ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يالغاندىن خېرىدار بولۇشنى چەكلىدى.» hedisim.com (بۇخارى 1998؛ مۇسلىم 2792؛ رىيازۇس سالىھىن 1583)
يەنە ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سودىدا ئالدانغانلىقىنى ئېيتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «كىم بىلەن سودىلاشساڭ ‹ھىيلە ئىشلىتىش بولمىسۇن› دېگىن» دېدى. (بۇخارى 2230؛ مۇسلىم 2863؛ رىيازۇس سالىھىن 1583)
ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىزگە قارشى قورال كۆتۈرگەن بىزدىن ئەمەس. بىزنى ئالدىغانمۇ بىزدىن ئەمەس.»(مۇسلىم 146؛ رىيازۇس سالىھىن 1580)