىلىدۇ، يامان ئەمىلىگە بولسا — ئۇ يامان ئەمەلنى ئاللاھ مەغفىرەت قىلىۋەتمىگەن تەقدىردە — شۇ ئەمىلىنىڭ باراۋىرىدە جازا بېرىلىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 438؛ بۇخارى-مۇئەللەق؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئ337؛ سەھىھ ھەدىس)